Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنىشىنىڭ بېشارىتى

1 _ ئەي ئادەم بالىسى، بىر دانە كېسەك ئەكېلىپ، ئۇنى ئالدىڭغا قوي ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرۇسالېم شەھىرىنى ئويۇپ چىق.

2 ئاندىن ئويۇلغان شەھەرنىڭ مۇھاسىرىدە قالغانلىقىغا ئىشارە قىلىپ، ئەتراپىغا سېپىلغا چىقىدىغان ئىنشائاتلارنى ياسا، توپا دۆۋىلە، بارگاھ قۇر، قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇر.

3 قولۇڭغا بىر تاۋا ئېلىپ، ئۇنى سەن بىلەن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۆمۈر تام سۈپىتىدە تىكلەپ قوي. ئاندىن شەھەرگە يۈزلەن، شەھەر قورشاۋغا ئېلىنغان ھالەتتە بولسۇن، شەھەرنى سەن قورشاۋغا ئالىسەن. بۇ ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن بىر بېشارەت بولىدۇ.

4 ئاندىن سول يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئال. سول يېنىڭنى بېسىپ ياتقان ھەربىر كۈن سەن ئۈستۈڭگە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ يىل سانى بولىدۇ.

5 ئۇلار قانچە يىل گۇناھ قىلغان بولسا، سەن شۇنچە كۈن سول يېنىڭچە ياتىسەن. سەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن 390 كۈن سول يېنىڭنى بېسىپ ياتىسەن.

6 ئاندىن سەن 40 كۈن ئوڭ يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئالىسەن. سەن يېنىڭنى بېسىپ ياتقان كۈنلەرنىڭ سانى ئۇلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن يىللىرىنىڭ سانىدۇر.

7 ئاندىن قورشاۋ ئاستىدىكى يېرۇسالېمغا يۈزلەن، يېڭىڭنى تۈرۈپ، بۇ شەھەرگە قارشى بېشارەت بەر.

8 شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىش مۇددىتى توشمىغۇچە، ئوڭ، سول تەرىپىڭنى ئالماشتۇرۇۋالماسلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ قويىمەن.

9 نان قىلىش ئۈچۈن ئارپا، پۇرچاق، ماش، تېرىق ۋە ھەر خىل بۇغدايلارنى كومزەككە قاچىلىۋال، بۇلارنى 390 كۈن يېنىڭچە ياتقان ۋاقتىڭدا ئوزۇق قىلىسەن.

10-11 ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەيدىغان نەرسەڭنىڭ مىقدارى بىر قاچا تاماق، بىر كاسا سۇ بولىدۇ.

12 باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوتۇن ئورنىغا ئادەم تېزىكى ئىشلىتىپ، نان پىشۇرىسەن.

13 پەرۋەردىگار يەنە: بۇ مەن ئىسرائىللارنى ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، _ دېدى.

14 مەن: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى بۇلغاپ باقمىدىم! مەن بالا ۋاقتىمدىن تاكى ھازىرغىچە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ۋە باشقا ھارام گۆشلەرنى ئاغزىمغا ئېلىپ باقمىدىم، _ دېدىم.

15 ئۇ ماڭا: _ بولىدۇ، ئادەم تېزىكى ئورنىغا كالا تېزىكى ئىشلىتىشىڭگە رۇخسەت قىلاي، _ دېدى.

16 ئۇ يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن يېرۇسالېمنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. ئۇلار نورمىلىق يېمەكلىكلىرى ۋە سۇلىرىنى تەشۋىش ۋە قورقۇنچ بىلەن يەپ-ئىچىشىدۇ.

17 ئۇلارنىڭ ئاشلىقى ۋە سۈيى كەمچىل بولىدۇ. ئۇلار ۋەھىمە ئىچىدە بىر-بىرىگە قارىشىدۇ، ئاخىرى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ ھالاك بولۇشىدۇ، _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan