ئەزەكىئەل 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىبادەتخانىدىكى بۇتپەرەسلىك 1 سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 6-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەن ئۆيۈمدە يەھۇدىيەلىك ئاقساقاللار بىلەن ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز ۋۇجۇدۇمغا ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى. 2 قارىسام، ئالدىمدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىر شەكىل تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى تەرىپى ئوتقا، ئۈستى تەرىپى ئوتتا قىزارغان مېتالغا ئوخشايتتى. 3 ئۇ چېچىمدىن تۇتتى. چېچىمدىن تۇتقىنى ئادەمنىڭ قولىغا ئوخشايتتى. ئاندىن روھ مېنى غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە كۆتۈرۈپ، يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ ماڭدى ۋە مېنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى ھويلىسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بىر بۇت بولۇپ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قىزغىناتتى. 4 مەن ئۇ يەردە تۇيۇقسىز ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ نۇر مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن نۇر بىلەن ئوخشاش ئىدى. 5 ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، شىمالغا قارا، _ دېدى. مەن شىمالغا قارىدىم، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بۇتنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دەرۋازىنىڭ شىمالىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 6 ئۇ ماڭا يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار بۇ يەردە ئاشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدىن يىراقلىشىشىمغا سەۋەب بولدى. سەن يەنە تېخىمۇ يىرگىنچلىك بولغان ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى. 7 ئۇ مېنى ھويلا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى، ھويلا تېمىدا بىر كامارنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. 8 ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن بۇ ھويلا تېمىنى تەش، _ دېدى. مەن تامنى تەشكەندىن كېيىن، بىر ئىشىكنى بايقىدىم. 9 ئۇ ماڭا: _ سەن مۇشۇ ئىشىكتىن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە قانداق رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆر، _ دېدى. 10 مەن كىرىپ كۆردۈمكى، ئەتراپتىكى تاملارنىڭ ھەممىسىگە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە باشقا يىرگىنچلىك ھايۋانلار بىلەن ئىسرائىللار چوقۇنىدىغان بۇتلارنىڭ شەكىللىرى ئويۇلۇپتۇ. 11 بۇتلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش نەپەر ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شافاننىڭ ئوغلى يائازانيامۇ بار ئىدى. ئۇلار قوللىرىغا ئىسرىقدان ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇشبۇي ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى. 12 ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بۇتلىرى بىلەن يوشۇرۇنچە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار: «بىزنى پەرۋەردىگار كۆرمەيدۇ، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى» دەپ ئويلايدۇ. 13 ئۇ يەنە: _ ئۇلارنىڭ تېخى بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرىسەن، _ دېدى. 14 ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئەكەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئاياللارنىڭ تاممۇز ئىلاھىغا ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 15 ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ سەن بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى. 16 ئاندىن ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا باشلاپ كىردى. ئىبادەتخانا ئالدىدا، يەنى تاشقىرىقى خانا بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا تەخمىنەن 25 ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كەينىنى قىلىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە يۈزلىنىپ، قۇياشقا سەجدە قىلىۋاتاتتى. 17 ئۇ يەنە ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ يەھۇدىيە خەلقىنىڭ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرى كىچىك ئىشمۇ؟ ئۇلار پۈتۈن زېمىندا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، غەزىپىمنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئۇلار مېنى مەنسىتمەي، قوللىرىدا شاخ تۇتۇپ، بۇتقا چوقۇندى. 18 شۇڭا مەن ئۇلارغا غەزەپ قىلىمەن، ئۇلارنى ئاياپ ئولتۇرمايمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئۇلار قاتتىق نالە قىلسىمۇ، ئەمدى پەرۋا قىلمايمەن، _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti