Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزرا 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىنىشى

1 سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ رەقىبلىرى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

2 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىرۇببابەل بىلەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش خىزمىتىڭلارغا بىزمۇ قاتنىشايلى! بىزمۇ سىلەر ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز. ئاسسۇر پادىشاھى ئېسارخاددون بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز، _ دېيىشتى.

3 زىرۇببابەل، يوشۇۋا ۋە جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا: _ سىلەر بىز ئىسرائىللارنىڭ خۇدايىمىزغا ئاتالغان بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىشىمىزغا ئارىلاشساڭلار بولمايدۇ! پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىمىز ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا، يەنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇنى قۇرۇپ چىقىمىز! _ دېدى.

4 شۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلق يەھۇدىيلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە تىرىشىپ، قورقۇتۇپ قۇرۇلۇشقا دەخلى يەتكۈزدى.

5 ئۇلار يەنە يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەشتىن تاكى دارىئوسقىچە داۋاملاشتى.


يەھۇدىيلارغا بولغان كېيىنكى توسقۇنلۇق

6 نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.

7 يەنە يىللار ئۆتۈپ پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى زامانىغا كەلگەندە، بىشلام، مىترىدات، تابىئال ۋە باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا مەكتۇپ يازدى. بۇ مەكتۇپ ئاررامىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، پادىشاھقا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇلدى.

8 سەركەردە رىخۇم ۋە پۈتۈكچى شىمشايمۇ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پادىشاھ ئارتاخشاستىغا مەكتۇپ يازدى.

9 مەكتۇپنى تۆۋەندىكى ئادەملەر پۈتكەنىدى: سەركەردە رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي، ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلار، سوتچىلار، يەرلىك ئەمەلدارلار، پېرسىيەلىكلەر، ئەرەكلىكلەر، بابىللىقلار ۋە ئېلامنىڭ سۇزا شەھىرىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر،

10 ئۇلۇغ ۋە شانلىق پادىشاھ ئاسسۇرباناپال تەرىپىدىن يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، سامارىيەدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا جايلاردا ياشايدىغان خەلقلەر.

11 مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «پادىشاھ ئارتاخشاستى ئالىيلىرىغا فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى بارلىق خىزمەتكارلىرىدىن سالام!

12 ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، ئالىيلىرى تەرەپتىن بۇ ياققا كېلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار رەزىللىككە ۋە توپىلاڭغا تولغان ئۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرماقتا. ئۇلار سېپىل ئۇلىنى رېمونت قىلىپ، سېپىللارنى بىنا قىلماقتا.

13 ئى ئالىيلىرى! بۇ شەھەر قۇرۇلۇپ، سېپىللىرى ياسىلىپ بولسا، ئۇ كىشىلەر ھەر خىل ئالۋان-سېلىقلارنى تۆلىمەيدۇ-دە، ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىسىگە كىرىدىغان كىرىم كېمىيىپ كېتىدۇ.

14 بىز سىلىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ كەلگەن پۇقرالار، ئالىيلىرىنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرۈشنى ھەرگىز خالىمايمىز. شۇ ۋەجىدىن بۇ ئىشنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلدۇق.

15 ئالىيلىرىنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرىنى ئىزدىنىپ بېقىشلىرىنى سورايمىز. شۇنداق بولغاندا، بۇ شەھەرنىڭ توپىلاڭغا تولغانلىقىنى، پادىشاھلارنى ۋە ئۆلكىلەرنى پاراكەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيدىلا. بۇ شەھەردە قەدىمدىن بېرى قوزغىلاڭ بولۇپ كەلگەن، شۇڭا شەھەر گۇمران قىلىنغان.

16 ئالىيلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قايتىدىن بىنا قىلىنىپ، سېپىللىرى پۈتسە، ئالىيلىرى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلالماي قالىدىلا.»

17 پادىشاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «سەركەردە رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي ۋە سىلەرنىڭ سامارىيە ھەم فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە تۇرغۇچى سىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارغا سالام!

18 سىلەر سۇنغان مەكتۇپنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئوقۇتتۇم.

19 تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئەمر قىلغانىدىم. دەرۋەقە، يېرۇسالېمنىڭ قەدىمدىن بۇيان پادىشاھلارغا قارشىلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇ شەھەر توپىلاڭ ۋە قوزغىلاڭغا تولغانىكەن.

20 قۇدرەتلىك پادىشاھلار ئۇ يەردە ياشىغان ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پۈتۈن ئۆلكىنى سورىغانىكەن ھەم ئۇ يەردە ياشىغانلاردىن ھەر خىل ئالۋان-سېلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىكەن.

21 شۇڭا سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ئىشتىن توختىتاڭلار، تاكى مەن ئەمر قىلمىغۇچە، ئۇ شەھەر قايتىدىن بىنا قىلىنمىسۇن.

22 ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماسلىقىم ئۈچۈن، بۇ ئىشقا سەل قارىماڭلار!»

23 رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەۋاتقان ئەمەلدارلار پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلاپ، دەرھال يېرۇسالېمغا بېرىپ، قورال كۈچى بىلەن يەھۇدىيلارنى ئىش توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.


ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى

24 خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن سېلىش قۇرۇلۇشى توختاپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال پېرسىيە پادىشاھى دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىغىچە داۋاملاشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan