Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىكى

1 ئەيسا مەسىھ بىزنى ئەركىنلىكتە ياشىسۇن دەپ، ئازاد قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، تەۋراتتىكى قائىدە-يوسۇنلار سىلەرگە يەنە بويۇنتۇرۇق بولمىسۇن.

2 مەنكى پاۋلۇس شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر ھەققانىيلىقنى ئىزدەپ تۇرۇپ، يەنىلا خەتنىگە تايانساڭلار، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ.

3 مەن خەتنىگە تايانماقچى بولغانلارنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئەگەر سىلەر خەتنىنى قوبۇل قىلساڭلار، تەۋراتتىكى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلارغا تولۇق بويسۇنۇشۇڭلار كېرەك.

4 سىلەر بۇلارغا بويسۇنۇشقا تايىنىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا تىرىشساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قالىسىلەر، شۇنداقلا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى رەت قىلغان بولىسىلەر.

5 لېكىن، ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بىزلەر بولساق، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادەتلىرىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.

6 بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.

7 سىلەر ئېتىقاد يولىدا ئالغا بېسىۋاتقانىدىڭلار، بىراق كىم سىلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشىڭلارغا توسالغۇ بولدى؟

8 ئۇ ئەلۋەتتە سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدا ئەمەس!

9 ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرغىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ خاتا تەلىمىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ئازدۇرىدۇ.

10 سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ماڭا ئوخشاش ئويلايدىغان بولىسىلەر، دەپ خۇداغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ئىشىنىمەن. سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم خۇدانىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.

11 قېرىنداشلار، ئەگەر مەن ئۇلار ئېيتقاندەك «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ داۋاملىق تەلىم بېرىپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا «قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىدىنلا كېلىدۇ» دېمىگەن بولاتتىم ھەم ئۇلارنىڭ غەزىپىنىمۇ قوزغىمىغان بولاتتىم.

12 سىلەرنى قۇتراتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن!

13 قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.

14 چۈنكى، پۈتۈن تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە يىغىنچاقلانغان.

15 لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يۈرسەڭلار، ئۆزۈڭلارنىمۇ ۋەيران قىلىسىلەر.


مۇقەددەس روھ ۋە بىزنىڭ گۇناھكار تەبىئىتىمىز

16 شۇنى دېمەكچىمەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاڭلار. شۇ چاغدا، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر.

17 چۈنكى، ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتى مۇقەددەس روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلغىنىدەك، مۇقەددەس روھمۇ ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر، بۇ قارىمۇقارشىلىق ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلىشتا توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ.

18 ۋەھالەنكى، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر.

19 ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە باش ئېگىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق،

20 بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق،

21 ھەسەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت قاتارلىق گۇناھلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇنقىدەك يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق.

22 ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق،

23 مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر.

24 ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ.

25 مۇقەددەس روھ بىزنىڭ يېڭى ھاياتىمىزنىڭ مەنبەسى بولغانىكەن، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭايلى.

26 تەكەببۇرلۇق قىلمايلى، بىر-بىرىمىزنى رەنجىتمەيلى، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلمايلى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan