ئەزرا 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئۇ چاغدا ھاگاي پەيغەمبەر ھەم ئىددونىڭ ئەۋلادى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا يار بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدە تۇرىدىغان يەھۇدىيلارغا خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغانىدى. 2 شالتىئېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى قايتىدىن باشلىدى. ھاگاي ۋە زىكىرىيا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ياردەمدە بولدى. 3 فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلار شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇلاردىن: _ سىلەرگە بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ۋە تاملارنى قوپۇرۇشقا كىم رۇخسەت بەردى؟ _ دەپ سورىدى. 4 ئۇلار يەنە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدى. 5 لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پارس ئەمەلدارلىرى پادىشاھ دارىئوسقا مەكتۇپ تۇتۇپ جاۋاب ئالغۇچە، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى. تاتتىنايلارنىڭ پادىشاھقا تۇتقان مەكتۇپى 6 فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارنىڭ پادىشاھ دارىئوسقا تۇتقان مەكتۇپى مۇنداق ئىدى: 7 «پادىشاھ دارىئوس ئالىيلىرىغا سالام! 8 ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، بىز يەھۇدىيە رايونىغا بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئىبادەتخانا قورام تاشلار بىلەن ياسىلىۋېتىپتۇ ۋە تاملىرىنىڭ ئىچىگە چوڭ لىملار قويۇلۇپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق كېتىۋېتىپتۇ. 9 بىز ئاقساقاللاردىن ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ۋە تاملىرىنى پۈتتۈرۈشكە كىم رۇخسەت بەرگەنلىكىنى سورىدۇق. 10 ئالىيلىرىغا بۇ خىزمەتكە يىتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق. 11 ئۇلار جاۋابەن: ‹بىز پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانىڭ بەندىلىرىمىز. بىز ھازىر قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر كۈچلۈك پادىشاھى قۇرۇپ چىققانىدى. 12 ئەجدادلىرىمىز ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقتىن، خۇدا ئۇلارنى كالدانلارنىڭ پادىشاھى، يەنى بابىلنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. پادىشاھ بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. 13 لېكىن بابىل پادىشاھى كورەشنىڭ بىرىنچى يىلى مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. 14 پادىشاھ كورەش ھەتتا پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ بابىلدىكى بۇتخانىغا قويدۇرغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنى شېشباسسار ئىسىملىك بىر كىشىگە قايتۇرۇپ بەردى. پادىشاھ كورەش ئۇنى يەھۇدىيەگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 15 پادىشاھ ئۇنىڭغا بۇ قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئالغاچ كېتىشنى ھەمدە ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن سېلىپ چىقىشنى بۇيرۇپتۇ. 16 شۇڭا شېشباسسار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويۇپتۇ. قۇرۇلۇش شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە تېخى پۈتمىدى.› دېدى. 17 شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرى توغرا كۆرسىلە، بابىلنىڭ ئوردا ئارخىپخانىسىدىكى تەزكىرىلەرنى كۆرۈپ باققايلا. پادىشاھ كورەشنىڭ يېرۇسالېمدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ كۆرگەيلا. ئاندىن بىزگە بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق كۆرسەتمە بەرگەيلا.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti