ئەزەكىئەل 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئاممونلارغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي 1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 2 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئاممون خەلقىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 3 ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. مۇقەددەس ئىبادەتخانام بۇلغىنىپ، ئىسرائىلىيە زېمىنى خارابلىشىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنغاندا سىلەر خۇشال بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، 4 مەن سىلەرنى شەرقتىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا ئولتۇراقلىشىپ، چېدىرلىرىنى تىكىدۇ، مېۋەڭلارنى يەپ، سۈتۈڭلارنى ئىچىدۇ. 5 مەن پايتەختىڭلار رابباھ شەھىرىنى تۆگىلەر ئوتلايدىغان ئوتلاققا ئايلاندۇرىمەن، ئاممونلارنىڭ زېمىنىنى قوي قوتىنىغا ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 6 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە دەيمەنكى، سىلەر كۆڭلۈڭلاردا ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنىغا ئاپەت كەلگەندە، خۇشاللىقىڭلاردىن چاۋاك چېلىشىپ، سەكرىشىپ، تەنتەنە قىلىشتىڭلار. 7 شۇڭا مەن سىلەرگە قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە ئولجا قىلىپ تۇتۇپ بېرىمەن. سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن يوق قىلىمەن، سىلەر ھالاك بولىسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.» موئابلارغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي 8 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «موئاب ۋە سەئىر خەلقى: ‹يەھۇدىيە خەلقىنىڭ باشقا خەلقلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق› دەپ سۆزلەپ يۈرۈشتى. 9 شۇڭا مەن موئابنىڭ غەربىي چېگراسىنى ئاچىمەن. موئابنىڭ چېگراسىدىكى گۆھەر شەھەر ھېسابلانغان بەيت-يىشىموت، بائال-مىئون، قىرياتائىم شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن. 10 مەن ئۇلارنى ئاممونلار بىلەن بىرلىكتە شەرقتىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. شۇندىن باشلاپ ئاممونلار ئەللەر ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. 11 موئابلارنى چوقۇم جازالايمەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.» ئىدوملارغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي 12 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىدوم خەلقى يەھۇدىيە خەلقىدىن ئۆچ ئېلىپ، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى. 13 شۇڭا مەن ئىدومغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرنى، ھايۋانلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. تېمان شەھىرىدىن دىدان شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان خەلقنى قىلىچتىن ئۆتكۈزىمەن. 14 مەن ئىسرائىللارنىڭ قولى ئارقىلىق ئىدوملاردىن ئۆچ ئالىمەن. ئىسرائىللار مېنىڭ قەھر-غەزىپىم بويىچە ئۇلارنى جازالايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ قىساسىمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى چۈشكەن ۋەھىي 15 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «فىلىستىيەلىكلەر ئەسىرلەردىن بېرى كۆڭۈللىرىدە ساقلاپ كەلگەن كونا ئۆچ-ئاداۋەتلىرى بىلەن يەھۇدىيەلىكلەردىن ئۆچ ئالماقچى ۋە ئۇلارنى يوقاتماقچى بولۇشتى. 16 شۇڭا مەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كىرېت قەبىلىسىنى يوقىتىمەن، دېڭىز بويىدا ياشايدىغانلارنىمۇ قىرىپ تاشلايمەن. 17 مەن ئۇلاردىن دەھشەتلىك قىساس ئالىمەن ۋە ئۇلارنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالايمەن. مەن ئۇلاردىن قىساس ئالغاندىلا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti