Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەزەكىئەلنىڭ پەيغەمبەرلىككە تاللىنىشى

1 ئۇ ئاۋاز ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئورنۇڭدىن تۇر، مەن ساڭا گەپ قىلماقچىمەن، _ دېدى.

2 ئۇ سۆزىنى باشلا باشلىماستىن، روھ ۋۇجۇدۇمغا چۈشۈپ، مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم.

3 ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ، ئۆزلىرىمۇ ھازىرغىچە داۋاملىق ماڭا قارشىلىق قىلىپ كەلمەكتە.

4 بۇ خەلق جاھىل، بوينى قاتتىق خەلقتۇر، مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلايسەن.

5 ئۇ ئاسىي خەلق سۆزلىرىمنى مەيلى ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن، ئۇلار ھامىنى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشىدۇ.

6 ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ گېپىدىن قورقما. گەرچە ئەتراپىڭنى تىكەن ۋە ئازغانلار قاپلاپ كەتسىمۇ ۋە چايانلارنىڭ ئارىسىدا ياشىساڭمۇ ھودۇقما، سۆزلىرىگە ئېرەن قىلما، ئەلپازلىرىغا قاراپ ئەنسىرىمە، چۈنكى ئۇلار ئاسىي خەلقتۇر.

7 مەيلى ئۇلار ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.

8 ئەي ئادەم بالىسى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال، ئۇلارغا ئوخشاش ئاسىي بولما. ئاغزىڭنى ئاچ، بېرىدىغىنىمنى يە.

9 شۇ چاغدا مەن بىر قولنىڭ ماڭا قاراپ سوزۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇ قولدا بىر ئورام يازما بارلىقىنى كۆردۈم.

10 ئۇ قول ئورام يازمىنى ئالدىمدا ئاچتى، ئورام يازمىنىڭ ھەر ئىككىلا يۈزى ھەسرەت، قايغۇ ۋە ماتەم سۆزلىرىگە تولغانىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan