گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، ياكى خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ۋاسىتە قىلىشى ئارقىلىقمۇ ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن ئەلچى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن 2 ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە سالام. 3 خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! 4 ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزدى. 5 بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! دۇنيادا بىرلا خۇش خەۋەر بار 6 ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن. 7 ئەمەلىيەتتە، ئەگەشكىنىڭلار ھەقىقىي خۇش خەۋەر ئەمەس، بەلكى بەزى ئادەملەرنىڭ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئېيتقانلىرىدۇر. ئۇلار ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى بۇرمىلىماقچى. 8 لېكىن، مەيلى ئارىمىزدىكى بىرەيلەن بولسۇن ياكى ئەرشتىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»~نى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن. 9 بۇرۇن ئېيتقانلىرىمىزنى يەنە تەكرارلايمىزكى، كىمدەكىم سىلەرگە قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرنى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن! 10 مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق، مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستىگەن بولسام، ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولمىغان بولاتتىم. پاۋلۇسنىڭ ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىشى 11 قېرىنداشلىرىم، مەن يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 12 مەن بۇ خۇش خەۋەرنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم ياكى بىرەر كىشىدىن ئۆگەنگىنىم يوق. بەلكى، ئەيسا مەسىھ بۇ خۇش خەۋەرنى ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن. 13 سىلەر مېنىڭ ئىلگىرى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىمنى ئاڭلىغانىدىڭلار. مەن ئۇ چاغدا خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى يوقىتىۋېتىشكە تىرىشقانىدىم 14 ھەمدە يەھۇدىي دىنى يولىدا نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قوغداشتا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە قىزغىنلىقىم بىلەن ئىشلەيتتىم. 15 لېكىن، خۇدا مېنى ئانامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمدىلا تاللىدى ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن چاقىردى. 16 ئۇ مېنىڭ ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنى ماڭا ئاشكارىلاشنى خالىدى. خۇدا ئۇنى ماڭا ئاشكارىلىغان چاغدا، مەن بۇ ئىش توغرۇلۇق ھېچقانداق كىشىگە مەسلىھەت سالمىدىم 17 ھەمدە يېرۇسالېمدىكى مەندىن ئىلگىرى ئەلچى بولغانلارنىڭ يېنىغىمۇ بارماي، ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم، كېيىن دەمەشق شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم. 18 ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئەلچى پېترۇس بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا باردىم ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم. 19 بۇ جەرياندا، ئەلچىلەردىن پەقەت پېترۇس ۋە رەببىمىز ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەلچىلەردىن باشقا بىرەرسىنى كۆرمىدىم. 20 خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، سىلەرگە يېزىۋاتقانلىرىم يالغان ئەمەس. 21 كېيىن، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم. 22 ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى شەخسەن مېنى تونۇمايتتى. 23 ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ: «بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئەمدى بولسا ئۆزى يوقىتىۋەتمەكچى بولغان ئېتىقادنى تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى. 24 شۇڭا، ئۇلار مەندە بولغان بۇ ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن خۇدانى تېخىمۇ ئۇلۇغلىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti