Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بۇتپەرەسلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

1 مەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋارقىراپ تۇرۇپ: «ئەي بۇ شەھەرنى جازالىغۇچىلار، قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

2 ئاندىن شىمالدىكى يۇقىرى دەرۋازىدىن ئالتە ئادەمنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆردۈم، قوللىرىدا ئەجەللىك قورال بار ئىدى. ئارىسىدىكى بىرسى زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغانىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشتى.

3 شۇ ئەسنادا، ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىدىكى جايىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەمنى چاقىرىپ،

4 ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ، يېرۇسالېمنى ئايلىنىپ، شەھەردە بولۇۋاتقان يىرگىنچلىك ئىشلارغا ئېچىنىپ، پەرياد قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پېشانىسىگە بەلگە سېلىپ قوي.»

5 ئاندىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقىلارغا: «سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىڭلار، شەھەردىكى كىشىلەرنى قىرغىن قىلىڭلار، ھېچكىمنى ئاياپ قويماڭلار، ھېچكىمگە رەھىم قىلماڭلار.

6 ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئانا-بالا بولسۇن ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن بەلگىسى بار كىشىلەرگە تەگمەڭلار. قىرغىننى ئىبادەتخانامدىن باشلاڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىرغىننى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاقساقاللارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلىدى.

7 پەرۋەردىگار يەنە ئۇلارغا: «ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى ئۆلۈكلەرگە تولدۇرۇپ، ئىبادەتخانىنى بۇلغاڭلار، ھازىرلا باشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار شەھەرگە بېرىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى باشلىدى.

8 پەقەت مەنلا قالدىم. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، نىدا قىلدىم: _ ئېھ ئىگەم پەرۋەردىگار، يېرۇسالېمغا غەزەپ قىلغىنىڭدا، ئىسرائىلىيەدە قېلىپ قالغان بارلىق ئىسرائىللارنىمۇ ھالاك قىلماقچىمۇ؟

9 ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يەتتى. پۈتۈن زېمىن قانغا بويالدى ۋە يېرۇسالېممۇ ئادالەتسىزلىككە تولدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ۋاز كەچتى، بىزنى كۆرمەيدۇ» دېيىشىدۇ.

10 شۇڭا ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن، ھېچكىمگە رەھىم قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن.

11 ھېلىقى زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەم قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا: _ مەن ئەمرنى بەجا كەلتۈردۈم، _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan