ئەزەكىئەل 28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىتىر پادىشاھىغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي 1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 2 _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر ھۆكۈمرانىغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سەن تەكەببۇرلۇق قىلىپ، كۆڭلۈڭدە: ‹مەن ئىلاھتۇرمەن، دېڭىزدىكى ئىلاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىمەن› دەيسەن. سەن ئۆزۈڭنى خۇدادەك دانا چاغلىساڭمۇ، لېكىن سەن بەرىبىر ئىنسانسەن، خۇدا ئەمەستۇرسەن. 3 سەن ئۆزۈڭنى دانىيالدىنمۇ ئەقىللىق چاغلايسەن. ‹مەن بىلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق› دەپ ئويلايسەن. 4 سەن ھەقىقەتەن ئەقىل-پارىسىتىڭگە تايىنىپ باي بولدۇڭ، خەزىنىلىرىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە تولدى. 5 سەن سودىغا ماھىرلىقىڭ بىلەن بايلىقىڭنى كۆپەيتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، كۆڭلۈڭنى تەكەببۇرلۇق قاپلاپ كەتتى.» 6 شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «سەن ئۆزۈڭنى مەن خۇدادەك دانا چاغلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، 7 ساڭا ئەڭ ۋەھشىي يات ئەللەرنى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. ئۇلار قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ، دانالىقىڭ ئارقىلىق ئېرىشكەن گۈزەل نەرسىلىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ ۋە شان-شەرىپىڭنى بۇلغايدۇ. 8 ئۇلار سېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا تاشلايدۇ، سەن دېڭىزنىڭ مەركىزىدە ئېچىنىشلىق ھالدا ھالاك بولىسەن. 9 سەن ئۆزۈڭنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ ئالدىدا يەنىلا ئىلاھ دېيەلەمسەن؟ سەن سېنى ئۆلتۈرىدىغانلارنىڭ قولىدا پەقەت ئاددىي بىر ئىنسانسەن، ئىلاھ ئەمەستۇرسەن. 10 سەن يات خەلقلەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە ئۆلىسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» تىر پادىشاھىنىڭ ئاقىۋىتى 11 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 12 _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر پادىشاھىغا مەرسىيە ئوقۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سەن تولۇپ تاشقان ئەقىل-پاراسەت ۋە گۈزەللىكىڭ بىلەن مۇكەممەللىكنىڭ ئۈلگىسى ئىدىڭ. 13 سەن مېنىڭ ئېرەم بېغىمدا ياشايتتىڭ. سەن قىزىل ياقۇت، توپاز، ئالماس، سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق، قىزىل ھېقىق، كۆك ياقۇت، فىرۇزە ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدىڭ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭ ئالتۇندىن ئىدى. بۇ نەرسىلەر سەن ئاپىرىدە بولغان كۈندە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولۇنغانىدى. 14 مەن سېنى ئېرەم بېغىمنى قوغدايدىغان كېرۇب قىلىپ تاللىدىم. سەن مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئىدىڭ، ئوتتەك يالتىرىغان تاشلار ئارىسىدا ماڭاتتىڭ. 15 سەن يارىتىلغاندىن تارتىپ تاكى رەزىللىك قىلغىنىڭغا قەدەر توغرا يولدا ماڭغانىدىڭ. 16 لېكىن تىجارىتىڭ يۈرۈشكەندىن كېيىن، زوراۋانلىق قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلدىڭ. شۇ سەۋەبتىن بېغىمنى قوغدايدىغان ئەي كېرۇب، مەن سېنى تېغىمدىن شەرمەندىلەرچە ھەيدىۋەتتىم، ئوتتەك يالتىرىغان تاشلار ئارىسىدىن يوقاتتىم. 17 گۈزەللىكىڭ سېنى تەكەببۇرلاشتۇردى. پارلاق شان-شەرىپىڭ ئەقلىڭنى بۇلغىدى. شۇڭا مەن سېنى يەرگە تاشلاپ، باشقا ئەل پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭنى تۆكتۈم. 18 سەن چەكسىز گۇناھلىرىڭ ۋە سودىدىكى ئادالەتسىزلىكىڭ بىلەن سەجدىگاھلىرىڭنى بۇلغىدىڭ، شۇڭا مەن ئىچىڭدىن سېنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلىدىغان ئوت چىقاردىم ۋە ساڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا سېنى كۆيدۈرۈپ، كۈلگە ئايلاندۇردۇم. 19 سېنى بىلىدىغان بارلىق ئەللەر ھاڭ-تاڭ بولۇشتى. سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولدۇڭ، ئەمدى قايتا مەۋجۇت بولمايسەن.» سىدون شەھىرىگە قارشى ۋەھىي 20 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 21 _ ئەي ئادەم بالىسى، سىدون شەھىرىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 22 ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي سىدون، ساڭا قارشى تۇرىمەن. سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىمەن، ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن، شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. 23 زېمىنىڭغا ۋابا تارقىتىمەن، كوچىلىرىڭدا قان ئاققۇزىمەن، قىلىچلىق دۈشمەنلەر ھەممە تەرەپتىن كېلىدۇ، شەھەرنى ئۆلۈكلەر قاپلايدۇ. شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.» 24 ئىسرائىللارنى كەمسىتكەن قوشنا ئەللەر ئەمدى ئۇلارغا تىكەن ۋە ئازغانلاردەك سانجىلىيالمايدۇ، شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. ئىسرائىل خەلقىنىڭ بەختلىك بولۇشى 25 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشقا ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىپ ئەكېلىپ، ئۇلار ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىمنى باشقا ئەللەرگە نامايان قىلغاندا، ئىسرائىللار مەن خىزمەتكارىم ياقۇپقا ئاتا قىلغان زېمىنغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. 26 ئۇلار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ، ئۆي سالىدۇ، ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى كەمسىتكەن ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى جازالىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىسرائىللار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti