Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 38 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


گوگقا قارشى ۋەھىي

1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2 _ ئەي ئادەم بالىسى، ماگوگ زېمىنىدىكى مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگقا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز

3 ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگ، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن.

4 مەن سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇپ ئەكېلىمەن. جاۋىغايلىرىڭدىن ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، چوڭ-كىچىك قالقان تۇتقان، قىلىچ ئوينىتىدىغان بارلىق لەشكەرلىرىڭنى، ئاتلىرىڭنى ۋە ساۋۇت كىيگەن چەۋەندازلىرىڭنى سۆرەپ ئەكېلىمەن.

5 سېنىڭ قوشۇنۇڭدا قالقان تۇتقان، دۇبۇلغا كىيگەن پېرسىيەلىكلەر، كۇشلار، پۇئۇتلار،

6 گومەر خەلقىنىڭ لەشكەرلىرى ۋە يىراق شىمالدىكى توگارما يۇرتىنىڭ لەشكەرلىرى بولىدۇ. بۇ قوشۇن ناھايىتى كۆپ خەلقلەردىن تەركىب تاپقان قوشۇن بولىدۇ.

7 ھازىرلان، ئەتراپىڭغا كېلىپ توپلانغان قوشۇنۇڭ بىلەن تەييار بول، سەن ئۇلارغا باشچىلىق قىلىسەن.

8 يەنە نۇرغۇن يىلدىن كېيىن سەن جەڭگە چاقىرىلىسەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سەن ئۇزۇن يىل تاشلىنىپ قېلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلگەن زېمىنغا، يەنى ھەرقايسى ئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ھۇجۇم قىلىسەن.

9 سەن نۇرغۇن ئەللەردىن تەشكىللەنگەن قوشۇنۇڭ بىلەن بوران-چاپقۇندەك كېلىسەن. سېنىڭ قوشۇنۇڭ خۇددى قارا بۇلۇت زېمىننى قاپلىغاندەك قاپلايدۇ.

10 ئۇ چاغدا نىيىتىڭ بۇزۇلىدۇ، رەزىل پىلان تۈزىسەن.

11 سەن مۇنداق دەيسەن: ‹سېپىل ۋە دەرۋازىسىز يېزىلارغا ھۇجۇم قىلىمەن. ھېچقانداق تەييارلىقى بولمىغان، خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلقنى ۋەيران قىلىمەن.

12 مەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلايمەن. ھەرقايسى ئەللەردىن قايتىپ كېلىپ، خاراب يۇرتلارنى گۈللەندۈرگەن خەلققە ھۇجۇم قىلىمەن. ئۇلارنىڭ چارۋىلىرى ۋە مۈلكى ھەددى-ھېسابسىزدۇر، ئۇلار دۇنيانىڭ كىندىكىدىدۇر.›

13 شىبا ۋە دىدان خەلقلىرى ھەمدە تارشىشتىكى سودىگەرلەر سەندىن: ‹سەن بۇلاڭچىلىق قىلغىلى، يەنى توپلانغان قوشۇنۇڭنى باشلاپ، ئالتۇن-كۈمۈش، چارۋا ماللارنى تالان-تاراج قىلغىلى كەلگەنمۇ!؟› دەيدۇ.»

14 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئادەم بالىسى، سەن گوگقا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئاشۇ كۈنى كەلگەندە، ئىسرائىل خەلقىمنىڭ خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ قالىسەن!

15 سەن يىراقتىكى شىمالدىن كېلىسەن، نۇرغۇن خەلق سېنىڭ تەرىپىڭدە بولىدۇ. ھەممىڭلار ئاتلىق زور قوشۇن بولىسىلەر.

16 ئەي گوگ، سەن خۇددى قارا بۇلۇت زېمىنغا باستۇرۇپ كەلگەندەك خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىسەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سېنى زېمىنىمغا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، شۇ ئارقىلىق مەن باشقا ئەللەر ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن ۋە ئۇلارغا ئۆزۈمنى تونۇتىمەن.

17 مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي گوگ، مەن ئىلگىرى خىزمەتكارلىرىم، يەنى ئىسرائىلىيەدىكى پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەن ئەمەسمىدىم، ئۇلار سېنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىڭ ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشمىگەنمىدى!؟›

18 گوگ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، مەن چوقۇم غەزەپلىنىمەن.

19 مەن قاتتىق قەھر-غەزىپىم بىلەن شۇنى جاكارلايمەنكى، ئۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدە قاتتىق يەر تەۋرەيدۇ.

20 دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، يەر يۈزىدىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ئىنسانلار ئالدىمدا غال-غال تىترەيدۇ. تاغلار غۇلايدۇ، قىيالار يېرىلىدۇ، سېپىللار ئۆرۈلىدۇ.

21 مەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا گوگقا قارشى قىلىچ ھازىرلايمەن، ئۇلارنى ئۆزئارا قىرغىن قىلدۇرىمەن، بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

22 ۋابا، قىرغىنچىلىق، قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، ئوت ۋە گۈڭگۈرت بىلەن ئۇنى، قوشۇنىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن خەلقلەرنى جازالايمەن.

23 مەن ئۇلۇغلۇقۇمنى ۋە مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن، ھەرقايسى ئەللەرگە ئۆزۈمنى تونۇتىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan