Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


تىر شەھىرىگە مەرسىيە

1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2 _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر شەھىرى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇ.

3 دېڭىزنىڭ چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان ۋە دېڭىزنىڭ بويلىرىدا ياشايدىغان نۇرغۇن خەلقلەر بىلەن تىجارەت قىلىدىغان تىر شەھىرىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي تىر، سەن ئۆزۈڭنى ‹تەڭداشسىز گۈزەلمەن› دەپ ماختىغانىدىڭ.

4 سېنىڭ چېگرالىرىڭ دېڭىزنىڭ مەركىزىگىچە ئىدى. سېنى بەرپا قىلغۇچىلار كەم-كۈتىسىز گۈزەل بەرپا قىلغانىدى.

5 سەن خېرمون تېغىنىڭ قارىغاي ياغىچىدىن ياسالغان كېمىگە ئوخشايسەن. ماچتاڭ لىۋاننىڭ كېدىر ياغىچىدىن،

6 پالىقىڭ باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىدىن ياسالغانىدى. پوللىرىڭ سىپرۇس قارىغايلىرىدىن ياسىلىپ، پىل چىشىدىن نەقىش قىلىنغانىدى.

7 مىسىرنىڭ ئېسىل زىغىر رەختىدىن كەشتىلەپ ياسالغاندۇر يەلكىنىڭ، تۇغۇڭ ئىدى ئۇ سېنىڭ. ئەلىشا قىرغاقلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆك ۋە سۆسۈن رەختتىن ياسالغانىدى سايىۋەنلىرىڭ.

8 كېمەڭنىڭ پالاقچىلىرى سىدون ۋە ئارۋادلىقلار ئىدى. رولچىلىرىڭ ئىشقا ماھىر ئادەملىرىڭ ئىدى.

9 گىباللىق پىشقان ئۇستىلار كېمەڭنىڭ يوچۇقلىرىنى ئېتىپ تۇراتتى. دېڭىزدىكى بارلىق كېمىلەر سەن بىلەن سودا قىلاتتى.

10 قوشۇنۇڭدا پېرسىيەلىكلەر، لۇدلار، پۇئۇتلار بار ئىدى، ئۇلار قالقان ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئېسىپ قويۇپ، ھەيۋەڭنى نامايان قىلىشاتتى.

11 ئەي تىر، ئارۋادلىقلار قوشۇنلىرىڭ بىلەن بىرگە سېپىللىرىڭنى قوغدايتتى، گامادلىقلار مۇنارلىرىڭدا قاراۋۇللۇق قىلاتتى. ئۇلار سېپىللارغا قالقانلىرىنى ئېسىپ قويۇپ، سېنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىڭنى نامايان قىلاتتى.

12 سەن مول بايلىققا ئىگە بولغاچقا، تارشىشلىقلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي ۋە قوغۇشۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى.

13 يۇنانلار، تۇباللار، مەشەكلەر سەندە سودا قىلاتتى. ئۇلار قۇللار ۋە تۇچ بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلىپ، سېنىڭ ماللىرىڭغا ئالماشتۇراتتى.

14 توگارمالىقلار ئات، جەڭ ئاتلىرى ۋە قېچىرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى.

15 رودوس خەلقى سەن بىلەن سودىلىشاتتى. دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ ئەللەر سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار پىل چىشى ۋە قارا ئەبنوس ياغاچلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.

16 سەندە تاۋارلار مول بولغاچقا، ئىدوم خەلقىمۇ سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى. ئۇلار فىرۇزە، سۆسۈن رەڭلىك رەختلەر، كەشتىلەنگەن رەختلەر ۋە ئېسىل زىغىر رەختلەرنى ھەمدە مارجان تاشلار ۋە قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.

17 يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار مىننىتتىن كەلتۈرۈلگەن بۇغداي، تېرىق، ھەسەل، زەيتۇن يېغى ۋە پۇراقلىق مەلھەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.

18 دەمەشقلىكلەرمۇ سېنىڭ تاۋارلىرىڭ ۋە بايلىقىڭنىڭ موللۇقىنى بىلىپ، خەلبوندا ئىشلەنگەن شاراب ۋە زاخارنىڭ يۇڭلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.

19 ئۇزال زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن شارابلىرىنى ماللىرىڭغا ئالماشتۇراتتى. ساپ تۆمۈر، گۈلدارچىن، پۇراقلىق ئېگىر ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.

20 دىدانلىقلار ئېگەر-توقۇملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.

21 ئەرەبلەر ۋە قېدارنىڭ بارلىق شاھزادىلىرى سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار پاقلان، قوچقار ۋە ئۆچكە ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.

22 شىبا ۋە راماھنىڭ سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈپەتلىك خۇش پۇراقلىق دورا-دەرمەكلىرى، قىممەتلىك تاش ۋە ئالتۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.

23 خاران، كانېھ، ئەدەن، شىبا، ئاسسۇر ۋە كىلماد سودىگەرلىرى سەن بىلەن سودا قىلاتتى.

24 ئۇلار ئېسىل كىيىم، كەشتىلەنگەن كۆك رەخت، پۇختا توقۇلغان نەپىس، رەڭگارەڭ گىلەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.

25 تارشىشنىڭ كېمىلىرى ماللىرىڭنى توشۇيتتى. سەن ئېغىر مال قاچىلانغان دېڭىزدىكى كېمىگە ئوخشايسەن.

26 سەندىكى پالاقچىلار سېنى دېڭىز مەركىزىگىچە ئاپىرىدۇ، لېكىن دېڭىزدا شەرق شامىلى سېنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ.

27 بايلىقلىرىڭ، ماللىرىڭ، تاۋارلىرىڭ، كېمىچىلىرىڭ، رولچىلىرىڭ كېمە ياسىغۇچى ئۇستىلىرىڭ، سودىگەرلىرىڭ، لەشكەرلىرىڭ ۋە كېمەڭدىكى ھەرقانداق ئادەم سەن ۋەيران بولغان كۈنى دېڭىز مەركىزىدە پۈتۈنلەي غەرق بولىدۇ.

28 رولچىلىرىڭنىڭ ئازابلىق چۇقانلىرى دېڭىز ساھىللىرىنى لەرزىگە سالىدۇ.

29 بارلىق پالاقچىلار كېمىلىرىنى تەرك ئېتىشىدۇ، كېمىچىلىرى ۋە رولچىلىرىمۇ قىرغاققا چىقىشىدۇ.

30 ئۇلار سەن ئۈچۈن پەرياد قىلىپ، قاتتىق يىغلىشىدۇ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، كۈلدە ئېغىنىشىدۇ.

31 چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ، ماتەملىك كىيىم كىيىشىدۇ، قاتتىق يىغلىشىپ، ھەسرەت چېكىشىدۇ.

32 ئۇلار نالە-پەرياد ئىچىدە سەن ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇشىدۇ ۋە ساڭا تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىشىدۇ: ‹دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن تىر شەھىرىگە ئوخشاش يەنە بىر شەھەر بارمىدى؟›

33 ماللىرىڭ دېڭىز ئارقىلىق توشۇلۇپ، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغانىدى، سەندىكى زور بايلىق ۋە تاۋارلار بىلەن پادىشاھلار باي بولغانىدى،

34 ئەمما سېنى دېڭىز دولقۇنلىرى ۋەيران قىلدى، ماللىرىڭ ۋە بارلىق ئادەملىرىڭ دېڭىزغا غەرق بولدى.

35 سېنىڭ سەۋەبىڭدىن دېڭىز بويىدا ياشايدىغان خەلقلەر ئالاقزادە بولۇشتى. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى!

36 سەن باشقا ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالدىڭ. سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولدۇڭ، ئەمدى قايتا مەۋجۇت بولمايسەن.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan