ئەزەكىئەل 48 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەتتە قەبىلىگە تەقسىم قىلىنغان يەرلەر 1 ئىگىمىز پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: _ تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ناملىرى ۋە ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن يەرلەردۇر: دان قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىنىڭ ئەڭ شىمالىدا بولسۇن. ئۇنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ غەرب تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، خەتلوندىن ئۆتىدىغان يولنى بويلاپ، لىبو-خامات ئارقىلىق خازار-ئېنان شەھىرىگە تۇتاشسۇن. خازار-ئېنان دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر. دان قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 2 ئاشېر قەبىلىسىنىڭ يېرى دان قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 3 نافتالى قەبىلىسىنىڭ يېرى ئاشېر قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 4 ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرى نافتالى قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 5 ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يېرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 6 رۇبېن قەبىلىسنىڭ يېرى ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 7 يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يېرى رۇبېن قەبىلىسنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. مۇقەددەس يەرلەر 8 _ سىلەر يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا تۇتىشىدىغان زېمىندىن بىر پارچە يەرنى ئالاھىدە مەقسەت ئۈچۈن ئايرىپ قويۇڭلار. بۇ يەرگە خانلىق يەرلەرنى قوشقاندا شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى قوشنا قەبىلىلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوخشاش بولسۇن، كەڭلىكى 12.5 كىلومېتىردۇر. ئىبادەتخانا ئاشۇ يەرنىڭ مەركىزىدە بولسۇن. 9 سىلەر مۇشۇ ئالاھىدە يەرنىڭ ئىچىدىن ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر بولغان بىر پارچە يەرنى مەنكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاڭلار. 10 ئاندىن مەنكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان مۇشۇ مۇقەددەس يەرنىڭ ئىچىدىن ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىر بولغان يېرىمىنى روھانىيلارغا بۆلۈپ بېرىڭلار. ماڭا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانا مۇشۇ يەرنىڭ ئىچىدە بولسۇن. 11 بۇ يەر پەقەت زادوق ئەۋلادلىرىدىن ماڭا بېغىشلىنىپ، ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پاك روھانىيلارغا تەۋە بولىدۇ. ئىسرائىللار مەندىن يىراقلاشقان ۋاقىتلاردا، زادوق ئەۋلادلىرى قالغان لاۋىيلاردەك مەندىن يۈز ئۆرۈمىدى. 12 مۇقەددەس يەرنىڭ ئىچىدىكى بۇ يەر زادوق ئەۋلادلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈلۈشى بولۇپ، ئەڭ مۇقەددەس يەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەر لاۋىيلارنىڭ زېمىنى بىلەن قوشنىدۇر. 13 مەنكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان يەرنىڭ يەنە بىر يېرىمى لاۋىيلارغا بۆلۈپ بېرىلسۇن. بۇ يەرنىڭمۇ ئۇزۇنلۇقى 5.12 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىر بولىدۇ. دېمەك، لاۋىيلارغا ۋە روھانىيلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5.12 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر بولىدۇ. 14 بۇ يەرلەرنى سېتىشقا ياكى باشقىلارنىڭ يەرلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ يەرلەر ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە يەرلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، پەقەت ماڭا تەۋە مۇقەددەس يەر بولىدۇ. 15 مۇقەددەس يەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5.2 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر پارچە يەر ئاۋامغا تەۋە بولىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە شەھەر بولىدۇ، شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئوتلاقلار بولىدۇ. 16 شەھەر تۆت چاسا شەكلىدە لايىھەلەنسۇن، شەھەرنىڭ شىمال، جەنۇب، شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 2.25 كىلومېتىردىن بولسۇن. 17 ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنىڭ، يەنى شىمال، جەنۇب، شەرق ۋە غەرب تەرەپلەردىكى ئوتلاقلارنىڭ كەڭلىكى 125 مېتىردىن بولسۇن. 18 مۇقەددەس يەر بىلەن قوشنا بولغان ئاۋامغا تەۋە يەرنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىدىكى ئۇزۇنلۇقى 5 كىلومېتىردىن كېلىدىغان قالغان يەرلەردىن ئېلىنغان مەھسۇلاتلار شەھەردىكى ئىشلەمچىلەرنىڭدۇر. 19 بۇ يەرنى تېرىيدىغان شەھەردىكى ئىشلەمچىلەر بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە كىشىلەردۇر. 20 مۇقەددەس يەر بىلەن ئاۋامغا تەۋە يەرنى قوشقاندا، ھەممە تەرەپلىرى 12.5 كىلومېتىردىن بولۇپ، تۆت چاسا شەكلىدە بولىدۇ. 21 مۇقەددەس يەر بىلەن ئاۋامغا تەۋە يەرنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىدىكى يەرلەر پادىشاھقا تەۋە بولسۇن. پادىشاھقا تەۋە بۇ يەرلەر 12.5 كىلومېتىر كەڭلىك بويىچە شىمال ۋە جەنۇبتىكى قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن يەرلەرنى بويلاپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي چېگرالىرىغىچە سوزۇلۇپ بارىدۇ. ئىبادەتخانا جايلاشقان مۇقەددەس يەر بۇ يەرلەرنىڭ مەركىزىدە بولىدۇ. 22 شۇنداق قىلىپ لاۋىيلار، روھانىيلار ۋە ئاۋامغا تەۋە بولغان يەرلەر پادىشاھقا تەۋە بولغان ئىككى يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. پادىشاھقا تەۋە خانلىق يەر شىمالدا يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يەرلىرى بىلەن، جەنۇبتا بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ يەرلىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ. بەش قەبىلىگە تەقسىم قىلىنغان يەرلەر 23 _ تۆۋەندىكىلەر قالغان قەبىلىلەر ئىگە بولىدىغان يەرلەردۇر. بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ يېرى ئالاھىدە مەقسەت ئۈچۈن ئايرىۋېلىنغان يەر ۋە خانلىق يەرلەرنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن، ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 24 شىمون قەبىلىسىنىڭ يېرى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 25 ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ يېرى شىمون قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 26 زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 27 گاد قەبىلىسىنىڭ يېرى زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. 28 گاد قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىي چېگراسى شەرقتىكى تامار شەھىرىدىن باشلىنىپ، كادېشتىكى «مىرىبا سۈيى»گىچە، ئاندىن مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغا تۇتىشىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلىدۇ. 29 بۇلار ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان يەرلەردۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك بولغان يەرلىرىدۇر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى 30 _ شەھەر دەرۋازىلىرى تۆۋەندىكىدەك بولسۇن: شىمالىي سېپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.25 كىلومېتىر بولسۇن. 31 شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ نامى بېرىلسۇن، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ دەرۋازا رۇبېن، يەھۇدا ۋە لاۋىي دەرۋازىلىرى دەپ ئاتالسۇن. 32 شەھەرنىڭ شەرقىي سېپىلىمۇ 2.25 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولسۇن ۋە بۇ سېپىلغىمۇ ئۈچ دەرۋازا ياسىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۈسۈپ، بىنيامىن ۋە دان دەرۋازىسى دەپ ئاتالسۇن. 33 شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى سېپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.25 كىلومېتىر بولسۇن ۋە بۇ سېپىلغىمۇ ئۈچ دەرۋازا ياسىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىمون، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن دەرۋازىسى دەپ ئاتالسۇن. 34 غەرب تەرەپتىكى سېپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.25 كىلومېتىر بولسۇن ۋە بۇ سېپىلغىمۇ ئۈچ دەرۋازا ياسىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا گاد، ئاشېر ۋە نافتالى دەرۋازىسى دەپ ئاتالسۇن. 35 شەھەر سېپىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 9 كىلومېتىر بولسۇن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «ياھۋەھ شامماھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مۇشۇ يەردىدۇر»] دەپ ئاتالسۇن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti