ئەزەكىئەل 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىبۇزۇق ئاچا-سىڭىللار 1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 2 _ ئەي ئادەم بالىسى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاچا-سىڭىل بار ئىدى. 3 ئۇلار مىسىردا پاھىشىلىك قىلاتتى ۋە ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ پاھىشىلىك قىلغانىدى. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايتتى. 4 كېيىن ئۇلار مېنىڭ بولدى ۋە ماڭا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەردى. ئاچىسىنىڭ ئىسمى ئوھولا، سىڭلىسىنىڭ ئىسمى ئوھولىبا بولۇپ، ئۇلار سامارىيە ۋە يېرۇسالېمغا ۋەكىللىك قىلاتتى. 5 ئوھولا مېنىڭ نىكاھىمدا بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئاشنىسى ئاسسۇرلار بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلدى. 6 ئاشنىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆك كىيىم كىيگەن ئەمەلدار ۋە سەركەردىلەر بولۇپ، قامەتلىك، قىران چەۋەندازلار ئىدى. 7 ئۇ مۇشۇنداق ئاسسۇرلارنىڭ سەرخىللىرى بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۆزىنى بۇلغىدى. 8 ئۇ مىسىردىكى ۋاقتىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقىنى تاشلىمىدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ ياش بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئۇنىڭ بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرالايتتى. 9 شۇڭا مەن ئۇنى ئۇ ئىشقىۋازلىق قىلىشقان ئاسسۇرلۇق ئاشنىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم. 10 ئۇلار ئۇنى يالىڭاچلاپ، بالىلىرىنى تارتىۋالدى، ئاندىن ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتتى. جازاسىنى تارتقان ئوھولانىڭ يامان نامى ئاياللارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق جاھانغا تارقالدى. 11 ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوھولىبا بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنىلا پاھىشىلىك قىلىپ، ئاچىسىدىن بەكرەك بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتتى. 12 ئۇ ئاسسۇرلارنىڭ ئەمەلدارلىرى، سەركەردىلىرى، يارىشىملىق لەشكىرىي كىيىم كىيگەن لەشكەرلىرى ۋە چەۋەندازلىرى بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قامەتلىك، قىران يىگىتلەر ئىدى. 13 مەن ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ۋە ئاچىسى بىلەن ئوخشاش يول تۇتقانلىقىنى كۆردۈم. 14 ئۇ بۇزۇقچىلىققا تېخىمۇ بېرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇ بىر كۈنى تامدىكى قىزىل رەڭدە نەقىشلەنگەن بابىللىق يىگىتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ قالدى. 15 سۈرەتتىكى يىگىتلەر بەللىرىگە بەلباغ باغلىغان، باشلىرىغا سەللە يۆگىگەن بولۇپ، ئۇلار بابىلنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ سەركەردىلىرىگە ئوخشايتتى. 16 ئوھولىبا ئۇ رەسىملەرنى بىر كۆرۈپلا، ئۇلارغا ئاشىق بولۇپ قالدى ۋە بابىلغا ئەلچى ئەۋەتتى. 17 كېيىن بابىللىقلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىشق تۆشىكىدە ئىشقىۋازلىق قىلىپ، ئۇنى بۇلغىدى. ئوھولىبا بۇلغانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى بابىللىقلاردىن يىرگىنىپ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى. 18 ئوھولىبا داۋاملىق ئوچۇق-ئاشكارا بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، خۇددى مەن ئۇنىڭ ئاچىسىدىن بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈگىنىمدەك ئوھولىبادىنمۇ بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈدىم. 19 ئۇ تېخىمۇ كۆپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مىسىردىكى ياش ۋاقىتلىرىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى. 20 ئۇ جىنسىي ئەزالىرى ئېشەكنىڭكىدەك چوڭ ۋە مەنىيلىرى ئايغىرنىڭكىدەك كۆپ بولغان ئاشنىلىرىغا مەپتۇن بولۇپ يۈردى. 21 ئۇ مىسىردىكى ياش ۋاقىتلىرىدىكىدەك ھەرقانداق ئادەم كۆكسىنى سىلىيالايدىغان، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايدىغان بۇزۇقچىلىققا تەشنا ئىدى. 22 شۇڭا ئەي ئوھولىبا، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «سەن بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈگەن ئاشنىلىرىڭنى ھەممە تەرەپتىن ساڭا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. 23 مەن بابىللىقلار، يەنى پىقود، شوئا ۋە قوئادىن كەلگەن پۈتۈن كالدانلار ۋە پۈتۈن ئاسسۇرلارنى باشلاپ كېلىمەن. ئۇلار ياش ۋە قامەتلىك ئەمەلدارلار، باشلىقلار، سەركەردىلەر ۋە پالۋانلار بولۇپ، ھەممىسى ئاتلىقتۇر. 24 ئۇلار شىمالدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار قوللىرىغا چوڭ-كىچىك قالقان ئالغان، باشلىرىغا دۇبۇلغا كىيگەن بولۇپ، تۆت تەرەپتىن سېنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە سېنى جازالايدۇ. 25 مەن ئۇلار ئارقىلىق ساڭا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. ئۇلار ساڭا قەھرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇرنۇڭنى، قۇلاقلىرىڭنى كېسىۋالىدۇ، بالىلىرىڭنى ئەسىرگە ئېلىپ ئەكېتىدۇ. ئامان قالغانلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. 26 ئۇلار كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇۋېلىپ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلايدۇ. 27 مەن مۇشۇنداق قىلىپ، سېنىڭ مىسىردا ئۆگەنگەن بۇزۇقچىلىق ۋە پاھىشىلىكىڭنى توختىتىمەن، سېنىڭ مىسىرغا بولغان تەشنالىقىڭ يوقىلىدۇ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن.» 28 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى سەن ئۆچ كۆرگەن ۋە بىزار بولۇپ يۈز ئۆرۈگەن ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. 29 ئۇلار ساڭا تولۇپ تاشقان ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. سېنىڭ تىرىشىپ تاپقانلىرىڭنى تارتىۋالىدۇ، سەن يالىڭاچ قالىسەن. سېنىڭ پاھىشىلىكىڭ ئاشكارا بولۇپ، چاۋاڭ چىتقا يېيىلىدۇ. 30 سەن باشقا ئەللەر بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلار چوقۇم بېشىڭغا كېلىدۇ. 31 سەن ئاچاڭ بىلەن ئوخشاش يولدا ماڭغانىكەنسەن، ئۇ ئىچكەن جازا شارابىنى سەنمۇ ئىچىسەن.» 32 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاچاڭنىڭ چوڭ ھەم چوڭقۇر قەدىھىدىكى جازا شارابىنى چوقۇم ئىچىسەن، كىشىلەرنىڭ مەسخىرە ۋە ئاھانىتىگە قالىسەن. بۇ قەدەھ لىقمۇلىق تولغاندۇر. 33 ئاچاڭ سامارىيەگە سۇنۇلغان قەدەھ ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەت قەدىھىدۇر. سەن ئۇنى ئىچسەڭلا مەست بولىسەن، قەلبىڭنى ھەسرەت قاپلايدۇ. 34 سەن ئۇ جازا شارابىنى بىر تېمىممۇ قالدۇرماي ئىچىسەن، ئاندىن قەدەھنى ئۇرۇپ چاقىسەن، كۆكسۈڭنى تىلىسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» 35 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىڭ ۋە ماڭا تەتۈر قارىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سەن ئەمدى قىلغان بۇزۇقچىلىقىڭ ۋە ئىشقىۋازلىقىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن.» 36 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئوھولا ۋە ئوھولىبانىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار ۋە ئۇلارنىڭ قانداق يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلغانلىقىنى يۈزىگە سال. 37 ئۇلار بۇزۇقچىلىق قىلدى، قوللىرىنى قان بىلەن بويىدى، بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. ھەتتا ئۇلار ماڭا تۇغۇپ بەرگەن بالىلىرىنى بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ، يېمەكلىك سۈپىتىدە ئاتىدى. 38 بۇنىڭدىن تاشقىرى، مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغان كۈنى مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىگىمۇ ئەمەل قىلمىدى. 39 ئۇلار بالىلىرىنى كۆيدۈرۈپ بۇتقا ئاتىغان كۈنى مېنىڭ ئىبادەتخانامغا كىرىپ، ئۇنى بۇلغىدى. بۇ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدا قىلغان ئىشلىرىدۇر. 40 ئۇلار ھەتتا يىراقتىكى ئەرلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار كەلگۈچە بويىنى سۇغا سېلىپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرتۈپ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ، 41 ئېسىل تۆشىكىدە ئولتۇرۇپ تۇردى. تۆشىكىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە ماڭا مەنسۇپ بولغان پۇراقلىق ئىسرىق ۋە زەيتۇن يېغىنى تىزدى. 42 ئۇلارنىڭ ھۇجرىسىدىن كىشىلەرنىڭ غەم-ئەندىشىسىز كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چۆلدىن كەلگەن شارابخور، يارىماسلار بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭىللارغا بىلەزۈكلەر سېلىپ قويدى، باشلىرىغا گۈزەل تاجلارنى تاقىدى. 43 مەن بۇ ئاياللار ھەققىدە مۇنداق دېدىم: «پاھىشىلىك قىلىپ ھارغان بۇ ئاياللاردىن خالىغانچە پايدىلىنىۋېرىڭلار.» 44 ئۇ كىشىلەر نومۇسسىز ئوھولا ۋە ئوھولىبادىن شۇنداق پايدىلىنىپ، ئۇلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشتى. 45 لېكىن ھەققانىي ئادەملەر بۇ ئاياللارنى زىنا قىلغان ۋە قان تۆككەن ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازا بىلەن جازالايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئايال پاھىشىلىك قىلدى ۋە قوللىرىنى قان بىلەن بويىدى. 46 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «ئۇلارغا بىر قوشۇننى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، قورقۇنچقا چۈشىدۇ. 47 كىشىلەر ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىدۇ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ، بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ. 48 شۇنداق قىلىپ، مەن بۇ زېمىندىكى بۇزۇقچىلىقلارنى يوقىتىمەن. بارلىق ئاياللار ئىبرەت ئالىدۇ، ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. 49 ئەي ئاچا-سىڭىللار، مەن سىلەرنىڭ بۇزۇقچىلىق ۋە بۇتپەرەسلىك قىلغان گۇناھىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti