Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مىسىرغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

1 سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 10-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2 _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋە پۈتۈن مىسىر خەلقىگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز

3 ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مىسىر پىرئەۋنى، سەن نىل دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىدا ياتقان ۋەھشىي مەخلۇقسەن، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن. سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دەيسەن.

4 لېكىن مەن ئىلمەك بىلەن جاۋىغايلىرىڭدىن ئىلىپ، دەريادىكى بېلىقلارنى قاسراقلىرىڭغا چاپلاشتۇرىمەن. ئاندىن سېنى قاسراقلىرىڭغا چاپلاشقان بېلىقلار بىلەن بىرگە دەريادىن يۇلۇپ ئېلىپ،

5 چۆلگە تاشلايمەن. ئۆلۈكۈڭ دالادا قالىدۇ، ھېچكىم سېنى ئېلىپ كېلىپ كۆممەيدۇ. مەن سېنى يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن.

6 شۇندىلا بارلىق مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. سەن بىر تۈپ قومۇشقا ئوخشاش ئىسرائىل خەلقىگە يۆلەنچۈك بولالمىدىڭ.

7 ئۇلار سېنى تايىنىدىغان تاياق قىلغاندا، سەن يېرىلىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ قولتۇقىنى تىلىۋەتتىڭ. ئۇلار ساڭا يۆلەنگەندە، سەن سۇنۇپ كەتتىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بېلى چىم بولۇپ كەتتى.

8 شۇڭا مەن دەيمەنكى، قىلىچىمنى ساڭا شىلتىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلىرىڭنى يوقىتىمەن.

9 مىسىر بىر پارچە قاقاس زېمىنغا ئايلىنىدۇ. شۇندىلا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دېگەنلىكىڭ ئۈچۈن،

10 ساڭا ۋە دەريا ئېقىنلىرىڭغا قارشى تۇرىمەن. مىسىرنىڭ مىگدول شەھىرىدىن تارتىپ ئاسۋان شەھىرىگىچە ۋە كۇشنىڭ چېگرالىرىغىچە بولغان زېمىنىنى پۈتۈنلەي قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن.

11 بۇ يەرگە ئادەم ۋە ھايۋانلار ئاياغ باسمايدۇ. قىرىق يىلغىچە بۇ يەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.

12 مەن مىسىرنى چۆللەرنىڭ چۆلىگە، شەھەرلىرىنى خارابىلىكلەرنىڭ خارابىلىكىگە ئايلاندۇرىمەن، بۇ ھالەت قىرىق يىل داۋاملىشىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنى ياقا يۇرتلارغا چېچىۋېتىمەن ۋە يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن.

13 لېكىن مەن يەنە دەيمەنكى، قىرىق يىلدىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن مىسىرلىقلارنى يىغىمەن.

14 تۇتقۇن بولغانلىرىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتىغا، يەنى مىسىرنىڭ جەنۇبىغا كېلىشىگە يول قويىمەن. ئۇلار ئۇ يەردە ئاجىز بىر پادىشاھلىق قۇرىدۇ.

15 بۇ پادىشاھلىق ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك بىر پادىشاھلىق بولىدۇ، ھېچقاچان باشقا ئەللەردىن ئۈستۈن بولالمايدۇ. مەن ئۇنى شۇنچىلىك ئاجىز قىلىمەنكى، ئۇ باشقا ئەللەرگە قايتا ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ

16 مىسىر ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۈمىدى بولالمايدۇ، ئەكسىچە مىسىر ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغان چاغدىكى گۇناھىنى ئەسلىتىدۇ. شۇندىلا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


نىبۇكادنەزەرنىڭ مىسىرنى بويسۇندۇرۇشى

17 سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 27-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

18 _ ئەي ئادەم بالىسى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تىر شەھىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇرۇشنىڭ شىددەتلىكىدىن دۇبۇلغىلار لەشكەرلەرنىڭ باشلىرىنى يالىدى، ئېغىر يۈكلەر مۈرىلىرىنى يېغىر قىلدى. لېكىن ئۇلار تۆلىگەن بەدەللىرىگە لايىق تىردىن ھېچقانداق ئولجىغا ئېرىشەلمىدى.

19 شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن مىسىرنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ مىسىرنى تالان-تاراج قىلىپ، بايلىقلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. مىسىردىكى بايلىقلار بابىل لەشكەرلىرىنىڭ ئىش ھەققى بولىدۇ.

20 بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا مەن مىسىرنى ئۇنىڭغا ھەق سۈپىتىدە بېرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

21 ئۇ چاغ كەلگەندە مەن ئىسرائىل خەلقىنى كۈچلەندۈرىمەن. ئىسرائىل خەلقى سەن ئەزەكىئەلنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan