Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزرا 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىسرائىللارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن نىكاھلىنىش مەسىلىسى

1 بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بەزى يەھۇدىي ئەمەلدارلار ماڭا كېلىپ: _ بەزى ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئۇلار ئارىسدىكى بەزى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارمۇ يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار، ئاممونلار، موئابلار، مىسىرلىقلار، ئامورلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتمىدى.

2 ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، بۇ خىل ساداقەتسىزلىك گۇناھىنى ئۆتكۈزۈشتە ئەمەلدارلار بىلەن يېتەكچىلەر باشلامچى بولدى! _ دېدى.

3 مەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھامان، تون ۋە چاپىنىمنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ، چۆچۈگەن ھالدا ئازاب بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىم.

4 مېنىڭ ئازابلىنىپ ئولتۇرۇپ قېلىشىم تاكى كەچلىك قۇربانلىقنى سۇنغۇچە داۋاملاشتى. ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئەتراپىمغا ئولىشىۋالدى.

5 كەچلىك قۇربانلىق سۇنىدىغان چاغدا، مەن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە تون ۋە چاپىنىم يىرتىق ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىمنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆتۈردۈم ۋە

6 دۇئا قىلدىم: «ئى خۇدايىم، ھەقىقەتەن خىجىلمەن! نومۇستىن ئالدىڭدا يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەيمەن. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى، قىلمىشلىرىمىز چېكىگە يەتتى.

7 ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن تارتىپ ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ياشىدۇق. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن خەلقىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىندى ۋە خورلاندى. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز.

8 بىراق ھازىر سەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ ۋە بىزنىڭ ئاز بىر قىسمىمىزنى بولسىمۇ سۈرگۈندىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئامان-ئېسەنلىككە ئىگە قىلدىڭ. سەن بىزگە ئۈمىد بېرىپ، قۇللۇقتىكى ھاياتىمىزغا بىرئاز بولسىمۇ ئاراملىق بەردىڭ.

9 بىز قۇل بولساقمۇ، سەن بىزنى تاشلاپ قويمىدىڭ. سەن بىزگە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ كۆز ئالدىڭدا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يېڭى ھاياتلىق بەردىڭ. ئىبادەتخاناڭنى قايتىدىن سېلىشقا ھەمدە خارابىلىكلەرنى تۈزەشكە ئىمكانىيەت بەردىڭ. سەن بىزگە يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىل بولدۇڭ.

10 ئى خۇدايىمىز! بىراق ئەمدى بىز نېمە دېيەلەيمىز؟ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا يەنە ئىتائەت قىلمىدۇق.

11 خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلدۇق. ئۇلار بىزگە: ‹سىلەر بېرىپ ئىگە بولىدىغان يەر شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ناپاك قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغانغاندۇر. ئۇ يەرنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىپلاسلىقلىرى بىلەن تولغاندۇر.

12 ئۇ كىشىلەر بىلەن ھەرگىز نىكاھلانماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا ۋە روناق تېپىشىغا ياردەم قىلماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر كۈچىيىسىلەر، ئۇ زېمىننىڭ ھوسۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر ھەمدە ئۇ يەرنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ، قالدۇرالايسىلەر.› دېگەنىدى.

13 بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىشلار بىزنىڭ رەزىللىكىمىز ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، گۇناھىمىزغا لايىق جازا بەرمىدىڭ، بىر قىسىمىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ.

14 بىز ئەمدى قانداقمۇ سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بۇ كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنايلى؟ ئەگەر شۇنداق قىلساق، سەن غەزىپلىنىپ، بىرىمىزنىمۇ قويماي ھالاك قىلمامسەن؟

15 ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن ھەققانىيدۇرسەن! بۈگۈن بىز ئاز بىر قىسمىمىز بولسىمۇ، قۇتۇلدۇق. لېكىن بىزگە باقساڭ، بىز ھەممىمىز ئالدىڭدا گۇناھكارمىز. شۇ ۋەجىدىن ھېچكىم سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا بولالمايدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan