Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزرا 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ تىزىملىكى

1 تۆۋەندىكىلەر بابىلدىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ، ئېلىپ كەتكەنىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى.

2 زىرۇببابەل، يوشۇۋا، نەخەمىيا، سىرايا، رىئېلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل ئەرلىرىنىڭ سانى:

3 پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى،

4 شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى،

5 ئاراخ جەمەتىدىن 775 كىشى،

6 پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2812 كىشى،

7 ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى،

8 زاتتۇ جەمەتىدىن 945 كىشى،

9 زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى،

10 بانى جەمەتىدىن 642 كىشى،

11 بېباي جەمەتىدىن 623 كىشى،

12 ئازگاد جەمەتىدىن 1222 كىشى،

13 ئادونىقام جەمەتىدىن 666 كىشى،

14 بىگۋاي جەمەتىدىن 2056 كىشى،

15 ئادىن جەمەتىدىن 454 كىشى،

16 ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى،

17 بېزاي جەمەتىدىن 323 كىشى،

18 يورا جەمەتىدىن 112 كىشى،

19 خاشۇم جەمەتىدىن 223 كىشى،

20 گىببار جەمەتىدىن 95 كىش،

21 بەيتلەھەملىكلەردىن 123 كىشى،

22 نىتوفالىقلاردىن 56 كىشى،

23 ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى،

24 ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى،

25 قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى،

26 راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى،

27 مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى،

28 بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 223 كىشى،

29 نىبولۇقلاردىن 52 كىشى،

30 ماگبىشلىقلاردىن 156 كىشى،

31 ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى،

32 خارىملىقلاردىن 320 كىشى،

33 لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 725 كىشى،

34 ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى،

35 سىنائالىقلاردىن 3630 كىشى.

36 روھانىيلاردىن: يىدايا جەمەتىدىن (يوشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى،

37 ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى،

38 پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى،

39 خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى.

40 لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى،

41 ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى: ئاساف ئەۋلادلىرىدىن 128 كىشى،

42 ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىدىن 139 كىشى.

43 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،

44 قېروس، سىئاھا، پادون،

45 لىبانا، خاگابا، ئاققۇب،

46 خاگاب، شالماي، خانان،

47 گىددېل، گاخار، رىئايا،

48 رىزىن، نىقودا، گاززام،

49 ئۇززا، پاسېياخ، بېساي،

50 ئاسناھ، مىئۇنىم، نىفۇسىم،

51 باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر،

52 بازلۇت، مىخىدا، خارشا،

53 بارقوس، سىسىرا، تەماخ،

54 نىزىياخ ۋە خاتىفالار.

55 پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: سوتاي، ھەسسوفەرەت، پىرۇدا،

56 يالاھ، دارقون، گىددېل،

57 شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامىلار.

58 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 392 كىشى.

59 تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددان ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى.

60 بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 652 كىشى ئىدى.

61 خاباييا، خاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى.

62 بۇ روھانىيلار نەسەبنامىلىرىدىن جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى.

63 يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكلىرىدىن يېمەسلىكنى بۇيرۇدى.

64 يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى ئىدى.

65 بۇلاردىن باشقا 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 200 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە

66 ئۇلارنىڭ 736 ئات، 245 قېچىر،

67 435 تۆگە ۋە 6720 ئېشىكىمۇ بار ئىدى.

68 سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئورنىغا يېتىپ كەلگەندە، بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن سېلىشقا خالىس ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلدى.

69 ئۇلار خەزىنىگە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە جەمئىي 61,000‏ ئالتۇن تەڭگە، 3000 كىلو كۈمۈش ۋە 100 قۇر روھانىي تونىنى ھەدىيە قىلدى.

70 روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan