ئەزەكىئەل 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىسيانكار ئىسرائىل 1 سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 7-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرقانچە ئىسرائىل ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى. 2 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 3 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كەلدىڭلارمۇ؟ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرگە ھېچقانداق مەسلىھەت بەرمەيمەن!» 4 ئەي ئادەم بالىسى، كەلگەن ئادەملەرنى ئەيىبلە ۋە ئۇلارغا تەنبىھ بەر. ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى بىلدۈر. 5 ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان كۈنى مىسىردا ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئايان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇشقا قەسەم قىلغانىدىم. 6 ئاشۇ كۈنى مەن ئۇلارغا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىدىغانلىقىم، ئۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن مەن تاللىغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىم ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدىم. 7 مەن ئۇلارغا: ‹سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلارنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك بۇتلىرىڭلارنى تاشلاڭلار، مىسىرنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن› دېدىم. 8 لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى. ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرىنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك نەرسىلىرىنى ۋە مىسىرنىڭ بۇتلىرىنىمۇ يوقاتمىدى. ئەسلى مەن ئۇلارغا مىسىردا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن، دەپ نىيەت قىلغانىدىم. 9 لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇ خەلقلەر مېنىڭ ئىسرائىللار ئالدىدا ئايان بولغانلىقىمنى ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلەتتى. 10 شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، چۆللۈككە باشلاپ باردىم. 11 ئۇ يەردە مەن ئۇلارغا مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمنى ئېلان قىلدىم. كىمكى بۇلارغا رىئايە قىلسا، ھايات قالىدۇ. 12 مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى پاك بىر خەلق قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا دەم ئېلىش كۈنىنى بەردىم. 13 لېكىن ئىسرائىل خەلقى چۆللۈكتە ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى رەت قىلدى، (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولدۇم. 14 لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ. 15 ۋاھالەنكى، مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا باشلاپ كىرمەسلىككە قەسەم قىلدىم. 16 چۈنكى ئۇلار بەلگىلىمىلىرىمنى رەت قىلدى ۋە قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلمىدى. مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ بۇلغىدى، قەلبلىرىنى بۇتلارغا بەردى. 17 شۇنداقتىمۇ مەن ئۇلارنى ئايىدىم، ئۇلارنى ۋەيران قىلمىدىم، چۆللۈكتە پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىم. 18 مەن چۆللۈكتە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە: ‹ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئىزىدىن ماڭماڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دورىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. 19 مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مېنىڭ قانۇنۇمغا رىئايە قىلىڭلار، بەلگىلىمىلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. 20 مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنى ئارىمىزدىكى بىر بەلگىدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدىم. 21 لېكىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنمىدى. (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم. 22 لېكىن مەن بۇنداق قىلىشتىن قولۇمنى تارتتىم ۋە نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ. 23 ئۇلار چۆلدىكى ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى ياقا يۇرتلارغا تارقىتىۋېتىمەن، يات ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن، دەپ قەسەم قىلدىم. 24 چۈنكى ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى، بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى، ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان بۇتلارغا مەپتۇن بولدى. 25 شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ پايدىسىز قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشىغا، ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدىغان قانۇنلارغا بويسۇنۇشىغا يول قويدۇم. 26 مەن ئۇلارنى ئۆزلىرى سۇنغان ھەدىيىلىرى، يەنى تۇنجى ئوغۇللىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، كۆيدۈرۈشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى بۇلغىشىغا يول قويدۇم. شۇ ئارقىلىق ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ، ئۇلارنى مۇشۇنداق ۋەھىمىگە چۈشۈردۈم.» 27 ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، مېنى ھاقارەتلىدى. 28 مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى. 29 مەن ئۇلاردىن: ‹سىلەر بارىدىغان ئېگىزلىكىنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟› دەپ سورىدىم.» (شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەر «باماھ» [مەنىسى «ئېگىزلىك»] دەپ، ئاتالدى.) 30 شۇڭا سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئوخشاش يىرگىنچلىك بۇتقا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماقچىمۇ؟ 31 سىلەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بۇتلارغا ھەدىيەلەرنى سۇنۇپ، بالىلىرىڭلارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغانلىق ئەمەسمۇ؟! ئەي ئىسرائىل خەلقى، شۇنداق ئىكەن، مەن سىلەرگە مەسلىھەت بېرەرمەنمۇ؟ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورىشىڭلارغا قەتئىي يول قويمايمەن. 32 سىلەر باشقا ئەللەرگە، يەنى يات خەلقلەرگە ئوخشاش ياغاچ ۋە تاشلارغا چوقۇنساق، دەپ ئويلايسىلەر، لېكىن سىلەرنىڭ بۇ خىيالىڭلار ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 33 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم ۋە قاتتىق غەزىپىم بىلەن سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن. 34 مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن ۋە يات ئەللەردىن ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم ۋە قاتتىق غەزىپىم بىلەن يىغىمەن. 35 سىلەرنى يات ئەللەرنىڭ چۆللۈكلىرىگە باشلاپ بېرىپ، يۈزمۇيۈز سوراق قىلىمەن. 36 خۇددى مەن ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىرنىڭ چۆللۈكىدە سوراق قىلغانغا ئوخشاش، سىلەرنىمۇ سوراق قىلىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 37 مەن سىلەرنى تاياق ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرىمەن ۋە ئەھدىگە رىئايە قىلدۇرىمەن. 38 ئاراڭلاردىكى ئاسىي ۋە گۇناھكارلارنى يوقىتىمەن. گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەردىن ئېلىپ چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ئىسرائىلىيە زېمىنىغا كىرەلمەيدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 39 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىساڭلار، يوقىلىڭلار، بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇۋېرىڭلار! لېكىن سىلەرنىڭ ئەمدى بۇتلىرىڭلارغا قىلغان قۇربانلىق ھەدىيەلىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى يەنە بۇلغىشىڭلارغا يول قويمايمەن. 40 مەن دەيمەنكى، مۇقەددەس تېغىمدا، يەنى ئىسرائىلىيە زېمىنىدىكى ئېگىز تاغدا بارلىق ئىسرائىللار ماڭا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلىمەن. سىلەرنىڭ ئۇ يەردە ماڭا بېكىتىلگەن ھەدىيەلەرنى، ئېسىل سوۋغاتلارنى ۋە مۇقەددەس قۇربانلىقىڭلارنى سۇنۇشۇڭلارنى ئەمر قىلىمەن. 41 سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ ئەكەلگەندە، سىلەرنى خۇددى مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقتەك قوبۇل قىلىمەن. مەن يات خەلقلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن. 42 مەن سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلىنغان ئىسرائىل زېمىنىغا باشلاپ بارغاندا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 43 سىلەر ئۇ يەردە، بۇرۇن قىلغان قىلمىشىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان ناپاك ئىشلارنى ئەسكە ئالىسىلەر ۋە قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىڭلارنى ئويلاپ ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر. 44 ئەي ئىسرائىل خەلقى، نام-شەرىپىم ئۈچۈن سىلەرنى رەزىل ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارغا لايىق جازالىمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›» نەگېبتىكى ئوت 45 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 46 _ ئەي ئادەم بالىسى، جەنۇبقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، نەگېبتىكى ئورمانلىققا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 47 ۋە ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي نەگېبتىكى ئورمانلىق، پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال. مەن ساڭا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت سەندىكى بارلىق ياشىرىپ تۇرغان ۋە قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. بۇ يالقۇنلۇق ئوتنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمەيدۇ، بۇ ئوت جەنۇبتىن شىمالغىچە ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ. 48 شۇندىلا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر بۇ ئوتنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قويغانلىقىنى بىلىشىدۇ، ئۇنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمەيدۇ.» 49 شۇ چاغدا مەن: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۇلار مېنى «بۇ ئادەم پەقەت مەسەل سۆزلەۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، _ دېدىم. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti