Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يېرۇسالېمنىڭ گۇناھى

1 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

2 _ ئەي ئادەم بالىسى، قانخور يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار، ئۇنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال.

3 ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «بۇت ياساپ ئۆزىنى بۇلغىغان ئەي قانخور شەھەر، ئەمدى ھالاك بولىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى.

4 سەن تۆككەن قانلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولدۇڭ. بۇت ياساپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىدىڭ. شۇڭا سېنىڭ ۋاقتىڭ توشتى، ھالاك بولىدىغان كۈنۈڭ كەلدى. مەن سېنى باشقا ئەللەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدا مەسخىرە ۋە خورلۇققا قالدۇرىمەن.

5 سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەي قالايمىقان شەھەر، يىراق ۋە يېقىندىكىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالىسەن.

6 قارا، سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم ئۆلتۈرمەكتە.

7 ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، مۇساپىرلارنى ئالدايدۇ، يېتىملەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىدۇ.

8 ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى خارلايدۇ، مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنى مەنسىتمەيدۇ.

9 سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ بەزىلىرى تۆھمەت قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرگۈزىدۇ. بەزىلىرى تاغلاردىكى بۇتخانىلارغا چىقىپ قۇربانلىقلاردىن يەيدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ.

10 بەزىلىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن زىنا قىلىدۇ، بەزىلىرى ھەيزدار ئاياللارغا زورلۇق قىلىدۇ،

11 بەزىلىرى قوشنىسىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىدۇ، بەزىلىرى كېلىنلىرىنىڭ، يەنە بەزىلىرى ئاتا بىر ئانا باشقا سىڭىللىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىدۇ.

12 يەنە بەزىلىرى پۇل ئۈچۈن قاتىللىق قىلىدۇ، بەرگەن قەرزلىرىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالىدۇ ۋە باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. ئۇلار مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

13 سەندىكى ھارام يول بىلەن پۇل تاپقانلار ۋە قان تۆككەنلەرگە غەزەپ ئىچىدە مۇشتۇملىرىمنى تۈگىمەن.

14 ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى جازالىغان كۈنۈم سەندە يەنە ماڭا قارشى چىققۇدەك جاسارەت ۋە كۈچ قالارمۇ؟ مەن پەرۋەردىگار دېگىنىمنى قىلىمەن.

15 مەن سەندىكى ئادەملەرنى ياقا يۇرتلارغا ۋە يات ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن، سەندىكى ئىپلاسلىقلارنى يوقىتىمەن.

16 سەن ئەللەر ئالدىدا نومۇسقا قالغىنىڭدا، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.»


پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ ئوچىقى

17 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

18 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى مەن ئۈچۈن پەقەت داشقالدۇر. ئۇلار كۈمۈش ئېرىتىلگەندىن كېيىن ئوچاقتا قالغان مىس، قەلەي، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇندۇر، يەنى كۈمۈشنىڭ داشقاللىرىدۇر.

19 شۇڭا ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر داشقالغا ئايلىنىپ قالدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى يېرۇسالېمغا يىغىمەن.

20 خۇددى ئادەملەر كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن ۋە قەلەيلەرنى ئوچاققا يېغىپ، ئۇلارنى ئېرىتىش ئۈچۈن ئوتنى پۈۋلىگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى يىغىپ، يېنىۋاتقان غەزەپ ئوتۇمغا تاشلايمەن ۋە سىلەرنى ئېرىتىمەن.

21 مەن سىلەرنى يىغىمەن ۋە غەزەپلىك ئوتۇمنى پۈۋلەيمەن، سىلەر شەھەردە ئوتۇمدا ئېرىپ كېتىسىلەر.

22 كۈمۈش ئوچاقتا ئېرىپ كەتكەندەك، سىلەرمۇ شەھەردە غەزەپ ئوتۇمدا ئېرىپ كېتىسىلەر. شۇندىلا سىلەر ئۈستۈڭلارغا غەزەپ ئوتىنى چاچقۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»


ئىسرائىلىيە يېتەكچىلىرىنىڭ گۇناھلىرى

23 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

24 _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سەن مېنىڭ غەزەپلەنگەن كۈنۈمدە يامغۇرسىز قېلىپ، پاكلانمىغان زېمىندۇرسەن.

25 سەندىكى يېتەكچىلەر خۇددى ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ ھۆركىرىشىۋاتقان شىرلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ ۋە ئۇلارنىڭ جېنىغا قەست قىلىپ، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۇل قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

26 سەندىكى روھانىيلار قانۇنۇمنى بۇزۇپ، مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىدى. ئۇلار نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئايرىمىدى، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكى ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمىدى. ئۇلار مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلماي، نامىمنى خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتسىزلىككە دۇچار قىلدى.

27 سەندىكى يېتەكچىلەر ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بۆرىلەردەك ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قان تۆكۈپ، ھارامدىن بايلىق توپلىدى.

28 سەندىكى ساختا پەيغەمبەرلەر خۇددى ھاك بىلەن تام ئاقارتماقچى بولغاندەك، ئۆزىنىڭ ساختا غايىبانە ئالامەت ۋە ۋەھىيلىرى بىلەن يېتەكچىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى يېپىش ئۈچۈن ‹ئىگىمىز پەرۋەردىگار دەيدۇكى› دەۋالغان بولسىمۇ، لېكىن مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەھىي چۈشۈرمىدىم.

29 ئاددىي كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلدى، ئوغرىلىق قىلدى، نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلدى، مۇساپىرلارنى خورلىدى ۋە ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى.

30 مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سېپىلنى قايتا مۇستەھكەملەيدىغان ۋە سېپىلنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن يېرىدە تۇرۇپ، يۇرتنى قوغدايدىغان ئادەمنى ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم.

31 شۇڭا مەن ئۇلارغا قەھرىمنى چاچىمەن، غەزەپ ئوتۇم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan