Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزرا 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەزرا بىلەن بىرگە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر

1 پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە مەنكى ئەزرا بىلەن بىرگە بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن جەمەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

2-3 پىنىخاس جەمەتىدىن گېرشوم، ئىتامار جەمەتىدىن دانىيال، داۋۇت جەمەتىدىن شىكانيانىڭ ئەۋلادى خاتتۇش، پارئوش جەمەتىدىن زىكىرىيا ۋە نەسەبى ئېنىق بولغان 150 ئەر،

4 پاخات-موئاب جەمەتىدىن زىراخيانىڭ ئوغلى ئەليىھوئېناي ۋە 200 ئەر،

5 زاتتۇ جەمەتىدىن ياخازىئېلنىڭ ئوغلى شىكانيا ۋە 300 ئەر،

6 ئادىن جەمەتىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبىد ۋە 50 ئەر،

7 ئېلام جەمەتىدىن ئاتاليانىڭ ئوغلى يىشايا ۋە 70 ئەر،

8 شىفاتيا جەمەتىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زىباديا ۋە 80 ئەر،

9 يوئاب جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى ئوبادىيا ۋە 218 ئەر،

10 بانى جەمەتىدىن يوسىفيانىڭ ئوغلى شىلومىت ۋە 160 ئەر،

11 بېباي جەمەتىدىن بېباينىڭ ئوغلى زىكىرىيا ۋە 28 ئەر،

12 ئازگاد جەمەتىدىن ھاققاتان ئوغلى يوخانان ۋە 110 ئەر،

13 كېيىنرەك قايتىپ كەلگەن ئادونىقام جەمەتىدىن ئەلىفەلەت، يىئۇئېل، شىمايا ۋە 60 ئەر،

14 بىگۋاي جەمەتىدىن ئۇتاي، زاككۇر ۋە 70 ئەر.


ئەزرانىڭ يېرۇسالېمغا كەتمەكچى بولۇشى

15 مەن بىلەن بىرگە كەتمەكچى بولغانلارنى ئاخاۋاغا قاراپ ئاقىدىغان قانالنىڭ بويىغا جەم قىلدىم ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قارارگاھ قۇردۇق. مەن ئۇلارنى تەكشۈرگىنىمدە، روھانىيلاردىن باشقا لاۋىيلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدىم.

16 شۇڭا يېتەكچىلەردىن ئەلىئەزەر، ئارىئېل، شىمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملارنى ھەم ئاقىلانە ئۇستازلاردىن يويارىب ۋە ئەلناتانلارنى چاقىرىپ،

17 ئۇلارنى كاسىفيا دېگەن جايدىكى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىددونىڭ يېنىغا ئەۋەتتىم. مەن ئىددو ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەمدە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىپ بېرىشنى سورىدىم.

18 خۇدا ماڭا يار بولدى. ئۇلار بىزگە شېرېبىيا ئىسىملىك ئەقىل-ئىدراكلىق بىر كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇ ماخلى جەمەتىدىن بولۇپ، لاۋىيلاردىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئەر قېرىنداشلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز كىشىنى يېنىمىزغا ئەۋەتتى.

19 يەنە ئۇلار مىرارى جەمەتىدىن خاشابيا ۋە يىشايا ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرى بولۇپ جەمىئىي يىگىرمە كىشىنىمۇ ئەۋەتتى.

20 ئۇلاردىن باشقا، يەنە 220 نەپەر ئىبادەتخانا خىزمەتكارىنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى لاۋىيلارغا ياردەم بېرىشكە بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تىزىملىككە بىرمۇبىر پۈتۈلگەنىدى.

21 ئاخاۋا قانىلىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇشىمىزنى، سەپەر جەريانىدا ئۆزىمىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىزنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى خۇدادىن تىلىدىم.

22 سەپەردە بىزنى دۈشمەندىن قوغداش ئۈچۈن پادىشاھتىن پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەرنى تەلەپ قىلىش مەن ئۈچۈن نومۇسلۇق بىر ئىش ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھقا: «خۇدايىمىز ئۆزىگە تايانغانلارغا يار بولىدۇ، لېكىن ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ» دېگەنىدىم.

23 شۇڭا بىز روزا تۇتۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قوغدىشىغا دۇئا قىلدۇق. خۇدا دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى.

24 روھانىيلار ئىچىدىكى يېتەكچىلەردىن شېرېبىيا، خاشابيا ۋە ئۇلارنىڭ ئون تۇغقىنىنى تاللىدىم.

25 ئاندىن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچلىرى ھەم ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللار ئىبادەتخانىغا تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئۇلارغا تاپشۇردۇم.

26 مەن تاپشۇرغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە: 22 توننا كۈمۈش، 3400 كىلو كۈمۈش قاچا-قۇچا، 3400 كىلو ئالتۇن،

27 20 دانە ئالتۇن قاچا (1000 تەڭگىگە تەڭ كېلىدۇ)، 2 دانە ئېسىل، پارقىراق تۇچ قاچا (قىممىتى ئالتۇن بىلەن باراۋەر).

28 مەن ئۇلارغا: _ سىلەر ۋە قاچا-قۇچىلار پەرۋەردىگارغا ئاتالدىڭلار. ئالتۇن-كۈمۈشلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا بېغىشلانغان خالىس ھەدىيەلەردۇر.

29 سىلەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۇلارغا ياخشى قاراڭلار. سىلەر روھانىيلارنىڭ يېتەكچىلىرى، لاۋىيلار ۋە ئىسرائىللارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار، _ دېدىم.

30 شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار بۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى خۇدايىمىزنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

31 بىز 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاخاۋا قانىلىدىن يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتۇق. سەپىرىمىزدە خۇدايىمىز بىزگە يار بولۇپ، بىزنى دۈشمەن ۋە قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىدى.

32 يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۈچ كۈن دەم ئالدۇق.

33 تۆتىنچى كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئۇرىيانىڭ ئوغلى روھانىي مىرېموتقا تاپشۇرۇپ بەردۇق. روھانىي مىرېموتنىڭ يېنىدا پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئەلئازار، لاۋىيلاردىن يېشۇۋانىڭ ئوغلى يوزاباد ۋە بىننۇينىڭ ئوغلى نوئاديا بار ئىدى.

34 ھەممە نەرسىلەر سانىلىپ، تارازىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ خاتىرىگە ئېلىندى.

35 قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن 12 بۇقا، 96 قوچقار، 77 پاقلان ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە قۇربانلىق قىلدى. بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىندى.

36 ئۇلار يەنە پادىشاھ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان مەكتۇپنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇلار ئىسرائىل خەلقىگە ۋە خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانىغا ياردەمدە بولدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan