Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشى

1-2 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! دۈشمەنلەر: ‹بۇ قەدىمىي تاغلار بىزگە مەنسۇپ بولدى› دېيىشىپ، قاقاقلاپ كۈلۈشمەكتە.»

3 ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «دۈشمىنىڭلار سىلەرگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، سىلەرنى ۋەيران قىلدى. سىلەر يات خەلقلەرنىڭ مۈلكىگە ئايلاندىڭلار ھەم ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىسىگە قالدىڭلار.

4 ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار تاغ، ئېدىر، جىرا، جىلغا ۋە خارابىلەرگە ھەمدە يات خەلقلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، ئادەمسىز قېلىپ، مەسخىرىگە قالغان شەھەرلەرگە مۇنداق دەيمەن:

5 ‹مەن يات ئەللەرنى ۋە ئىدومنى قەھر-غەزىپىم بىلەن ئەيىبلەيمەن، چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى خۇرسەن بولغان ۋە ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ئىگىلىۋالدى ھەم ئوتلاقلىرىمنى يۇتۇۋالدى.›»

6 شۇڭا سەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغ، ئېدىر، جىرا ۋە جىلغىلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر يات ئەللەرنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغىنىڭلاردا قەھر-غەزىپىم تاشتى.

7 شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىمەنكى، مەنمۇ تۆت ئەتراپىڭلاردىكى يات خەلقلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.

8 ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، سىلەردە ئەمدى دەرەخلەر كۆكلەپ، خەلقىم ئۈچۈن مېۋە بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ.

9 مەن سىلەر تەرەپتە تۇرىمەن، سىلەرگە يۈزلىنىمەن. ئېتىزلىرىڭلار قايتىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇرۇق چېچىلىدۇ.

10 سەندە ياشايدىغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى كۆپەيتىمەن. خاراب بولغان شەھەرلەر قايتىدىن قۇرۇلىدۇ، شەھەرلەردە ئادەم ياشايدۇ.

11 مەن ئادەم ۋە مال-ۋارانلارنى ئاۋۇتىمەن، ئۇلار كۆپىيىپ، بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەرگە ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. سىلەر خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاش روناق تاپىسىلەر، ئىسرائىللار تېخىمۇ گۈللىنىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.

12 خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى سىلەردە قايتا ياشىتىمەن، ئۇلار سىلەرگە ئىگە بولىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ مۈلكى بولىسىلەر. ئەمدى ئۇلارنى بالىلىرىدىن مەھرۇم قىلمايسىلەر.

13 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىلىيە تاغلىرى، يات ئەللەر بۇ زېمىننى ئادەم يەيدىغان، ئوغۇل-قىزلارنى خەلقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان زېمىن دېيىشىدۇ.

14 ئەمدى سىلەر ئادەم يېمەيسىلەر ۋە ئوغۇل-قىزلارنى خەلقىدىن مەھرۇم قىلمايسىلەر. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

15 ئەمدى سىلەرنى يات خەلقلەرگە مازاق قىلدۇرمايمەن ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قويمايمەن. سىلەر ئەمدى خەلقىمنىڭ قايتا پۇتلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولمايسىلەر.›»

16 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

17 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى ئۆز زېمىنىدا ياشىغان مەزگىلىدە، رەزىللىكلىرى بىلەن ئۆز زېمىنىنى بۇلغىغانىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى ھەيزدار ئاياللارنىڭ ھەيزلىرىدەك ناپاك ئىدى.

18 ئۇلار بۇ زېمىندا قان تۆكۈپ، بۇتلارغا چوقۇنۇپ، بۇ زېمىننى بۇلغىدى. شۇڭا مەن ئۇلارغا غەزەپلەندىم.

19 ئۇلارنى قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قارىتا جازالاپ، ياقا يۇرتلارغا، يات ئەللەرگە چېچىۋەتتىم.

20 ئۇلار نەگىلا بارمىسۇن ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ بولدى، چۈنكى ئۇلار يات خەلقلەرنىڭ: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئىدىغۇ؟! ئەمدى ئۇلار زېمىنىدىن قوغلىنىپتۇ» دېيىشىگە سەۋەب بولدى.

21 ئىسرائىل خەلقى نەگىلا بارمىسۇن ئەللەر ئارىسىدا مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى، مەن مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن قايغۇردۇم.

22 ئەي ئادەم بالىسى، شۇ سەۋەبتىن سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىللار، مېنىڭ سىلەرنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇشۇم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ نامىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. چۈنكى سىلەر بارغان يات ئەللەردە مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدىڭلار.

23 مەن ئەمدى باشقا ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان نامىمنىڭ قانچىلىك مۇقەددەسلىكىنى كۆرسىتىمەن. شۇندىلا ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

24 سىلەرنى ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن.

25 ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.

26 سىلەرگە يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئىچىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا يۇمشاق گۆش يۈرەك قويىمەن.

27 ئىچىڭلارغا روھىمنى سالىمەن. سىلەر مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىدىغان، قانۇن-قائىدىلىرىمگە چىن قەلبىڭلاردىن بويسۇنىدىغان بولىسىلەر.

28 سىلەر مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا ياشايسىلەر. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.

29 مەن سىلەرنى ھەر خىل ناپاك ئىشلىرىڭلاردىن ئازاد قىلىمەن. ئاشلىقىڭلارنى مول قىلىپ، ئاچارچىلىق پەيدا قىلمايمەن.

30 باغلىرىڭلاردىن ۋە ئېتىزلىرىڭلاردىن مول ھوسۇل ئالدۇرىمەن. ئەمدى سىلەر ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن يات ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايسىلەر.

31 ئۇ چاغ كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ناچار ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر ۋە بۇرۇنقى گۇناھ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.

32 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىمغا لايىق ئەمەسسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، قىلمىشىڭلاردىن خىجىل بولۇڭلار ۋە نومۇس قىلىڭلار.›

33 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، سىلەرنى پۈتۈن گۇناھىڭلاردىن پاكلىغان كۈنى شەھەرلىرىڭلارغا قايتىدىن ئادەم ئولتۇراقلاشتۇرىمەن، خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەر قايتا قۇرۇلىدۇ.

34 تاشلىنىپ قالغان يەرلەر قايتا تېرىلىدۇ، ئۆتكەن-كەچكەنلەر ئەمدى تاشلاندۇق يەرلەرنى كۆرمەيدۇ.

35 ئۇلار: ‹بۇرۇنقى قاقاس يەرلەر ئەمدى ئېرەم باغقا ئايلىنىپتۇ. بۇرۇن خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەرگە قايتىدىن سېپىللار ياسىلىپ، ئادەملەر ئولتۇراقلىشىپتۇ› دېيىشىدۇ.

36 ئۇ ۋاقىتتا ئەتراپىڭلاردىكى قالغان ئەللەر بۇ يەرلەرنى مېنىڭ قايتا قۇرۇپ چىققانلىقىمنى، تاشلىنىپ كەتكەن يەرلەرنى قايتا تېرىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار دېدىم، مەن دېگىنىمنى قىلىمەن.»

37 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ سانىنى قويلاردەك كۆپەيتىمەن.

38 خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەرنى ئادەملەرگە تولدۇرىمەن، ئۇلارنىڭ سانى خۇددى يېرۇسالېمغا ھېيت كۈنلىرى قۇربانلىق قىلىنىشقا ئەكېلىنگەن مال-چارۋىلارنىڭ سانىدەك كۆپ بولىدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan