ئەزەكىئەل 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىسرائىل پادىشاھلىرى ئۈچۈن مەرسىيە 1 پەرۋەردىگار ماڭا: _ سەن ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇ، _ دېدى. 2 «ئوخشايتتى ئاناڭ نېمىگە؟ ئوخشايتتى ئۇ شىرلار ئارىسىدىكى ئانا شىرغا، بالىسىنى باقاتتى ئۇ، يېتىپ ياش شىرلار ئارىسىدا. 3 بېقىپ ئۇ بىر كۈچۈكىنى، كۈچلۈك شىر قىلىپ چىقتى ئۇنى. ئۆگەندى شىر كۈچۈكى ئوۋ ئوۋلاشنى ۋە ئادەم يېيىشنى. 4 بۇنى بىلىپ باشقا ئەللەر تۇزاق قۇرۇپ ئۇنىڭغا، تۇتتى ئۇنى ۋە ئېلىپ كەلدى بۇرنىغا ئىلمەك سېلىپ مىسىرغا. 5 كۈتۈۋېرىپ ئانا شىر ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى، ئۈزدى ئۇنىڭغا باغلىغان ئۈمىدىنى. ئۇ يەنە بېقىپ بىر شىر كۈچۈكىنى، كۈچلۈك شىرغا ئايلاندۇردى ئۇنى. 6 ئايلانغاچ ئۇ كۈچلۈك شىرغا، يۈرەتتى ئۇ شىر توپىنىڭ ئارىسىدا. ئۆگەندى ئۇ ئوۋ ئوۋلاشنى ۋە ئادەم يېيىشنى. 7 ئۇ بۇزۇپ يات خەلقلەرنىڭ قەلئەلىرىنى، خارابە قىلدى شەھەرلىرىنى. تىترەيتتى يەر-جاھان ئاڭلىسا ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى. 8 شۇڭا يات ئەللەر تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭغا، چۈشۈردى ئۇنى تورلىرىغا. چۈشتى ئۇ ئۇلارنىڭ تۇزىقىغا. 9 ئۇلار ئىلمەك بىلەن تۇتۇپ ئۇنى، سولىدى قەپەسكە، ئېلىپ باردى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا. ئۇ تۇتقۇن بولغاچ ئۇ يەردە، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا. 10 ئاناڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈم تېلىغا ئوخشار، ئۈزۈم تېلى تىكىلگەچ سۇ بويىغا، مېۋىسى مول، ياپراق، شاخلىرى قويۇق ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىدى مول سۇ بويىدا. 11 ئۇنىڭ شاخلىرى پادىشاھنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى بولغۇدەك قاۋۇل ئىدى، باشقا ئۈزۈم تاللىرىغا قارىغاندا ئېگىز ئۆسكەنىدى. ئۇنىڭ ياپراقلىرى ناھايىتى قويۇق ئىدى ۋە ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگىلى بولاتتى. 12 لېكىن ئۇ غەزەپ بىلەن يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ، يەرگە تاشلاندى. چۆلدىن كېلىدىغان ئىسسىق شەرق شامىلى مېۋىلىرىنى قۇرۇتتى، باراقسان شاخلىرىمۇ قۇرىدى. ئوت ئۇنى يالماپ يوقاتتى. 13 ئەمدى ئۇ چۆلگە، يەنى قۇرغاق سۇسىز يەرگە تىكىلدى. 14 ئوت ئۇنىڭ شاخلىرىدىن تۇتىشىپ، مېۋىلىرىنى كۆيدۈرگەنىدى، سەلتەنەت ھاسىسى بولغۇدەك بىرەر قاۋۇل شېخىمۇ قالمىغانىدى.» بۇ بىر مەرسىيەدۇر، بۇنى مەرسىيە قىلىپ ئېيتىڭلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti