Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى

1 نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان سام، ھام ۋە يەفەت توپان بالاسىدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:

2 يەفەتنىڭ ئەۋلادلىرى: گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس.

3 گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە توگارما.

4 ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە رودانىم.

5 ئۇلار دېڭىز بويلىرى ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ ئەجدادى بولدى. ئۇلار ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشايدىغان ھەر خىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئەللەردىن بولۇپ قالدى.

6 ھامنىڭ ئەۋلادلىرى: كۇش، مىسىر، پۇئۇت ۋە كەنئان.

7 كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى: سىبا، خاۋىلا، سابتاھ، راماھ ۋە سابتىكا. راماھنىڭ ئەۋلادلىرى: شىبا ۋە دىدان.

8 كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىكى بىرىنچى باتۇر ھېسابلىناتتى.

9 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ باتۇر ئوۋچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئارىسىدا «پەرۋەردىگار سېنى نىمرودتەك باتۇر ئوۋچى قىلسۇن!» دېگەن سۆز تارقالغانىدى.

10 بابىل پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىدا بابىل، ئەرەك، ئاككاد، كالنېھ دېگەن شەھەرلەر بار ئىدى.

11-12 نىمرود زېمىنىنى ئاسسۇرغا كېڭىيتىپ، نىنەۋى، رىھوبوتىر، كالاخ ۋە رەسەن دېگەن شەھەرلەرنى بىنا قىلدى. رەسەن شەھىرى نىنەۋى بىلەن كالاخ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇ كاتتا شەھەر ئىدى.

13 مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققان خەلقلەر: لۇدلار، ئاناملار، لىھابلار، نافتۇخلار،

14 پاترۇسلار، كاسلۇخلار ۋە كرىتلار. فىلىستىيەلىكلەر بولسا كاسلۇخلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.

15 كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر.

16 كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش،

17 خىۋ، ئارقى، سىن،

18 ئارۋاد، زىمار ۋە خاماتلارمۇ كېلىپ چىقتى. كېيىن كەنئانلىقلارنىڭ قەبىلىلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالدى.

19 ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىمنىڭ يېنىدىكى لەشا شەھىرىگىچە ئىدى

20 ھامنىڭ ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار ھەر خىل قەبىلە ۋە ئەللەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشىدى. ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تىللىرى بار ئىدى.

21 يەفەتنىڭ ئاكىسى بولغان سامنىڭمۇ ئەۋلادلىرى بار ئىدى. سام ئېبەر جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولدى.

22 سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام.

23 ئاررامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز، خۇل، گەتەر ۋە ماش.

24 ئارپاكشاد شەلاخنىڭ ئاتىسى، شەلاخ بولسا ئېبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى.

25 ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ [مەنىسى «بۆلۈنۈش»] ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پەلەگ دېگەن بۇ ئىسىم قۇيۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.

26 يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يەراھ،

27 ھادورام، ئۇزال، دىقلاھ،

28 ئوبال، ئابىمائېل، شىبا،

29 ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ،

30 ئۇلار مېشادىن سىفارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە بولغان جايلاردا ياشايتتى.

31 سامنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى ھەر خىل قەبىلە ۋە ئەللەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشىدى. ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تىللىرى بار ئىدى.

32 يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىندىكى قەبىلىلەر بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر. توپان بالاسىدىن كېيىنكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەللەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارقالغاندۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan