Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


گوگنىڭ مەغلۇپ بولۇشى

1 _ ئەي ئادەم بالىسى، گوگقا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگ، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن.

2 مەن سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇپ، يىراقتىكى شىمالدىن ئېلىپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ئىتتىرىپ كېلىمەن.

3 سول قولۇڭدىكى يانى ۋە ئوڭ قولۇڭدىكى ئوقنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈرىمەن.

4 سەن ۋە سېنىڭ قوشۇنۇڭ ھەمدە ساڭا ئەگىشىپ كەلگەن خەلقلەر ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا ھالاك بولىدۇ. جەسىتىڭلار قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.

5 سەن دالادا ھالاك بولىسەن، چۈنكى مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار بۇنى ئېيتتىم.

6 ماگوگنىڭ زېمىنىدا ۋە دېڭىز بويىدىكى جايلاردا خاتىرجەم ياشاۋاتقانلارغا ئوت ياغدۇرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

7 خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس نامىمنى نامايان قىلىمەن، ئەمدى مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغىنىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا ھەرقايسى ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

8 مەن ئېيتقان كۈن چوقۇم كېلىدۇ، ھەممە ئىشلار شۇ كۈنى يۈز بېرىدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9 شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەر لەشكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى تېرىۋېلىپ ئوتۇن قىلىپ، قالايدۇ. چوڭ-كىچىك قالقانلار، ئوقيالار، توقماق ۋە نەيزىلەر يەتتە يىل قالاشقا يېتىدۇ.

10 ئۇلارنىڭ ئوتۇن تېرىشىنىڭ، ئورمانلاردىن ئوتۇن كېسىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، قوراللار ئۇلارغا ئوتۇندۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇلىغانلارنى بۇلايدۇ، تالىغانلارنى تالايدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

11 ئۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدىكى دېڭىزنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تۇتىشىدىغان ‹يولۇچى جىلغىسى›دا گوگنىڭ قەبرىسىنى ھازىرلايمەن. ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ يەرگە كۆمۈلىدۇ. بۇ قەبرىستانلىق يولۇچىلارنىڭ يولىنى توسىدۇ. شۇڭا ئۇ يەر ‹گوگ قوشۇنىنىڭ جىلغىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.

12 ئىسرائىل خەلقى گوگ قوشۇنلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى كۆمۈپ، زېمىنىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە ئاي سەرپ قىلىدۇ.

13 ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى جەسەت كۆمۈشكە قاتنىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار مەن ئۇلۇغۋارلىقىمنى نامايان قىلغان كۈنى ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ.

14 يەتتە ئايدىن كېيىن، ئۇ يەرنى چارلايدىغانغا ئادەملەر تەيىنلىنىدۇ. چارلىغۇچىلار دائىم كېزىپ يۈرۈپ، كۆمۈلمەي قالغان ئۇستىخانلارنى كۆمۈپ، زېمىننى پاكلايدۇ.

15 چارلىغۇچىلار ئۇستىخان بايقىسا، يېنىغا بەلگە سېلىپ قويىدۇ، ئاندىن كۆمۈشكە مەسئۇل بولغانلىرى ئۇستىخاننى ‹گوگ قوشۇنىنىڭ جىلغىسى›غا ئېلىپ بېرىپ كۆمىدۇ.

16 (قەبرىستاننىڭ يېنىدا بىر شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھامونادۇر [مەنىسى ‹قوشۇن›].) شۇنداق قىلىپ، ئۇلار زېمىنىنى پاكلايدۇ.»

17 ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا دەيمەنكى، سەن ھەر خىل قۇش ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر ھەر تەرەپتىن توپلىشىپ كېلىڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ھازىرلىغان قۇربانلىق زىياپىتىمگە قاتنىشىڭلار، يەنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا كېلىپ، كاتتا زىياپەتكە داخىل بولۇڭلار. ئۇ يەردە گۆش يەيسىلەر، قان ئىچىسىلەر.

18 خۇددى ئادەملەر باشان زېمىنىنىڭ بوردالغان قوچقار، پاقلان، تېكە ۋە بۇقىلىرىنى يېگەندەك، سىلەرمۇ باتۇرلارنىڭ گۆشىنى يەپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ قېنىنى ئىچىسىلەر.

19 سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن تەييارلانغان قۇربانلىق زىياپىتىدە تويغۇچە مايلىق گۆش يەيسىلەر، مەست بولغاندەك ھۇزۇرلىنىپ قان ئىچىسىلەر.

20 جەڭ ئاتلىرىنىڭ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ، باتۇرلارنىڭ ۋە ھەر خىل لەشكەرلەرنىڭ گۆشلىرىنى تويغۇچە يەيسىلەر.» بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئىسرائىللارنىڭ سۈرگۈندىن قايتىپ كېلىشى

21 _ مەن ئۇلۇغۋارلىقىمنى ئەللەر ئارا نامايان قىلىمەن. پۈتۈن ئەللەر ئۆزلىرىنى جازالىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ ۋە قۇدرەتلىك قولۇمنى كۆرۈشىدۇ.

22 شۇ كۈندىن باشلاپ ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

23 باشقا ئەللەرمۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. مەن خەلقىمدىن دىدارىمنى يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا جېنىدىن جۇدا بولدى.

24 مەن ئۇلارنى ئىپلاسلىقلىرى ۋە گۇناھلىرىغا لايىق جازالىدىم ھەمدە ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇردۇم.

25 شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ياقۇپنىڭ سۈرگۈندىكى ئەۋلادلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن ۋە مۇقەددەس نامىمنى قاتتىق قوغدايمەن.

26 ئۇلار باشقىلارنىڭ تەھدىتلىرىدىن قۇتۇلۇپ يۇرتلىرىدا خاتىرجەملىككە ئېرىشكەندە، بۇرۇن قىلغان نومۇسسىزلىقلىرى ۋە ماڭا قىلغان بارلىق ساداقەتسىزلىكلىرىدىن نومۇس ھېس قىلىشىدۇ.

27 مەن ئۇلارنى يات ئەللەردىن ئېلىپ كەلگەن ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋاقتىمدا، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن.

28 مەن ئۇلارنى باشقا ئەللەرگە سۈرگۈن قىلغانىدىم، كەلگۈسىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىغا يىغىپ ئەكېلىمەن، بىر ئادەممۇ قېلىپ قالمايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

29 ئەمدى ئىسرائىللاردىن دىدارىمنى يوشۇرمايمەن، ئۇلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan