Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى

1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2 _ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلە، ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز

3 ۋە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيە، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، سەندىكى ھەققانىيلارنى ۋە رەزىللەرنى قوشۇپ يوقىتىمەن.

4 ھەققانىيلارنى ۋە رەزىللەرنى يوقىتىش ئۈچۈن مەن قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغىرىمەن، قىلىچىم جەنۇبتىن شىمالغىچە ھەممە ئادەمگە قارشى تۇرىدۇ.

5 شۇندىلا جاھان ئەھلى قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقارغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. مەن قىلىچىمنى غىلىپىغا قايتا سالمايمەن.»

6 ئەي ئادەم بالىسى، نالە قىل، باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېزىلگەن يۈرىكىڭ بىلەن قاتتىق نالە قىل.

7 ئەگەر بىرسى سەندىن نېمىشقا نالە قىلىسەن، دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەر: «شۇم خەۋەر كېلىۋاتىدۇ. بۇ خەۋەردىن ھەر كىشىنىڭ يۈرىكى سېلىپ، قوللىرىدا جان قالمايدۇ. ھەركىمنىڭ روھى چۈشۈپ، قورقۇنچتىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ. مانا شۇ ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ». بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

8 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

9 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «قىلىچ، قىلىچ بىلەندى، پارقىرىتىۋېتىلدى.

10 ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىلەندى. ئۇ پارقىراقلىقىدىن چاقماقتەك يالتىرايدۇ. ئەي ئوغلۇم يەھۇدىيە، ئەجەبا، سەن سەلتەنەت ھاسىسىدىن خۇشالمۇسەن؟ ياق، چۈنكى ئۇ قىلىچ ھېچبىر سەلتەنەت ھاسىسىنى مەنسىتمەيدۇ!

11 قىلىچ ئىشلىتىلىش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى. ئۇ جاللاتنىڭ قولىغا بېرىلىشى ئۈچۈن بىلەپ پارقىرىتىلدى.

12 ئەي ئادەم بالىسى، ۋارقىراپ يىغلا، چۈنكى بۇ قىلىچ مېنىڭ خەلقىمگە ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرىگە قارشى تۇرىدۇ. يېتەكچىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، خەلقىم بىلەن بىرگە قىرىلىدۇ. شۇڭا سەن مەيدەڭگە مۇشتلا.

13 خەلقنى سىنايدىغان ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇ. بۇ قىلىچ ھەتتا يەھۇدىيەنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى مەنسىتمەيدۇ، ئەگەر سەلتەنەت ھاسىسى بولمىسا، قانداق بولار؟ بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

14 ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈز ۋە مۇشتۇڭنى تۈر. قىلىچ ئىككى، ئۈچ قېتىم ئۇرۇلسۇن. بۇ قىلىچ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر، ئۇ كۆپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان قىلىچتۇر، ئۇ ھەممە تەرەپتىن كېلىدۇ.

15 قورقۇنچتىن خەلقىمنىڭ يۈرەكلىرى يېرىلسۇن، كۆپلىرى ھالاك بولسۇن. شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئۇ قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۇ چاقماقتەك پارقىرايدۇ، قىرغىنغا تەييار تۇرىدۇ.

16 ئەي قىلىچ، ئوڭ-سولۇڭغا ئۇرۇل، قايسى تەرەپ بولسا مەيلى.

17 مەنمۇ مۇشتۇملىرىمنى تۈرۈپ قويدۇم، غەزەپلىرىم بېسىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى

18 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

19 _ ئەي ئادەم بالىسى، بابىل پادىشاھى بىر قىلىچتۇر، ئۇنىڭ بېرىشى ئۈچۈن ئىككى يول سىز. ھەر ئىككى يول بىر نۇقتىدىن باشلانسۇن. شەھەرگە بارىدىغان يولنىڭ باشلانغان يېرىگە بەلگە ئورنات.

20 يوللارنىڭ بىرى ئاممونلارنىڭ يۇرتىنىڭ مەركىزى بولغان رابباھقا، يەنە بىرى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھىرى بولغان يېرۇسالېمغا تۇتاشسۇن.

21 بابىل پادىشاھى يولنىڭ ئايرىلىدىغان يېرىگە كەلگەندە، ئوقيانىڭ ئوقى ئارقىلىق پال سېلىپ، بۇتقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. مال ئۆلتۈرۈپ، جىگىرىگە قاراپمۇ پال سالىدۇ.

22 ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پالنىڭ جاۋابى، يەنى يېرۇسالېم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن يېرۇسالېم سېپىلىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىگە: «قىرىڭلار، چۇقان سېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىغا قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلەپ، شەھەرنى قورشاش ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ.

23 لېكىن يېرۇسالېملىقلار بابىل پادىشاھىنىڭ سالغان پالىغا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بابىل پادىشاھىغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ قەسەم ئىچىشكەنىدى. لېكىن بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئىسيانكارلىقىنى يۈزىگە سېلىپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ.

24 شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «چاۋاڭلار چىتقا يېيىلىپ، گۇناھىڭلار ئاشكارا بولدى، شۇڭا سىلەر ئەسىر قىلىنىسىلەر.»

25 ئەي ئىسرائىللارنىڭ پاسىق ۋە رەزىل پادىشاھى، سېنىڭ ۋاقتىڭ توشتى، سوراق قىلىنىدىغان كۈنۈڭ كەلدى.

26 مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «بېشىڭدىكى سەللەڭنى يېشىپ، تاجىڭنى ئېلىۋەت، زامان ئۆزگەردى. ئەمدى خار بولغانلار ئەزىزلىنىدۇ، ئەزىزلەنگەنلەر خار بولىدۇ.

27 ۋەيران بولىدۇ، ۋەيران بولىدۇ، مەن يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىمەن. لېكىن شەھەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى كەلمىگۈچە، بۇ ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ، بۇ شەھەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.»

28 ئەي ئادەم بالىسى، ئاممونلار ۋە ئۇلارنىڭ تارتىدىغان خورلۇقلىرى ھەققىدە بېشارەت بەر. ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «قىلىچ، قىلىچ غىلىپىدىن چىقتى، ئۇ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ، ئۇ چاقماقتەك چاقناش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى.

29 سىلەر كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە سالغان پالىڭلار يالغاندۇر. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان رەزىللەرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلىدۇ. چۈنكى ۋاقىت توشتى، سوراق كۈنى كەلدى.

30 ئەي قىلىچ، غىلىپىڭغا سېلىن! سەن يارىتىلغان يۇرتۇڭدا سېنى سوراق قىلىمەن.

31 ساڭا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن، قەھرىمنى چاچىمەن. مەن سېنى قانخورلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇلارنىڭ ماھىرلىرى سېنى ئۆلتۈرىدۇ.

32 سەن ئوتۇندەك كۆيدۈرۈلىسەن، قېنىڭ تۇپراقلىرىڭدا ئاقىدۇ. ھېچكىم سېنى ئەسلىمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan