ئەزرا 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئەزرانىڭ يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىشى 1 نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئەزرا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ سىرايانىڭ ئوغلى بولۇپ، سىرايا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، 2 خىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، 3 ئاخىتۇب ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا مىرايوتنىڭ ئوغلى، 4 مىرايوت زىراخيانىڭ ئوغلى، زىراخيا ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇققىنىڭ ئوغلى، 5 بۇققى ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى، ئابىشۇۋا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلئازارنىڭ ئوغلى، ئەلئازار بولسا تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى. 6 بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى. 7 پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىر توپ ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بار ئىدى. 8-9 ئۇلار پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بابىلدىن يولغا چىقتى. خۇدا ئەزراغا يار-يۆلەك بولدى. ئۇلار 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 10 ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئۆگىنىشكە، ئىجرا قىلىشقا ۋە بۇ قانۇننىڭ قائىدە ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىشكە ئۆزىنى بېغىشلىغانىدى. پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ ئەزراغا يازغان مەكتۇپى 11 پادىشاھ ئارتاخشاستى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمانلىرىنى پىششىق بىلىدىغان تەۋرات ئۇستازى روھانىي ئەزراغا تۆۋەندىكى مەكتۇپنى ئەۋەتتى. 12 «مەنكى شاھلارنىڭ شاھى ئارتاخشاستىدىن ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ ئۇستازى روھانىي ئەزراغا سالام! 13 پادىشاھلىقىمدا ياشاۋاتقان ئىسرائىل خەلقى، جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقىلارغا شۇنى بىلدۈرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خالىغانلىرى سىلى بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. 14 مەن يەتتە مەسلىھەتچىم بىلەن بىرلىكتە سىلىنىڭ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە قايتقانلارنىڭ قوللىرىدىكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشلىرىنى بۇيرۇيمىز. 15 بىز ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ۋە يېرۇسالېمدا بولغان خۇداغا بېغىشلىغايلا. 16 شۇنىڭ بىلەن بىرگە بابىل ئۆلكىسىدىكى خەلقلەردىن يىغىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، ئىسرائىللار ۋە روھانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس سۇنۇلغان ھەدىيەلەرنى ئالغاچ كەتكەيلا. 17 بۇلارغا بۇقا، قوچقار، پاقلانلارنى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق، شارابلارنى سېتىۋېلىپ، سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەدىيە قىلغايلا. 18 ئېشىپ قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئۆزلىرى روھانىي قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق جايغا ئىشلەتكەيلا. 19 ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خۇداغا بېغىشلىغايلا. 20 بۇنىڭدىن باشقا، خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا نېمە لازىم بولسا، ئوردا خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكەيلا. 21 مەنكى پادىشاھ ئارتاخشاستى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ بارلىق خەزىنە ئەمەلدارلىرىغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنى پىششىق بىلىدىغان روھانىي ئەزرانىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تېزدىن بەجا كەلتۈرۈڭلار. 22 سىلەر كۈمۈشنى 3400 كىلوغىچە، بۇغداينى 10 توننىغىچە، شارابنى 2200 لىتىرگىچە، زەيتۇن يېغىنىمۇ 2200 لىتىرگىچە تەمىنلىسەڭلار بولىدۇ. تۇز چەكسىز تەمىنلەنسۇن. 23 سىلەر ئەرشئەلادىكى خۇدا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن چۈشۈرگەن ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇدانىڭ غەزىپى ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا چۈشمەيدۇ. 24 روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر، خىزمەتكارلار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ باشقا ھەرقانداق خىزمەتكارلىرىدىن ئالۋان-سېلىق ئېلىنمىسۇن. 25 لېكىن ئۆزلىرى خۇدا سىلىگە ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەتلىرى بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە ياشايدىغان ھەم خۇدانىڭ قانۇنىنى بىلىدىغان بارلىق ئادەملەرنى ئىدارە قىلىشقا ئەمەلدار ۋە سوتچىلارنى تەيىنلىگەيلا. قانۇندىن ساۋاتى يوقلارغا تەلىم بەرگەيلا. 26 كىمكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ياكى پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا بويسۇنمىسا، قاتتىق جازاغا تارتىلسۇن، ئۆلتۈرۈلسۇن، سۈرگۈن قىلىنسۇن، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسۇن ياكى قاماققا ئېلىنسۇن.» ئەزرانىڭ خۇدانى مەدھىيەلىشى 27 ئەزرا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي! ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆز ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلەش ئىستىكىنى پادىشاھنىڭ دىلىغا سالدى. 28 ئۇ ماڭا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ھەمدە بارلىق نوپۇزلۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە قىلدى. پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ماڭا جاسارەت بەردى. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئۆزۈم بىلەن بىللە قايتىشقا يىغدىم.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti