Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزرا 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يەھۇدىيلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى

1 پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھ كورەشنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى:

2 «بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ پەرمانىدۇر. پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا تەيىنلىدى.

3 ئاراڭلاردا ياشايدىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغانلار يېرۇسالېم شەھىرىگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا بىنا قىلسا بولىدۇ. خۇدا يېرۇسالېمدىدۇر، خۇدا ئۇلارغا يار بولغاي!

4 مەيلى قەيەردە بولسۇن، سۈرگۈندىكىلەر ئارىسىدا يېرۇسالېمغا قايتماقچى بولغانلار بولسا، ئۇلارغا قولۇم-قوشنىلىرى ياردەم قىلىپ، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-مۈلۈك ۋە چارۋا مال بەرسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن.»

5 شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى جەمەت باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا سېلىشقا تەييارلاندى.

6 ھەممە قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، چارۋا مال ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ياردەم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى سۇندى.

7 پادىشاھ كورەش ئۇلارغا بۇرۇنقى پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ ئۆز بۇتخانىسىغا قويغان قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بەردى.

8 پېرسىيە پادىشاھى كورەش خەزىنە ۋەزىرى مىترىداتنى بۇ قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەسئۇل قىلدى. مىترىدات يەھۇدىيەگە قايتىدىغان سۈرگۈندىكىلەرنىڭ باشلىقى شېشباسسارغا ئۇلارنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ بەردى.

9 ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە: 30 دانە ئالتۇن داس، 1000 دانە كۈمۈش داس، 29 دانە كۈمۈش ئەسۋابلار،

10 30 دانە ئالتۇن قاچا، 410 دانە كۈمۈش قاچا، 1000 دانە ھەر خىل قاچا-قۇچا.

11 ھەممىسى بولۇپ 5400 دانە ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا بولدى. سۈرگۈندىكىلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە، شېشباسسار بۇ قاچا-قۇچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan