Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەزەكىئەلنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلىشى

1 سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 25-يىلى، يەنى يېرۇسالېم قولدىن كەتكەنلىكىنىڭ 14-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە مېنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى.

2 غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە پەرۋەردىگار مېنى ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئېگىز بىر تاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. تاغنىڭ جەنۇبىدا ئىمارەتلەر بار بولۇپ، شەھەرگە ئوخشايتتى.

3 ئۇ مېنى ئاشۇ يەرگە ئېلىپ باردى. قارىسام، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇچتەك پارقىراق بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا زىغىر تانىدىن ۋە تاياقتىن ياسالغان ئىككى ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.

4 ئۇ ئادەم ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا كۆرسەتمەكچى بولغان ھەممە نەرسىگە سىنچىلاپ قارا، دىققىتىڭنى بەر، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. شۇ سەۋەبتىن، سەن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىڭنى ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈز، _ دېدى.

5 قارىسام، ئەتراپىدا ھويلا تېمى بار بىر ئىبادەتخانا بار ئىكەن. ھېلىقى ئادەم قولىدىكى 3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەم تايىقى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلا تېمىنى ئۆلچىدى. تامنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر، ئېگىزلىكىمۇ 3 مېتىر ئىدى.


ئىبادەتخانا تاشقىرىقى ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى

6 ئۇ ئادەم مېنى دەرۋازا ئالدىغا باشلاپ كەلدى، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى ئىدى. ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ، كىرىش ئېغىزى ئالدىغا كەلدى ۋە كىرىش ئېغىزىنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر ئىدى.

7 دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن بىر كارىدور بولۇپ، كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاراۋۇلخانىلار بار ئىدى. قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 3 مېتىردىن بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئارىلىقىدىكى تاملارنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى. قاراۋۇلخانىلاردىن كېيىن، كارىدورنىڭ ئاخىرىدا بىر خانا بولۇپ، ئاخىرقى قاراۋۇلخانىدىن بۇ خانىغىچە بولغان تامنىڭ قېلىنلىقىمۇ 3 مېتىر ئىدى.

8 ئۇ ئادەم بۇ خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى،

9 ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىر ئىدى. تاشقىرىقى ھويلىغا تۇتىشىدىغان چىقىش ئېغىزىدىكى تامنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىر بولۇپ، بۇ چىقىش ئېغىزى ئىبادەتخانىغا قاراپ تۇراتتى.

10 كارىدوردىكى ئالتە قاراۋۇلخانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرغان تاملارنىڭ قېلىنلىقىمۇ ئوخشاش ئىدى.

11 ئاندىن چىقىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، كەڭلىكى 5 مېتىر ئىدى، كارىدورنىڭ كەڭلىكى 6.5 مېتىر ئىدى.

12 ئىككى تەرەپتىكى قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ كىرىپ چىقىش ئېغىزىدىن باشقا يەرلىرى يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتىكى پاكار تاملار بىلەن توسۇلغانىدى. قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 3 مېتىر بولۇپ، تۆت چاسا ئىدى.

13 ئۇ ئادەم يەنە دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كەڭلىكىنى تورۇستىن ئۆلچىدى. بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرغان ئىككى قاراۋۇلخانىنىڭ ئارقا تاملىرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.

14 ئۇ ئادەم ئىمارەتنىڭ خانىسىنى ئۆلچىدى، ئۇ 30 مېتىر ئىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاشقىرىقى ھويلا ئوراپ تۇراتتى.

15 دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن چىقىش ئېغىزىغىچە بولغان كارىدورىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر ئىدى.

16 قاراۋۇلخانىلاردا ۋە خانىدا پەنجىرىلەر بار ئىدى. قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى.


تاشقىرىقى ھويلا

17 ئۇ ئادەم مېنى تاشقىرىقى ھويلىغا باشلاپ كىردى. تاشقىرىقى ھويلىنىڭ تاملىرىنى بويلاپ، ئوتتۇز ئېغىز ئۆي سېلىنغان بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا تاش ياتقۇزۇلغان يول بار ئىدى.

18 بۇ يول ۋە تاشقىرىقى ھويلا ئوخشاشلا ئىچكىرىكى ھويلىدىن پەس ئىدى. ھويلا تېمىنىڭ سىرتىدىن تاش ياتقۇزۇلغان يولنىڭ يەنە بىر قىرىغىچە بولغان ئارىلىق دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىغا تەڭ كېلەتتى.

19 دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا چىقىدىغان ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان يەنە بىر دەرۋازا ئىمارىتى بار ئىدى. ئۇ ئادەم بۇ ئىككى دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىدى، بۇ ئارىلىق 50 مېتىر ئىدى.


شىمالىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتى

20 ئۇ ئادەم يەنە شىمالىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتىنى ئۆلچىدى.

21 بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كارىدورىنىڭمۇ ھەر ئىككىلا تەرىپىدە ئۈچتىن قاراۋۇلخانا بار ئىدى. قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.

22 دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا جايلاشقان بولۇپ، خانا ۋە ئۇنىڭدىكى پەنجىرىلەر ھەم تاملارغا نەقىشلەنگەن خورما دەرەخلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا ۋە ئۇنىڭدىكى پەنجىرىلەر ھەم ئۇنىڭغا نەقىشلەنگەن خورما دەرەخلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدىمۇ يەتتە پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.

23 خۇددى شەرقىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتىگە ئوخشاش شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىگىمۇ ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلىدىغان ئىچكىرىكى ھويلا دەرۋازا ئىمارىتى بار ئىدى. ئۇ ئادەم ئىككى دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئارىلىقىنىمۇ ئۆلچىدى، ئارىلىقى 50 مېتىر ئىدى.


جەنۇبىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتى

24 ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى تاشقىرىقى ھويلىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە باشلاپ باردى، ئۇ يەردىمۇ بىر دەرۋازا ئىمارىتى بار ئىدى. ئۇ ئادەم كارىدورنىڭ ئاخىرىدىكى تاشقىرىقى ھويلا تەرەپتىكى خانىنى ۋە چىقىش ئېغىزىدىكى تامنى ئۆلچىدى. ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا ئىككى دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىدى.

25 كارىدور ۋە كارىدوردىكى خانىنىڭ پەنجىرىلىرىمۇ باشقا ئىككى دەرۋازا ئىمارەتلىرىدىكى پەنجىرىلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.

26 ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ يەتتە پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى. خانا كارىدورنىڭ ئاخىرىغا جايلاشقانىدى. قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى.

27 بۇ دەرۋازا ئىمارىتىمۇ ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان دەرۋازا ئىمارىتى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلەتتى. ئىككى دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئارىلىقى 50 مېتىر ئىدى.


ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ دەرۋازا ئىمارەتلىرى

28 ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىچكىرىكى ھويلىغا باشلاپ كىردى ۋە بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىمۇ ئۆلچىدى. بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى.

29-30 كارىدوردىكى قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ باشقىلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قاراۋۇلخانىلار ۋە خانىدىمۇ باشقىلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان پەنجىرىلەر بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.

31 دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ تاشقىرىقى ھويلا تەرىپىدە بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا سەككىز پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.

32 ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئىچكىرىكى ھويلا ئارقىلىق شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە باشلاپ كىردى. ئۇ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىدى.

33 كارىدوردىكى قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ باشقىلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قاراۋۇلخانىلار ۋە خانىدىمۇ باشقىلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان پەنجىرىلەر بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.

34 دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ تاشقىرىقى ھويلا تەرىپىدە بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا سەككىز پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.

35 ئۇ ئادەم مېنى يەنە شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىگە باشلاپ باردى ۋە ئۇنى ئۆلچىدى. ئۇنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىدى.

36 قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە كارىدوردىكى خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ باشقىلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قاراۋۇلخانىلار ۋە خانىدىمۇ پەنجىرىلەر بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى.

37 دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ تاشقىرىقى ھويلا تەرىپىدە بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا سەككىز پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.


قۇربانلىقلارنى پاكىزلاش ئۆيى

38 ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يان تەرىپىدە بىر ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، ئۇ ئۆيگە تاشقىرىقى ھويلىدىن كىرگىلى بولاتتى. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار مۇشۇ ئۆيدە پاكىزلىناتتى.

39 ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككىدىن تۆت ئۈستەل بار ئىدى. بۇ ئۈستەللەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرى بوغۇزلىناتتى.

40 مۇشۇ ئىمارەتنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدىمۇ ئىككىدىن جەمئىي تۆت ئۈستەل بار ئىدى.

41 دېمەك، شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدا تۆتتىن جەمئىي سەككىز ئۈستەل بار بولۇپ، بۇلار قۇربانلىقلار بوغۇزلانغاندا ئىشلىتىلەتتى.

42 كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆت ئۈستەل تاشتىن يونۇپ ياسالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 75 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇلارغا كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارمۇ قويۇلاتتى.

43 قالغان تۆتىگە قۇربانلىق گۆشلەر قويۇلاتتى. خانىنىڭ تاملىرىغا 8 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قوش ئىلمەكلەر قېقىلغانىدى.


روھانىيلارنىڭ ئۆيلىرى

44 ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ يانلىرىدا بىردىن ئۆي بولۇپ، شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ يېنىدىكى ئۆينىڭ ئالدى جەنۇبقا، جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ يېنىدىكى ئۆينىڭ ئالدى شىمالغا قارايتتى.

45 ئۇ ئادەم ماڭا: _ ئالدى جەنۇبقا قارايدىغان ئۆي ئىبادەتخانىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان روھانىيلار ئۈچۈن،

46 ئالدى شىمالغا قارايدىغان ئۆي قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان روھانىيلار ئۈچۈن سېلىنغاندۇر. بۇ روھانىيلار زادوقنىڭ ئەۋلادلىرىدىندۇر. لاۋىيلاردىن پەقەت زادوقنىڭ ئەۋلادلىرىلا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىشقا لايىقتۇر، _ دېدى.


ئىچكىرىكى ھويلا ۋە ئىبادەتخانا

47 ئۇ ئادەم ئىچكىرىكى ھويلىنى ئۆلچىدى. ھويلا تۆت چاسا بولۇپ، ھەربىر تەرىپى 50 مېتىردىن ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق سۇپىسى بار ئىدى.

48-49 ئۇ ئادەم مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا ئون پەشتاقلىق پەلەمپەي ۋە كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن تۈۋرۈك بار ئىدى. ئۇ ئادەم كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامنى ئۆلچىدى. بۇ تاملارنىڭ قېلىنلىقى 5‏.2 مېتىر، كىرىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى 7 مېتىر، ئىككى تەرەپتىكى تاملارنىڭ كەڭلىكى 1.5 مېتىردىن ئىدى. دېمەك، تاشقىرىقى خانىنىڭ كەڭلىكى جەمئىي 10 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىر ئىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan