Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى

1 خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى.

2 ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.

3 خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى.

4-5 خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى ۋە يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.

6 ئاندىن خۇدا: «سۇلارنى ئىككىگە ئايرىش ئۈچۈن بىر پاسىل بولسۇن!» دېدى.

7 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پاسىل پەيدا قىلىپ، سۇلارنى ئاستى- ئۈستىگە ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.

8 خۇدا بۇ پاسىلنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.

9 ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ، قۇرۇق يەر كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.

10 خۇدا قۇرۇق يەرنى «زېمىن»، يىغىلغان سۇلارنى «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

11 ئاندىن خۇدا يەنە: «زېمىندا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر، يەنى ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.

12 شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە ھەر خىل ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

13 يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى.

14 خۇدا يەنە: «كۈندۈزنى كېچىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىشتىكى بەلگە بولسۇن.

15 بۇ جىسىملار نۇر چېچىپ، يەر يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.

16 خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئىككى چوڭ جىسىمنى ياراتتى، قۇياشنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، ئاينى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. خۇدا يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى.

17 خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان بۇ ئىككى جىسىمنى ئاسمانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ،

18 يەر يۈزىنى يورۇتتى ھەمدە كۈندۈزنى كېچىدىن، يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

19 يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.

20 خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلارغا تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچار قاناتلار ئۇچسۇن!» دېدى.

21 ئاندىن ئۇ سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچار قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

22 خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچار قاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى.

23 يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.

24 خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانلىقلار، يەنى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.

25 شۇنىڭ بىلەن خۇدا يەر يۈزىدە ھەر خىل جانلىقلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

26 ئاندىن خۇدا: «ئۆزىمىزنىڭ شەكلىدە، ئۆزىمىزگە ئوخشايدىغان ئىنسان يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانلىقلارنى، يەنى دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى باشقۇرسۇن!» دېدى.

27 شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىنساننى ئۆز شەكلىدە، يەنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.

28 خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار.

29 مەن سىلەرگە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ھەر خىل زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم.

30 زېمىندىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، يەنى ھەممە جانلىقلارغا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىپ بەردىم. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.

31 خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan