ئەزەكىئەل 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ ئۇستىرىسى 1 _ ئەي ئادەم بالىسى، بېرىپ بىر دانە ئۆتكۈر خەنجەر ئەكەل، ئۇنى ئۇستىرا ئورنىدا ئىشلىتىپ، چاچ ۋە ساقاللىرىڭنى چۈشۈر. ئاندىن چۈشۈرۈلگەن چاچ-ساقىللىرىڭنى تارازىدا تارتىپ، ئۈچكە بۆل. 2 شەھەرنى قورشاش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، چېچىڭنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كېسەككە ئويۇلغان شەھەردە كۆيدۈر. ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئويۇلغان شەھەرنىڭ سىرتىدا خەنجەر بىلەن توغرا. ئۈچىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شامالدا ئۇچۇرۇۋەت. چۈنكى مەن قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، خەلقىمنى كەينىدىن قوغلايمەن. 3 لېكىن ئۈچىنچى قىسمىدىن بىرئاز قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىرقانچە تېلىنى چاپىنىڭنىڭ پېشىگە تۈگۈۋال. 4 قالغانلىرىنى ئوتتا كۆيدۈر. ئوت مۇشۇ يەردىن باشلىنىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تۇتىشىدۇ. 5 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مانا بۇ يېرۇسالېمنىڭ تەقدىرىدۇر! مەن يېرۇسالېمنى باشقا ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويغانىدىم، ئەتراپىدا باشقا ئەللەر بار ئىدى. 6 لېكىن يېرۇسالېم رەزىللىك قىلىپ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە قوشنا ئەللەردىن بەكرەك خىلاپلىق قىلدى. ئۇ مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلدى. 7 شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا شۇنداق دەيمەنكى، سەن ئەتراپىڭدىكى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا بەكرەك ئىتائەتسىزدۇرسەن. سەن مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلمىدىڭ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلىشتا قوشنا ئەللەرگىمۇ يەتمىدىڭ. 8 ئەي يېرۇسالېم، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، سېنى باشقا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن. 9 يىرگىنچلىك بۇتلىرىڭنىڭ سەۋەبىدىن بۇرۇنمۇ بولۇپ باقمىغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدىغان جازا بىلەن جازالايمەن. 10 ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن. 11 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن يىرگىنچلىك بۇت ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا شاپائەت قىلمايمەن ھەم ئىچ ئاغرىتمايمەن. 12 سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن. 13 شۇندىلا ساڭا بولغان غەزىپىم بېسىلىپ، ئاچچىقىم يانىدۇ ۋە ئۆزۈمنى راھەت ھېس قىلىمەن. غەزىپىم ئۈستۈڭگە چۈشكەن ۋاقىتتا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن دېيىلگەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن. 14 ئەتراپىڭدىكى خەلقلەر ۋە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر كۆز ئالدىدىكى خارابىلىكنى كۆرۈپ، سېنى مازاق قىلىشىدۇ. 15 مەن غەزەپ بىلەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، سېنى ئاچچىقىم بىلەن قاتتىق جازالىغان ۋاقتىمدا، قوشنا ئەللەر تەرىپىدىن خورلۇق ۋە مەسخىرىگە قالىسەن. قوشنا ئەللەر سېنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر. 16 مەن ساڭا ئاچارچىلىقنىڭ ۋەيران قىلغۇچى زەھەرلىك ئوقىنى ئېتىپ، سېنى يوقىتىمەن. ئاچارچىلىق بارغانچە ئېغىرلىشىدۇ، يېمەك-ئىچمەك مەنبەسى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 17 ئاچارچىلىق ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ساڭا ھۇجۇم قىلىمەن، سەندىكى خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھالاك قىلىمەن. ۋابا ۋە تۆكۈلگەن قان سېنى ھالاك قىلىدۇ. بېشىڭدىمۇ قىلىچ ئوينىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti