Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىسرائىلىيەنىڭ تۈگىشىدىغان كۈنى

1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2 _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دەيمەن: «تۈگىشىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭ كەلدى، پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقىت-سائىتى كەلدى!

3 ئەي ئىسرائىل زېمىنى، تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى، ساڭا غەزەپ قىلىمەن. مەن تۇتقان يولۇڭ ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، سېنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن سېنى جازالايمەن.

4 مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا ئىچ ئاغرىتمايمەن، سېنى تۇتقان يولۇڭ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن جازالايمەن. شۇندىلا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.»

5 مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «قارا، ئاپەت كەلمەكتە، ئاپەتلەر كەينى-كەينىدىن كەلمەكتە.

6 تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى، سېنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى! ئۇ ئويغاندى، مانا، بالايىئاپەت كەلدى!

7 ئەي ئىسرائىل زېمىنىدا ياشاۋاتقانلار، ھالاك بولىسىلەر! ۋاقتىڭلار توشتى، كۈنۈڭلار تۈگىدى، ئەمدى تاغلاردا خۇشاللىق ئورنىغا داد-پەرياد چۇقانلىرى ئاڭلىنىدۇ.

8 سىلەرگە ئەمدى غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار سەۋەبلىك سوراققا تارتىمەن ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن.

9 ئەمدى مەن سىلەرنى ئاياپ قويمايمەن، ئىچ ئاغرىتمايمەن. سىلەر تۇتقان يولۇڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جازالىنىسىلەر. شۇندىلا سىلەر، سىلەرنى جازالىغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.

10 قاراڭلار، ئاپەت كۈنى كەلدى، سىلەرنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى! زوراۋانلىق ۋە مەغرۇرلۇق چېچەكلىمەكتە.

11 زوراۋانلىق رەزىللەرنى ساۋايدىغان بىر تاياققا ئايلاندى. ئىسرائىللاردىن بىرسىمۇ ئامان قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ بايلىقى ۋە شان-شەرىپىمۇ يوقىلىدۇ.

12 ئۇلارنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاپەت كۈنى كەلدى. سېتىۋالغۇچىلار خۇشال بولمىسۇن، ساتقۇچىلارمۇ ئۆكۈنمىسۇن، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم پۈتۈن خەلقىمنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.

13 ئۆز يەرلىرىنى ساتقۇچىلار ھايات قالسىمۇ، لېكىن ساتقان يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ. چۈنكى پۈتۈن خەلق ھەققىدە بېرىلگەن بۇ بېشارەت چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇلار گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۆز ھاياتلىرىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.

14 گەرچە ئۇلار بۇرغا چېلىپ، ئۇرۇشقا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم جەڭگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.

15 شەھەر سىرتىدا ئۇرۇش، شەھەر ئىچىدە ۋابا ۋە ئاچارچىلىق بولىدۇ. شەھەر سىرتىدىكىلەر قىلىچتا، شەھەر ئىچىدىكىلەر ئاچارچىلىق ۋە ۋابادا ئۆلىدۇ.

16 ھايات قېلىپ، تاغقا قېچىپ چىقىۋالغانلار ئازابتىن خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلدايدۇ، گۇناھلىرى سەۋەبىدىن زارلايدۇ.

17 ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ مادارى قالمايدۇ، قورققانلىقلىرىدىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ.

18 ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، لاغىلداپ تىترەيدۇ، نومۇس تۇيغۇسى يۈزىنى قاپلايدۇ، ھازا تۇتۇشۇپ، چاچلىرىنى چۈشۈرۈشىدۇ.

19 كۈمۈشلەر كوچىلارغا تاشلىۋېتىلىدۇ، ئالتۇنلار ناپاك دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار غەزىپىنى ياغدۇرغان كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ، قورسىقىنى تويدۇرالمايدۇ، نەپسىنى قاندۇرالمايدۇ. ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئۇلارنى گۇناھقا پاتۇردى.

20 ئۇلار گۈزەل بېزەك بۇيۇملىرىدىن مەغرۇرلىنىپ، ئۇلاردىن يىرگىنچلىك بۇتلارنى ياساشقانىدى. شۇڭا مەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈن ناپاك نەرسىگە ئايلاندۇرىمەن.

21 مەن بۇ نەرسىلەرنى يات خەلقلەرنىڭ غەنىيمىتىگە، رەزىللەرنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ بۇ مال-مۈلكىنى ناپاك قىلىدۇ.

22 مەن خەلقىمدىن يۈز ئۆرۈيمەن. شۇنىڭ بىلەن يات خەلقلەر مېنىڭ قەدىرلىك يېرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ ۋە قاراقچىلار ئۇنىڭغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى بۇلغايدۇ.

23 خەلقىمگە زەنجىرلەر تەييارلانسۇن. بۇ زېمىن قاتىللىققا تولدى، شەھەرنى زوراۋانلىق قاپلىدى.

24 مەن ئەڭ رەزىل يات خەلقلەرنى باشلاپ كېلىمەن. ئۇلار خەلقىمنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ئىگىلەيدۇ. مەن چوقۇم ئىسرائىل ھوقۇقدارلىرىنىڭ مەغرۇرلۇقىنى سۇندۇرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ سەجدىگاھلىرى دەپسەندە بولىدۇ.

25 ۋەھىمىلىك كۈن كېلىدۇ، خەلقىم ئامانلىق ئىستەيدۇ، لېكىن ئامانلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.

26 ئاپەت ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ، شۇم خەۋەر ئۈزلۈكسىز تارقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىزدىشى بىھۇدىدۇر. ئۇلار روھانىيلاردىن تەلىم، ئاقساقاللاردىن مەسلىھەت ئالالمايدۇ.

27 پادىشاھ ماتەم تۇتىدۇ، يېتەكچىلىرى ئۈمىدسىزلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ قوللىرى تىترەيدۇ. مەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا لايىق جازالايمەن. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈم چىقارغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan