Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خەلقلەرنىڭ كۆپ خىل تىللارغا بۆلۈنۈشى

1 دەسلەپتە يەر يۈزىدە بىرلا تىل بار ئىدى، ئادەملەر پەقەت بىرلا تىلدا سۆزلىشەتتى.

2 ئۇلار شەرققە قاراپ يۆتكىلىپ، بابىلدىكى بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ جايلاشتى.

3 ئۇلار ئۆزئارا: _ كېسەك قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! _ دەپ مەسلىھەتلەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارا موم ئىشلىتىدىغان بولدى.

4 ئاندىن ئۇلار: _ كېلىڭلار، بىز بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەر مۇنارىنىڭ ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشسۇن. بىز شۇ ئارقىلىق نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.

5 پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بىنا قىلىۋاتقان شەھەر ۋە مۇنارىنى كۆرگىلى پەسكە چۈشتى.

6 پەرۋەردىگار: _ ئۇلار بىرلىشىپ بىر خەلق بولۇپتۇ، بىر تىلدا سۆزلىشىدىكەن. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلالىغۇدەك.

7 شۇڭا پەسكە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسۇن، _ دېدى.

8 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتتى. ئۇلار بىنا قىلىۋاتقان شەھەرمۇ ئىشتىن توختىدى.

9 پەرۋەردىگار بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ شەھەرنىڭ نامى بابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «قالايمىقانچىلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالدى.


سامنىڭ ئەۋلادلىرى

10 سامنىڭ ئەۋلادلىرى: توپان بالاسى ئۆتۈپ ئىككىنچى يىلى سامنىڭ ئوغلى ئارپاكشاد تۇغۇلدى. بۇ چاغدا سام 100 ياشتا ئىدى.

11 كېيىن ئۇ يەنە 500 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

12 ئارپاكشاد 35 يېشىدا ئوغلى شەلاخ تۇغۇلدى.

13 كېيىن ئۇ يەنە 403 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

14 شەلاخ 30 يېشىدا ئوغلى ئېبەر تۇغۇلدى.

15 كېيىن ئۇ يەنە 403 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

16 ئېبەر 34 يېشىدا ئوغلى پەلەگ تۇغۇلدى.

17 كېيىن ئۇ يەنە 430 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

18 پەلەگ 30 يېشىدا ئوغلى رىئۇ تۇغۇلدى.

19 كېيىن ئۇ يەنە 209 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

20 رىئۇ 32 يېشىدا ئوغلى سىرۇگ تۇغۇلدى.

21 كېيىن ئۇ يەنە 207 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

22 سىرۇگ 30 يېشىدا ئوغلى ناخور تۇغۇلدى.

23 كېيىن ئۇ يەنە 200 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

24 ناخور 29 يېشىدا ئوغلى تەراھ تۇغۇلدى.

25 كېيىن ئۇ يەنە 119 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

26 تەراھ 70 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران قاتارلىق ئوغۇل پەرزەنتلەرنى كۆردى.


تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى

27 تەراھتىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران تۆرەلدى. ھاراندىن لۇت تۆرەلدى.

28 ھاران كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتى ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھتىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى.

29 ئىبرام ساراھقا، ناخور ھاراننىڭ قىزى مىلكاھقا ئۆيلەندى. ھاراننىڭ يەنە يىسكاھ ئىسىملىك بىر قىزىمۇ بار ئىدى.

30 ساراھ تۇغماس بولغاچقا، پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.

31 تەراھ ئوغلى ئىبرام، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى) ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئانغا كەتمەكچى بولدى. بىراق ئۇلار خاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

32 تەراھ 205 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، خاراندا ئالەمدىن ئۆتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan