ئەزرا 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىتوۋا قىلىش 1 ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدا ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ دۇئا قىلىپ، يىغا-زار بىلەن توۋا قىلىۋاتقىنىدا، زور بىر توپ ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئەر-ئايال ۋە بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، قاتتىق يىغلاشتى. 2 ئېلام جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى شىكانيا ئەزراغا: _ بىز يەرلىك يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلدۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىللاردا يەنىلا ئۈمىد بار. 3 شۇڭا بىز بۇ خوتۇنلار ۋە ئۇلاردىن بولغان بالىلاردىن ۋاز كېچىمىز دەپ، خۇدايىمىزغا قەسەم بېرىمىز. قەسىمىمىزنى سېنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە مېڭىپ، خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ئورۇندايمىز. 4 ئورنۇڭدىن تۇرغىن! سەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بىز سېنى قوللايمىز. سەن جۈرئەتلىك بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن! _ دېدى. 5 شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن تۇرۇپ، روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىلىرىنى بۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرۈشكە قەسەم قىلدۇردى. ئۇلار شۇ بويىچە قەسەم قىلدى. 6 ئاندىن ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدىن ئايرىلىپ، ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يىھوخاناننىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ۋە كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. ئۇ يېمىدى، ئىچمىدى، پەقەت سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ھەسرەت چەكتى. 7 كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېرۇسالېمغا جەم بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئەمر چۈشۈرۈلدى: 8 «كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلمىسە، ئەمەلدار ۋە ئاقساقاللارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، جامائەتنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.» 9 ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، خەلق ئىبادەتخانا ئالدىدىكى مەيداندىن ئورۇن ئالدى. قاتتىق يامغۇر ۋە بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمنى تىترەك باستى. 10 ئاندىن ئەزرا روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا: _ سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، ئىسرائىللارنى تېخىمۇ ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزدۇڭلار. 11 ئەمدى سىلەر گۇناھىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈڭلار. زېمىنىمىزدا تۇرىدىغان يەرلىك خەلقلەر ۋە يات خەلقلەردىن ئالغان خوتۇنلىرىڭلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈڭلار! _ دېدى. 12 جامائەت جاۋابەن يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى: _ توغرا ئېيتتىڭىز، دېگىنىڭىزنى بەجا كەلتۈرىمىز! 13 لېكىن ئادەم كۆپ ھەم يامغۇر پەسلى بولغاچقا، بىز سىرتتا ئۇزۇن تۇرالمايمىز. بۇ بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ گۇناھقا پاتقان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ. 14 ئەمەلدارلىرىمىز بىزگە ۋەكىل بولسۇن. يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان كىشىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆز شەھىرىنىڭ ئاقساقال ۋە سوراقچىلىرى بىلەن بىرگە كەلسۇن. شۇندىلا خۇدايىمىزنىڭ بۇ ئىشقا بولغان غەزىپى بېسىلىدۇ. 15 پەقەت ئاسائېلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياخزىيا بۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئۇلارنى مىشۇللام بىلەن لاۋىيلاردىن شاببىتاي قوللىدى. 16 قالغانلار بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا روھانىي ئەزرا ھەر جەمەت باشلىقلىرى ئارىسىدىن كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىلىۋالدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ كىشىلەر جەم بولۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى. 17 ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاپ بولدى. يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانلار 18 يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان روھانىيلار جەمەتىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: مائاسېيا، ئەلىئەزەر، يارىب ۋە گىداليا. 19 ئۇلار خوتۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە قەسەم قىلىپ، گۇناھى ئۈچۈن ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر قوچقارنى ھەدىيە قىلدى. 20 ئىممېر جەمەتىدىن خانانى ۋە زىباديا، 21 خارىم جەمەتىدىن مائاسېيا، ئىلياس، شىمايا، يىخىئېل ۋە ئۇززىيا، 22 پاشخۇر جەمەتىدىن ئەليوئېناي، مائاسېيا، ئىسمائىل، نىتانئېل، يوزاباد ۋە ئەلئاسا، 23 لاۋىيلاردىن يوزاباد، شىمئى، قېلايا (قىلىتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، پىتاخيا، يەھۇدا ۋە ئەلىئەزەر، 24 ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرىدىن ئەلياشىب، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن شاللۇم، تەلەم ۋە ئۇرى. 25 باشقا ئىسرائىللاردىن: پارئوش جەمەتىدىن رامىيا، يىزىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلئازار، مالكىيا ۋە بىنايا، 26 ئېلام جەمەتىدىن ماتتانيا، زىكىرىيا، يىخىئېل، ئابدى، يىرېموت ۋە ئىلياس، 27 زاتتۇ جەمەتىدىن ئەليوئېناي، ئەلياشىب، ماتتانيا، يىرېموت، زاباد ۋە ئازىزا، 28 بېباي جەمەتىدىن يىھوخانان، خانانيا، زابباي، ئاتلاي، 29 بانى جەمەتىدىن مىشۇللام، ماللۇك، ئادايا، ياشۇب، شىئال، يىراموت، 30 پاخات-موئاب جەمەتىدىن ئادنا، كىلال، بىنايا، مائاسېيا، ماتتانيا، بىزالئېل، بىننۇي ۋە ماناسسە، 31 خارىم جەمەتىدىن ئەلىئەزەر، يىششىيا، مالكىيا، شىمايا، شىمون، 32 بىنيامىن، ماللۇك ۋە شىماريا، 33 خاشۇم جەمەتىدىن ماتتىناي، ماتتاتتا، زاباد، ئەلىفەلەت، يىرېماي، ماناسسە ۋە شىمئى، 34 بانى جەمەتىدىن مائاداي، ئامرام ۋە ئۇئېل، 35 بىنايا، بېدياھ، كىلۇھى، 36 ۋانياھ، مىرېموت، ئەلياشىب، 37 ماتتانيا، ماتتىناي ۋە يائاساي، 38 بىننۇي جەمەتىدىن شىمئى، 39 شەلەميا، ناتان، ئادايا، 40 ماكنادبا، شاشاي، شاراي، 41 ئازارئېل، شەلەميا، شىماريا، 42 شاللۇم، ئاماريا ۋە يۈسۈپ، 43 نىبو جەمەتىدىن يىئىئېل، ماتتىتيا، زاباد، زىبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا. 44 مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان، بەزىلىرى بۇ خوتۇنلاردىن بالىمۇ تاپقان. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti