ئەزەكىئەل 35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم ئېلىنى جازالىشى 1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 2 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىدومدىكى سەئىر تېغىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 3 ۋە پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي سەئىر تېغى، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، قولۇمنى كۆتۈرۈپ سېنى ئۇرىمەن، سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. 4 شەھەرلىرىڭنى خارابىلىككە، سېنى بىر پارچە قاقاس يەرگە ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن. 5 سەن ئىسرائىللارغا بولغان كونا ئاداۋىتىڭ سەۋەبىدىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان، گۇناھى سەۋەبىدىن جازاغا ئۇچرىغان ۋاقتىدا ئۇلارنى قىلىچ ئاستىغا تاشلاپ بەردىڭ. 6 شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ قېنىڭنى تۆكىمەن، قان پېشىڭنى قويۇۋەتمەيدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، قان پېشىڭنى قويۇۋەتمەيدۇ 7 مەن سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەن ھەرقانداق ئادەمنى يوقىتىمەن. 8 مەن سېنى ۋە ئەتراپىڭدىكى تاغلارنى جەسەتلەرگە تولدۇرىمەن. ئېدىر، جىلغا ۋە جىرالىرىڭ قىلىچتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تولىدۇ. 9 سېنى مەڭگۈلۈك قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، شەھەرلىرىڭ ئادەمسىز قالىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 10 ئەي ئىدوم، گەرچە مەن ئۇ يەردە بولساممۇ، بۇرۇن سەن: ‹يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىزگە تەۋە بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز› دېگەنىدىڭ. 11 شۇڭا مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۇلارغا قىلغان غەزىپىڭ، ھەسىتىڭ ۋە نەپرىتىڭگە لايىق جازالايمەن. مەن سېنى سوراق قىلىپ، ئۆزۈمنى ئىسرائىللارغا تونۇتىمەن. 12 سېنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا قىلغان ھاقارەتلىرىڭنى مېنىڭ ئاڭلىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسەن، سەن: ‹بۇ تاغلار قاقاسلاشتى، ئەمدى بىزگە يەم بولىدۇ› دېگەنىدىڭ. 13 سېنىڭ مەغرۇرلىنىپ، مەن ھەققىدە قىلغان نۇرغۇن يامان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم. 14 مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغاندا، ھەممە ئادەم خۇشاللىققا چۆمىدۇ. 15 ئىسرائىل زېمىنى قاقاسلىققا ئايلانغاندا سەن خۇشال بولدۇڭ، شۇڭا سېنىمۇ قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. ئەي سەئىر تېغى، ئەي پۈتۈن ئىدوم زېمىنى، سىلەر قاقاسلىققا ئايلىنىسىلەر. شۇندىلا ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.›» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti