ئەزەكىئەل 32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمىسىر پادىشاھى ھەققىدىكى مەرسىيە 1 سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 12-يىلى، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 2 _ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى ھەققىدىكى بۇ مەرسىيەنى ئۇنىڭغا يەتكۈز: «شىردەك بىلدىڭ ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارا، ئەمەلىيەتتە سەن ئوخشايسەن دېڭىزدىكى بىر مەخلۇققا. سەن پەقەت لەرزىگە سالىسەن دەريانى، پۇتلىرىڭ بىلەن قوچۇپ لېيىتىسەن سۇلارنى. 3 ئىگەڭ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن نۇرغۇن خەلقلەرنى، تور تاشلاپ، تۇتۇپ چىقار ئۇلار سېنى. 4 سېنى تاشلاپ يەرگە، ئېتىپ دالاغا، قوندۇرىمەن قاغا-قۇزغۇنلارنى ئۈستۈڭگە، يەم بولىسەن زېمىندىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا. 5 ئۆلۈكۈڭ تاغ ئارىسىدا قالىدۇ، جەسىتىڭ جىلغىلارنى قاپلايدۇ. 6 زېمىننى سۇغىرىمەن قېنىڭدا، تاغلار، جىرالار قالار ئاستىدا. 7 مەن سېنى يوقاتقاندا، ئاسماننى يېپىپ، نۇرسىز قىلىمەن يۇلتۇزلارنى. بۇلۇت بىلەن توسىمەن قۇياشنى، چاچمايدۇ ئايمۇ نۇرىنى. 8 توسىمەن كۆكتە پارلىغان بارلىق نۇرنى، قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرىمەن زېمىنىڭنى، ئىگەڭ پەرۋەردىگار دېدىم بۇنى. 9 مەن سېنى ۋەيران قىلغاندا، نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ، ھەتتا سېنى تونۇمايدىغان خەلقلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە غەم چۈشىدۇ. 10 بېشىڭغا كەلگەن ئىشلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن خەلقلەر ھەيران قالىدۇ. قىلىچىمنى پۇلاڭلاتقان ۋاقتىمدا نۇرغۇن پادىشاھلار قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. سەن گۇمران بولغان كۈنى ئۇلار جانلىرىدىن ئەنسىرىشىپ تىترىشىدۇ. 11 مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. 12 مەن قوشۇنۇڭنى يات خەلقلەرنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىي لەشكەرلەرنىڭ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈشىگە يول قويىمەن. لەشكەرلەر مىسىرلىقلارنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرىدۇ، مىسىرنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ھالاك بولىدۇ. 13 ئۆلتۈرىمەن ئۇنىڭ سۇلار بويىدىكى پۈتۈن پادىلىرىنى، ئادەملەرنىڭ پۇتلىرى، ھايۋانلارنىڭ تۇياقلىرى ئەمدى قوچۇپ، لېيىتالمايدۇ دەريا سۈيىنى. 14 ئاندىن مەن مىسىرنىڭ دەريالىرىنىڭ سۈيىنى تىندۇرۇپ سۈزۈك قىلىمەن، ئۇ ئاستا ئاقىدۇ خۇددى زەيتۇن يېغىدەك. ئىگەڭ پەرۋەردىگار دېدىم بۇنى. 15 قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن مىسىر تۇپراقلىرىنى، يوق قىلىمەن ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى، قىرىپ تاشلايمەن ئاھالىلىرىنى. شۇندىلا ئۇلار پەرۋەردىگار دەپ بىلىدۇ مېنى.› 16 بۇ مىسىر ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان مەرسىيەسىدۇر. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئاياللىرى مىسىر ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن بۇ مەرسىيەنى ئېيتىشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولغانلار 17 شۇ ئاينىڭ 15-كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 18 _ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر خەلقى ئۈچۈن ھازا تۇت. ئۇلارنى ۋە قۇدرەتلىك ئەللەرنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا مەھكۇم قىل. 19 مىسىرغا مۇنداق دەپ ئېيت: «ئەي مىسىر، سەن ئۆزۈڭنى ھەممىدىن گۈزەل دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، خەتنە قىلىنمىغانلار بىلەن بىرگە بولىسەن!» 20 مىسىر قىلىچتا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. قىلىچ غىلاپتىن چىقتى، مىسىر ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ. 21 ئۆلگەن باتۇر سەركەردىلەر ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەققىدە: «بۇلار ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، قىلىچتا ئۆلگەن خەتنىسىزلەر بىلەن بىر يەردە بولدى» دەيدۇ. 22 ئاسسۇرلارمۇ پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇ يەردىدۇر. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەردۇر. 23 ئۇلارنىڭ جايى ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىدۇر. تۆت ئەتراپى ئاسسۇر قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئاخىر بېرىپ، ئۆزلىرى قىلىچ ئاستىدا ئۆلدى. 24 ئېلاممۇ ئەنە شۇ يەردىدۇر. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم قىلىندى. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى گۆردىكىلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالماقتا. 25 ئېلام ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا بىر تۆشەك تەييارلاندى. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىندى. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى گۆردىكىلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالماقتا. 26 مەشەك ۋە تۇبالمۇ ئۇ يەردىدۇر. ئۇلارنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلارمۇ ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىندى. 27 بۇرۇنقى زامانلاردا باتۇرلار ئۆلسە، دەپنە قىلىنغاندا قىلىچلىرى ياستۇق، قالقانلىرى يېپىنچا قىلىناتتى. لېكىن مەشەك ۋە تۇباللار شەرەپ بىلەن دەپنە قىلىنمىدى، چۈنكى ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى. 28 ئەي پىرئەۋن، سەنمۇ ھالاك بولىسەن، ئاشۇ خەتنە قىلىنمىغان، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە ياتىسەن. 29 ئىدوممۇ پادىشاھلىرى ۋە شاھزادىلىرى بىلەن بىرگە ئۇ يەردىدۇر. ئۇلار بەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا گۆردىكى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە خەتنە قىلىنمىغانلار بىلەن بىرگىدۇر. 30 شىمالدىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار ۋە سىدونلۇقلارمۇ ئۇ يەردىدۇر. گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا ۋەھىمە سالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالغان ھالدا گۆردە ياتماقتا. 31 مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى پەقەت ئۆزىنىڭ قوشۇنىنىڭلا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى بەلكى باشقىلارنىڭ قوشۇنىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ تەسەللى تاپىدۇ. 32 پىرئەۋن ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى. شۇڭا ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خەتنە قىلىنمىغان ۋە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti