Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 45 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇقەددەس يەر

1 _ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، بىر پارچە يەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇڭلار. بۇ يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر بولسۇن. بۇ يەرنى مۇقەددەس يەر دەپ ئاتاڭلار.

2-3 بۇ مۇقەددەس يەرنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈڭلار، ھەربىر بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىردىن بولسۇن. شۇلارنىڭ بىرىدىن ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا 250 مېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى ئىبادەتخانا ئۈچۈن ئايرىۋېلىڭلار، بۇ ئەڭ مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ. ئىبادەتخانا ھويلا تېمىنىڭ تۆت تەرىپىنىڭ سىرتىدىن 25 مېتىر كەڭلىكتە بوشلۇق قالدۇرۇڭلار.

4 مۇقەددەس يەرنىڭ بۇ يېرىمى يەنە ئىبادەتخانامدا ھۇزۇرۇمغا يېقىنلىشىپ، خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارغىمۇ تەۋە بولۇپ، بۇ يەردە روھانىيلارنىڭ تۇرالغۇلىرى بولىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە روھانىيلارنىڭ تۇرالغۇلىرى ۋە ئىبادەتخانا بولىدۇ.

5 مۇقەددەس يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككىنچى يېرىمى ئىبادەتخانامدا يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇلار ياشايدىغان تۇرالغۇلار شۇ يەرگە جايلاشسۇن.

6 مۇقەددەس يەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 2.5 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى ئايرىۋېلىڭلار. شۇ يەرگە شەھەر جايلاشسۇن، بۇ شەھەر پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولىدۇ.

7 مۇقەددەس يەر بىلەن شەھەرنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدىكى ئىككى پارچە يەر پادىشاھقا تەۋە بولسۇن. غەرب تەرىپىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىزغا، شەرق تەرىپىدىكى يەر ئىئوردان دەرياسىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، بۇ يەرلەرنىڭ غەربتىن شەرققىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى باشقا قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىنغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوخشاشتۇر.

8 ئىسرائىل زېمىنىدىكى بۇ خانلىق يەر پادىشاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىرى بۇنىڭدىن كېيىن خەلقىمگە زۇلۇم سالمايدۇ، ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئۆز يەرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا يول قويىدۇ.


پادىشاھ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

9 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئەي ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى، بولدى بەس! ئەمدى زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنى قويۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئىش قىلىڭلار، خەلقىمنى ئۆز يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلماڭلار. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

10 تارازا ۋە ئۆلچىمىڭلار توغرا ۋە ئادىل بولسۇن.

11-12 ئاشلىق ياكى سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچىگەندە، ئۆلچەملىك بىر قاچا ئىشلىتىڭلار.

13 تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار ھېيت-بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن پادىشاھقا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلەر ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر. پادىشاھقا بۇغداي ۋە ئارپىدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئاتمىشتىن بىرى،

14 زەيتۇن يېغىنىڭ يۈزدىن بىرى بېرىلسۇن.

15 ئىسرائىللارنىڭ سۇلىرى ئەلۋەك يايلاقلىرىدىكى قويلارنىڭ ئىككى يۈزدىن بىرى بېرىلسۇن. يۇقىرىقىلار ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

16 بارلىق ئىسرائىللار مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھقا تاپشۇرۇپ بەرسۇن.

17 ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پادىشاھ ھېيت-بايرام كۈنلىرى، يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ.


ھېيت-بايراملاردىكى ھەدىيەلەر

18 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ 1-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن بىر تۇياق بېجىرىم بۇقىنى قۇربانلىق قىلىڭلار.

19 روھانىي پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ كېشىكىگە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ۋە ئىچكىرىكى ھويلا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن.

20 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كىشىلەرنىڭ بىخەستەلىكى ياكى ساددىلىقى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىدىن بۇلغانغان ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن، روھانىي يۇقىرىقىدەك ئىش تۇتسۇن.

21 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. ھېيت كۈنلىرى پېتىر نان يەڭلار.

22 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.

23 بۇ يەتتە كۈنلۈك ھېيت جەريانىدا، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ھەر كۈنى بېجىرىم بولغان يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق تېكىنى مەنكى پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن.

24 ھەربىر بۇقا ياكى قوچقارغا قوشۇپ 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە 6 لىتىر زەيتۇن يېغىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن.

25 7-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىدىغان يەتتە كۈنلۈك كەپە تىكىش ھېيتى مەزگىلىدە، پادىشاھ يۇقىرىدىكى مىقدار ۋە ساندا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە زەيتۇن يېغىنى مەنكى پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan