ئەزەكىئەل 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەركىم ئۆز گۇناھىغا جاۋابكاردۇر 1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 2 _ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ھەققىدە ئېيتىلغان «ئاتا-ئانىسى توڭ ئۈزۈم يېسە، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ» دېگەن ماقالنى قايتا تىلغا ئالىسىلەر؟ 3 مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئەمدى ئىسرائىلىيەدە بۇ ماقالنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولىسىلەر. 4 چۈنكى پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تەۋەدۇر، ئاتىمۇ، بالىمۇ ماڭا تەۋەدۇر. كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ. 5 ئەگەر ئادىل ھەم دۇرۇس ئىش قىلىدىغان ھەققانىي بىر ئادەم بار دېيىلسە، 6 ئۇ تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى يېمىسە، ئىسرائىللار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنمىسا، زىنا قىلمىسا، ھەيزدار ئايالغا يېقىنلاشمىسا، 7 باشقىلارنى بوزەك قىلمىسا، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە، 8 قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، ئادالەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرسا، ئادالەت بىلەن ئىش بېجىرسە، 9 مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە چىن قەلبىدىن ئەمەل قىلسا، ئۇ ئادەم ھەققانىي ئادەمدۇر، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 10 ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ زوراۋان بىر ئوغلى بار دېيىلسە، ئۇ قان تۆكۈپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىلمىشلارنىڭ بىرەرسىنى قىلسا، 11 ئۆز ئاتىسى ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان يامان ئىشلارنى قىلسا، يەنى تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ بۇتقا ئاتالغان قۇربانلىق گۆشلەرنى يېسە، زىنا قىلسا، 12 نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلسا، ئوغرىلىق قىلسا، باشقىلار گۆرۈگە قويغان نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، بۇتقا چوقۇنۇپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا، 13 قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالسا، بۇ ئوغۇل يەنە ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، چۈنكى ئۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇ چوقۇم ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن. 14 ئەگەر ئاشۇ زوراۋان ئوغلىنىڭ بىر بالىسى بار دېيىلسە، ئۇ ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ، ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭمىسا، 15 تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېمىسە، ئىسرائىللار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنمىسا، زىنا قىلمىسا، 16 باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالمىسا، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە، 17 نامراتلارغا بېسىم قىلمىسا، قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ. 18 لېكىن ئۇنىڭ ئاتىسىغا كەلسەك، ئۇ باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلغان، ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان ۋە نۇرغۇن ھەقسىزلىقلارنى قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ. 19 سىلەر: «بالىسى نېمە ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتمايدۇ؟» دەپ سورايسىلەر. چۈنكى بالىسى ئادىل ھەم دۇرۇس ئىش قىلدى، مېنىڭ قانۇنۇمغا ئەمەل قىلدى، شۇڭا ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ. 20 كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ. بالىسى ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا، ئاتىسىمۇ بالىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا جاۋابكار ئەمەستۇر. ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىغا لايىق ئىنئامغا ئېرىشىدۇ، رەزىللەر رەزىللىكىگە لايىق جازالىنىدۇ. 21 ئەگەر رەزىل ئادەم گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا ۋە ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ. 22 ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان توغرا ئىشلىرى سەۋەبىدىن ھايات قالىدۇ. 23 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق سورايمەنكى، ئەجەبا، رەزىللەر ئۆلسە، مەن خۇرسەن بولارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ گۇناھلىق يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالىمايمەنمۇ؟ 24 ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، رەزىللەر بىلەن بىرگە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا، ئەجەبا بۇنداق ئادەم يەنىلا ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ مەن بۇنداق ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن، ئۇ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. 25 لېكىن سىلەر: «ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر» دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاڭلاڭلار، مېنىڭ ئەمەس، بەلكى دەل سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئادالەتسىزلىكتۇر! 26 ئەگەر ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ، قىلغان ئادالەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن چوقۇم ھالاك بولىدۇ. 27 ئەگەر رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. 28 چۈنكى ئۇ ھوشىنى تېپىپ، گۇناھىدىن قول ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ. 29 لېكىن سىلەر ئىسرائىللار: «ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر» دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، مېنىڭ ئەمەس، بەلكى دەل سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئادالەتسىزلىكتۇر! 30 شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ئىسرائىل خەلقى، مەن ھەربىرىڭلارنى قىلمىشلىرىڭلارغا لايىق جازالايمەن! گۇناھىڭلارنىڭ سىلەرنى نابۇت قىلماسلىقى ئۈچۈن، توۋا قىلىپ، گۇناھلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈڭلار. 31 سىلەر بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىق ئىشلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈپ، قەلبىڭلارنى ۋە روھىڭلارنى يېڭىلاڭلار. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ھالاك بولۇشنى خالامسىلەر؟ 32 مەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھالاك بولۇشىدىن خۇرسەنلىك ھېس قىلمايمەن. توۋا قىلىڭلار، ھايات قالىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti