Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئاساسىي خانىغا باشلاپ كىردى ۋە تاشقىرىقى خانا بىلەن ئاساسىي خانىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تامنى، يەنى ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنى ئۆلچىدى، تامنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئىدى.

2 ئىشىكنىڭ كەڭلىكى 5 مېتىر، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنىڭ كەڭلىكلىرى 2.5 مېتىردىن ئىدى. ئۇ ئادەم ئاساسىي خانىنىمۇ ئۆلچىدى. خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر ئىدى.

3 ئاندىن ئۇ ئادەم ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنى ئۆلچىدى. تامنىڭ قېلىنلىقى 1 مېتىر ئىدى. ئىشىكنىڭ كەڭلىكى 3 مېتىر، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنىڭ كەڭلىكلىرى 3.5 مېتىردىن ئىدى.

4 ئۇ يەنە ئىچكىرىكى خانىنىمۇ ئۆلچىدى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 10 مېتىردىن ئىدى. ئۇ ماڭا: _ بۇ ئەڭ مۇقەددەس خانىدۇر، _ دېدى.

5 ئاندىن ئۇ سىرتقا چىقىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتقى تاملىرىنى ئۆلچىدى، تاملارنىڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئۈچ ئەتراپىدا تاملارغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان يان خانىلار بار ئىدى. پەستىكى خانىلارنىڭ كەڭلىكى 2 مېتىردىن بولۇپ،

6 بۇ يان خانىلار ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغانىدى. ھەربىر قەۋىتىدە ئوتتۇز خانا بار ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ تېمىنىڭ سىرتقى قىسمى ئۈچ بالداق شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، بۇ بالداقلار خانىلارنىڭ ئۆگزە لىملىرىنى قويىدىغانغا يۆلەك بولغانىدى. شۇڭا يان خانىلارنىڭ ئۆگزە لىملىرىنى ئىبادەتخانا تاملىرىغا كىردۈرۈشكە ھاجەت بولمىغانىدى.

7 بۇ يان خانىلار ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىققانچە كېڭىيىپ باراتتى، چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ تېمىنىڭ ئاستى قېلىن بولۇپ، ئۈستىگە چىققانچە تارىيىپ باراتتى. پەلەمپەي ئارقىلىق ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋىتىگە چىققىلى بولاتتى.

8 ‏ ئىبادەتخانا ۋە يان خانىلارنىڭ 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇپىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى كۆردۈم.

9-10 يان خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانا بىلەن ئىككى تەرىپىدىكى خانىلارنىڭ ئارىلىقىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەڭلىكى 10 مېتىردىن بولغان بوش يەر بار ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىمۇ كەڭلىكى 10 مېتىر بولغان بوش يەر بار ئىدى.

11 ئىبادەتخانىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان يان خانىلارغا كىرىدىغان ئىككى ئىشىك بولۇپ، بىرى شىمالدا، يەنە بىرى جەنۇبتا ئىدى. سۇپا ئىبادەتخانا ۋە يان خانىلاردىن 2.5 مېتىر كەڭلىكتە چىقىپ تۇراتتى.


غەرب تەرەپتىكى ئىمارەت

12 ئىبادەتخانىنىڭ غەربىي تەرىپىدە، يەنى ئارقىسىدىكى بوش يەردىن كېيىن چوڭ بىر ئىمارەت بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئىچىنىڭ كەڭلىكى 35 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 45 مېتىر، تېمىنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى.


ئىبادەتخانا سىرتىنىڭ ئۆلچەملىرى

13 ئاندىن ئۇ كىشى ئىبادەتخانىنى سىرتىدىن ئۆلچىدى، ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ كەينى تېمىدىن غەربىي ئىمارەتنىڭ ئاخىرقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىق 50 مېتىر ئىدى.

14 ئىبادەتخانىنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئىككى يان تەرىپىدىكى بوش يەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 50 مېتىر ئىدى.

15 ئۇ كىشى ئىبادەتخانىنىڭ كەينىدىكى بوش يەردىن كېيىن ياسالغان ئىمارەتنى ئىككى تەرىپىدىكى پېشايۋان بىلەن قوشۇپ ئۆلچىدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى، ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ


ئىبادەتخانا ئىچىنىڭ تەسۋىرى

16 تاملىرى يەردىن پەنجىرىلىرىگىچە بولغان ئارىلىقى تاختاي بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا گىرۋەك چىقىرىلغانىدى، پەنجىرىلەرنى ئېچىپ ياپقىلى بولاتتى.

17 ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ تاملىرىغا شۇنداقلا ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە

18 كېرۇب ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى بىر كېرۇب، بىر خورما دەرىخى شەكلىدە ئۆلچەملىك ھالدا نەقىشلەنگەنىدى. كېرۇبلار ئىككى يۈزلۈك بولۇپ،

19 بىر يۈزى ئادەمنىڭكىگە، يەنە بىر يۈزى شىرنىڭكىگە ئوخشايتتى. ئۇلار ئىككى تەرىپىدىكى خورما دەرەخلىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. ئىبادەتخانىدىكى تاملارنىڭ ھەممىسى

20 يەردىن ئىشىكنىڭ ئۈستىگىچە دەل مۇشۇنداق شەكىلدە ئىدى.

21 ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشىكى تۆت چاسا ئىدى. ئاساسىي خانىدىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا كىرىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىدا

22 قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر بولۇپ، تۆت بۇرجىكى، ئاستى ۋە تۆت ئەتراپى ياغاچتىن ياسالغانىدى. ئۇ ئادەم ماڭا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلدۇر، _ دېدى.

23 ئاساسىي خانا ۋە ئەڭ مۇقەددەس خانىغا قوش قاناتلىق ئىشىكلەر ئورنىتىلغان بولۇپ،

24 ئىشىكلەرنىڭ ھەربىر قانىتى قاتلىنىدىغان ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقانىدى.

25 ئۇلارغىمۇ كېرۇب ۋە خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. تاشقىرىقى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزى ياغاچ پېشايۋانلىق ئىدى.

26 تاشقىرىقى خانىنىڭ يان تاملىرىدا پەنجىرىلەر بار بولۇپ، بۇ تاملارغىمۇ خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. يان خانىلارنىڭ ئىككى تەرەپتىكى كىرىش ئىشىكلىرىنىڭ ئايۋانلىرى بار ئىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan