ئەزەكىئەل 46 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ھەپتىنىڭ ئالتە ئىش كۈنىدە تاقاق تۇرسۇن، پەقەت دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ئوچۇق تۇرسۇن. 2 بۇ كۈنلەردە پادىشاھ ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ خانىسىغا كىرىپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرسۇن. روھانىيلار پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى قۇربانلىق قىلسۇن. پادىشاھ ئىشىك تۈۋىدىلا سەجدە قىلسۇن، ئاندىن چىقىپ كەتسۇن. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى كەچ كىرگۈچە تاقالمىسۇن. 3 دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ئىسرائىل خەلقى بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ھۇزۇرۇمدا ماڭا سەجدە قىلسۇن. 4 پادىشاھ دەم ئېلىش كۈنى ماڭا ئاتاپ ئالتە تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. 5 قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن، پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنسۇن. ھەر 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن بىلەن بىرگە بىر لىتىر زەيتۇن يېغى قوشۇپ سۇنسۇن. 6 يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى بېجىرىم بولغان بىر تۇياق بۇقا، ئالتە تۇياق ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق قوچقار سۇنسۇن. 7 بۇقا ۋە قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا سۇنسا بولىدۇ. ھەر 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن بىلەن بىرگە چوقۇم بىر لىتىر زەيتۇن يېغى سۇنسۇن. 8 پادىشاھ ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ دەرۋازا ئىمارىتىگە كىرگەندە، پەقەت خانىسىغىلا كىرسۇن ۋە كىرگەن يولى بىلەن چىقىپ كەتسۇن. 9 ئىسرائىل خەلقى بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرى ھۇزۇرۇمدا مەنكى پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدىغان ۋاقتىدا شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق كىرگەنلەر جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق، جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق كىرگەنلەر شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق چىقىپ كەتسۇن. ھېچكىممۇ كىرگەن دەرۋازا ئىمارىتى بىلەن قايتمىسۇن، چوقۇم قارشى تەرىپىدىكى دەرۋازا بىلەن چىقىپ كەتسۇن. 10 پادىشاھ ھېيت كۈنلىرى خەلق بىلەن بىرلىكتە ئىبادەتخانىغا كىرسۇن ۋە خەلق بىلەن بىرگە چىقىپ كەتسۇن. 11 بەلگىلەنگەن ھەربىر ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە قۇربانلىقلارغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ۋە قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن سۇنۇلسۇن. پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا بولسۇن. ھەر 5 كىلو ئۇن بىلەن بىرگە بىر لىتىر زەيتۇن يېغى سۇنۇلسۇن. 12 ئەگەر پادىشاھ ماڭا خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ئېچىپ بېرىلسۇن. ئۇ دەم ئېلىش كۈنىدە قۇربانلىقلارنى قانداق ئۇسۇلدا سۇنغان بولسا، بۇ قۇربانلىقلارنىمۇ شۇنداق ئۇسۇلدا سۇنسۇن. ئۇ قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، چىقىپ كەتسۇن، دەرۋازا تاقالسۇن. 13 پادىشاھ ھەر كۈنى ئەتىگەندە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلاندىن بىرنى ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. 14 شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر كۈنى ئەتىگەندە 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا 2 لىتىر زەيتۇن يېغى قۇيۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. مەنكى پەرۋەردىگارغا بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇش سىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. 15 شۇڭا ھەر كۈنى ئەتىگەندە پاقلان، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە زەيتۇن يېغى تەييارلاپ، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. خانلىق يەر ھەققىدە 16 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئەگەر پادىشاھ خانلىق يېرىنىڭ بىر قىسمىنى ئوغلىغا سوۋغا قىلىپ بەرسە، بۇ يەر ئوغلىنىڭ مەڭگۈلۈك مىراسى بولىدۇ. 17 ئەگەر ئەمەلدارىغا سوۋغا قىلىپ بەرسە، ئەمەلدارى ھۆرلۈك يىلىغىچە بۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ھۆرلۈك يىلى كەلگەندە، يەر پادىشاھقا قايتىدۇ. پادىشاھنىڭ مۈلكىگە پەقەت ئۇنىڭ ئوغۇللىرىلا ۋارىسلىق قىلىدۇ. 18 پادىشاھ خەلقىنى ھەيدىۋېتىپ، يېرىنى تارتىۋالمىسۇن. پادىشاھ پەقەت ئۆز يېرىنىلا ئوغۇللىرىغا مىراس قالدۇرالايدۇ. شۇندىلا خەلقىم مۈلكى بولغان يېرىدىن ھەيدىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىبادەتخانىنىڭ ئاشخانىلىرى 19 ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئادەم مېنى شىمالىي ئىچكىرىكى دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، ئالدى شىمالغا قارايدىغان روھانىيلارنىڭ مۇقەددەس خانىلىرىنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ كىرىش ئېغىزىغا باشلاپ كەلدى. شۇ يەردە ئۇ ئادەم ماڭا غەربتىكى ئەڭ چەتتىكى بىر يەرنى كۆرسەتتى. 20 ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ يەردە روھانىيلار ئەيىب قۇربانلىقلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى پىشۇرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلماسلىقى ۋە خەلقنىڭ بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەر مۇقەددەستۇر. 21 ئۇ ئادەم مېنى ئۇ يەردىن يەنە تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىنى كۆرسەتتى. قارىسام، ھويلىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا بىردىن كىچىك ھويلا بار ئىكەن. 22 ھەربىر ھويلا تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 20 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر ئىدى. 23 ھەربىر ھويلىنىڭ ئىچ تەرىپىدە تامنى بويلاپ بىر قاتاردىن تاش ئوچاق بار ئىدى. 24 ئۇ ماڭا: _ بۇلار ئىبادەتخانىدا يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ خەلق سۇنغان قۇربانلىقلارنى پىشۇرىدىغان يەرلىرىدۇر، _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti