Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزرا 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پادىشاھ دارىئوسنىڭ پەرمانى

1 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دارىئوس بابىلدىكى ئارخىپخانىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى بۇيرۇدى.

2 مىدىيا ئۆلكىسىنىڭ ئاخمىتا شەھىرىدىكى ئوردىدىن بىر قەدىمىي ئورالما قوليازما تېپىلدى. ئۇنىڭغا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى:

3 «پادىشاھ كورەش ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا توغرۇلۇق مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: ‹ئىبادەتخانا يەھۇدىيلار قۇربانلىق سۇنىدىغان ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلسۇن. مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ ئېگىزلىكى 30 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر بولسۇن.

4 تاملىرى ھەر ئۈچ قەۋەت قورام تاشنىڭ ئۈستىگە لىم قويۇلۇپ ياسالسۇن. پۈتۈن خىراجىتى ئوردا خەزىنىسىدىن ئاجرىتىلسۇن.

5 پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن بابىلغا ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلار قايتۇرۇلۇپ، ئىبادەتخانىدىكى ئەسلى ئورنىغا قويۇلسۇن.›»

6 شۇڭا پادىشاھ دارىئوس مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە بۇ ئۆلكىدە سىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارغا پەرمان. سىلەر ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشماڭلار.

7 ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا ئارىلاشماڭلار. يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلسۇن.

8 مەن سىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى بۇيرۇيمەن. قۇرۇلۇش توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجىتى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ ئوردا خەزىنىسىگە كىرىدىغان ئالۋان-سېلىق كىرىمىدىن كېچىكتۈرمەي ئاجرىتىلسۇن.

9 سىلەر يېرۇسالېمدىكى روھانىيلارنىڭ ئەرشئەلادىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا شۇنى، يەنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانلارنى بېرىڭلار ھەمدە ئۇلار تەلەپ قىلغان بۇغداي، تۇز، شاراب ۋە زەيتۇن ياغلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەڭلار.

10 شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.

11 يەنە شۇنداق بۇيرۇيمەنكى، كىمكى پەرمانىمغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر لىمى سۇغۇرۇپ ئېلىنىپ، ئۇ ئادەم شۇ لىمغا سانجىپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇلسۇن.

12 ئەگەر بىرەر پادىشاھ ياكى بىرەر ئەل بۇ پەرمانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، مەزكۇر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولسا، خەلقنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى تاللىغان خۇدا ئۇنى ئۇرسۇن. مەزكۇر پەرماننى مەنكى دارىئوس جاكارلىدىم، سۆزسىز ئىجرا قىلىنسۇن!»


ئىبادەتخانىنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشى

13 شۇنىڭ بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلار، پادىشاھ دارىئوسنىڭ پەرمانىنى سۆزسىز ئىجرا قىلدى.

14 يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئەۋلادى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەھىيلىرى بىلەن ئۇلارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇردى. ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەش، دارىئوس ۋە ئارتاخشاستىنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى تاماملىدى.

15 پادىشاھ دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 6-يىلى ئادار ئېيىنىڭ 3-كۈنى ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى تەلتۆكۈس تامام بولدى.

16 ئىسرائىل خەلقى، يەنى روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا سۈرگۈندىن كەلگەنلەر ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى.

17 ئۇلار بۇ مۇراسىمدا 100 تۇياق بۇقا، 200 تۇياق قوچقار ۋە 400 تۇياق پاقلان قۇربانلىق قىلدى، يەنە 12 تېكىنى ئىسرائىلىيەنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلدى.

18 مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتقا بىنائەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆز توپلىرى بويىچە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەشكىللەندى.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

19 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.

20 پۈتۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى، ئۇلار پاكلاندى. شۇڭا ئۇلار بارلىق سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۈچۈن، روھانىي قېرىنداشلىرى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ مېلىنى بوغۇزلىدى.

21 سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە ناپاك يولىنى تاشلاپ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئىبادەت قىلغان شۇ يەردىكى يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ قۇربانلىق بىلەن غىزالاندى.

22 ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan