Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ۋاپاسىز يېرۇسالېم ھەققىدىكى تەمسىل

1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2 _ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال.

3 ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سېنىڭ نەسەبىڭ يات كەنئاندىندۇر، سەنمۇ ئۇ يەردە تۇغۇلدۇڭ. ئاتاڭ ئامور خەلقىدىن، ئاناڭ خىت خەلقىدىندۇر.

4 سەن تۇغۇلغان ۋاقتىڭدا كىندىكىڭنى كېسىپ، تېنىڭنى يۇيۇپ تۇز سۈرتىدىغان ۋە زاكىلايدىغان ئادەم يوق ئىدى.

5 ھېچكىم ساڭا ئىچ ئاغرىتمايتتى، ھېسداشلىق قىلمايتتى. ھېچكىم سەن ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايتتى. سەن تۇغۇلغاندىلا كىشىلەر سېنى ئۆچ كۆرۈپ، دالاغا تاشلىۋەتكەنىدى.

6 مەن سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سېنىڭ قان ئىچىدە تېپچەكلەۋاتقانلىقىڭنى كۆردۈم ھەم قان ئىچىدە ياتقان ساڭا: ‹ھايات قال› دېدىم. شۇنداق، قان ئىچىدە ياتقان ساڭا: ‹ھايات قال› دېدىم.

7 مەن سېنى خۇددى ئېتىزدىكى گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلغاندەك پەرۋىش قىلدىم. سېنىڭ بويۇڭ ئۆسۈپ، يېتىلدىڭ، گۈزەللەشتىڭ، كۆكرەكلىرىڭ تولدى، چاچلىرىڭ ئۆستى، لېكىن سەن يەنىلا يالىڭاچ ئىدىڭ.

8 كېيىن مەن يەنە سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم. سەن قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىغا تولغانىدىڭ. مەن سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭگە كىيىمىمنى يېپىپ قويدۇم. سەن بىلەن توي قىلىشقا ئەھدە قىلدىم، سەن مېنىڭ بولدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9 مەن بەدىنىڭدىكى قانلارنى يۇيۇپ، تېرىلىرىڭگە زەيتۇن يېغى سۈرتتۈم.

10 ئاندىن ئۇچاڭغا كەشتىلىك كىيىم، پۇتۇڭغا ئېسىل چورۇق كىيدۈرۈپ، ئۈستۈڭگە ئېسىل زىغىر ۋە يىپەك رەخت ياپتىم.

11 مەن سېنى زىبۇ-زىننەت بىلەن ياساندۇردۇم، قولۇڭغا بىلەزۈك سالدىم، بوينۇڭغا زەنجىر ئاستىم،

12 بۇرنۇڭغا ۋە قۇلاقلىرىڭغا ھالقا تاقىدىم، بېشىڭغا چىرايلىق تاج كىيدۈردۈم.

13 سېنىڭ تاقىغان زىبۇ-زىننىتىڭ ئالتۇن-كۈمۈش، كىيگىنىڭ ئېسىل زىغىر رەختتە ۋە يىپەك رەختتە قىلىنغان كىيىم، كەشتىلىك كىيىم، يېگىنىڭ سۈپەتلىك ئۇن، ھەسەل ۋە زەيتۇن يېغى بولدى. سەن تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، خانىشلىققا ئۆستۈرۈلدۈڭ.

14 داڭقىڭ ئەللەرگە تارالدى. چۈنكى مېنىڭ ساڭا بەرگەن سالاپىتىم سېنىڭ گۈزەللىكىڭنى تېخىمۇ تىللاردا داستان قىلغانىدى. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

15 لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشىنىپ ۋە شۆھرىتىڭدىن پايدىلىنىپ، پاھىشىلىك قىلدىڭ. يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىلەر بىلەن زىنا قىلدىڭ. گۈزەللىكىڭدىن ئۇلارنى بەھرىمەن قىلدىڭ.

16 سەن كىيىمىڭ بىلەن بۇتخانىنى چىرايلىق بېزەپ، ئۇ يەردە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى!

17 مەن ساڭا بەرگەن ئالتۇن-كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەردىن ئەر بۇتلارنى ياساپ، مەيلىڭنى ئۇلارغا بەردىڭ.

18 سەن ئۇلارغا كەشتىلىك كىيىملىرىڭنى كىيدۈردۈڭ، ساڭا بەرگەن زەيتۇن يېغىمنى ۋە خۇش پۇراقلىق ئسرىقىمنى ئۇلارغا ھەدىيە قىلدىڭ.

19 مەن سېنىڭ يېيىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن سۈپەتلىك ئۇن، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە تىزىپ قويدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

20 سەن يەنە ماڭا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-قىزلىرىڭنى بۇتلارغا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ. ئەجەبا، سېنىڭ قىلغان باشقا بۇزۇقچىلىقلىرىڭ يەتمىگەنمىدى؟!

21 سەن مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىمنى ئۆلتۈرۈپ، بۇتقا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ.

22 سەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى ۋە بۇزۇقچىلىقلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۆزۈڭنىڭ بالىلىق ۋاقتىڭدىكى يالىڭاچ ھالىتىڭنى ۋە قان ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان كۈنلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغانمىدىڭ؟!

23 مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ھالىڭغا ۋاي، ھالىڭغا ۋاي! سەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىپلا قالماي،

24 يەنە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭگە سۇپا ياسىدىڭ، ھەرقايسى مەيدانلارغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇردۇڭ.

25 ھەربىر كوچىنىڭ ئىككى بېشىغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىنى دەپسەندە قىلدىڭ. سەن يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ.

26 ھەتتا ئىشقىۋاز قوشنىمىز مىسىرلىقلار بىلەنمۇ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ.

27 شۇڭا مەن سېنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈردۈم، زېمىنىڭنى ئازايتتىم. سېنى دۈشمەنلىرىڭ بولغان فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم، ئۇلارمۇ بۇزۇقچىلىقىڭدىن نومۇس قىلدى.

28 سەن تويماس ھاۋايى-ھەۋىسىڭنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاسسۇرلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ، لېكىن يەنىلا قانمىدىڭ.

29 سودىگەرلەر يۇرتى بولغان بابىللىقلار بىلەنمۇ بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ، لېكىن يەنىلا قانمىدىڭ.›

30 مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹سېنىڭ شاللاقلىقىڭ چېكىگە يەتتى، سەن نومۇسنى بىلمەيدىغان بىشەم پاھىشىگە ئوخشايسەن.

31 سەن ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا سەجدىگاھ، ھەربىر مەيدانغا ئېگىز بۇتخانا ياسىدىڭ، لېكىن بىر تىيىنمۇ ھەق ئالمىدىڭ. ئەمەلىيەتتە سەن بىر پاھىشىگىمۇ يەتمەيسەن.

32 سەن بىر بۇزۇقسەن، ئۆزۈڭنىڭ ئېرى بىلەن ئەمەس، بەلكى يات ئەرلەر بىلەن بىرگە بولۇشنى خالايسەن.

33 پاھىشىلەر پاھىشىلىك قىلسا، ھەق ئالىدۇ، لېكىن سەن ئەكسىچە ھەممە ئاشنىلىرىڭغا سوۋغات بېرىسەن. سەن ئاشنىلىرىڭنىڭ ھەممە يەردىن كېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن پارا بېرىسەن.

34 سەن باشقا پاھىشىلەرگە ئوخشىمايسەن، ھېچكىم ساڭا ھەق بەرمەيدۇ، ئەكسىچە سەن ئۇلارغا ھەق بېرىسەن. سەن ھەقىقەتەن باشقا پاھىشىلەرگە ئوخشىمايسەن.›

35 ئەي پاھىشە يېرۇسالېم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.

36 مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹سەن ئىشقىۋازلىق قىلدىڭ، كىيىملىرىڭنى سېلىپ، ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. بارلىق يىرگىنچلىك بۇتلارغا چوقۇندۇڭ. ئۆزۈڭنىڭ پەرزەنتلىرىڭنىڭ قېنىنى بۇتلارغا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ.

37 شۇڭا مەن سەن ياخشى كۆرىدىغان ھەم نەپرەتلىنىدىغان ھەممە ئاشنىلىرىڭنى يىغىپ ئەكېلىپ، ئۇلارنى ساڭا ھەممە تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلاپ، تېنىڭنى ئۇلارغا سازايى قىلىمەن.

38 سېنى خۇددى بۇزۇق ۋە قاتىل ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن.

39 مەن سېنى ئاشنىلىرىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چاقىدۇ، ئېگىز سېلىنغان بۇتخانىلىرىڭنى تۈزلىۋېتىدۇ، كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇپ، ئېسىل گۆھەرلىرىڭنى بۇلاپ كېتىدۇ، سەن يالىڭاچ قالىسەن.

40 ئۇلار يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە سېنى چالما-كېسەك قىلىدۇ، قىلىچ بىلەن چاپىدۇ.

41 ئۆيلىرىڭنى كۆيدۈرۈپ، سېنى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايدۇ. مەن سېنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىڭنى توسىمەن، ئەمدى ئاشنىلىرىڭغا ھەق تۆلىمەيسەن.

42 شۇندىلا مېنىڭ ساڭا بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ، قەھر-غەزىپىم يوقىلىپ، راھەتلىنىپ قالىمەن، قايتا غەزەپلەنمەيمەن.

43 ياش ۋاقىتلىرىڭدا ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ. قاراپ تۇر، سېنى چوقۇم قىلمىشىڭغا لايىق جازالايمەن. ئەي يېرۇسالېم، سېنىڭ قىلغان ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ يەتمەسمىدى، نېمىشقا يەنە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ؟ بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›

44 ئەي يېرۇسالېم، كىشىلەر سەن ھەققىدە: ‹قىز ئانىسىنى تارتار› دەپ تەمسىل قىلىشىدۇ.

45 سەن ھەقىقەتەن ئاناڭنىڭ قىزىسەن. ئاناڭ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆچ كۆرگەنىدى. سەنمۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭغا ئوخشايسەن، ئۇلارمۇ ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ. سېنىڭ ئاناڭ خىت خەلقىدىن، ئاتاڭ ئامور خەلقىدىندۇر.

46 ئاچاڭ سامارىيەدۇر، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى شىمالىڭدا، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سېنىڭ جەنۇبۇڭدا ياشايتتى.

47 سەن ئۇلارنىڭ يولىدا يۈرۈپ، يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ جەھەتتە ناھايىتى تېزلا ئۇلاردىن ئېشىپ كەتتىڭ.

48 مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سەنچىلىك ۋە قىزلىرىڭچىلىك رەزىللىك قىلمىغان.

49 سىڭلىڭ سودومنىڭ گۇناھى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ۋە قىزلىرى راھەت-پاراغەتتىن شۇنچىلىك مەغرۇر ۋە تويماس بولۇپ كەتكەنىدىكى، ئۇلار كەمبەغەللەرگە ۋە موھتاجلارغا زىنھار ئىچ ئاغرىتمايتتى.

50 ئۇلار شۇنچىلىك ھاكاۋۇر بولۇپ، ئالدىمدا نۇرغۇن يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم.

51 سامارىيەنىڭ گۇناھلىرى سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ. سەن قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلار ئۇلار قىلغان قىلمىشلاردىن تېخىمۇ كۆپتۇر. شۇڭا سىڭىللىرىڭ ساڭا قارىغاندا پاك كۆرۈنىدۇ.

52 سەن سىڭىللىرىڭغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ساڭا قارىغاندا پاك كۆرسەتكەن ئىكەنسەن، ئۇنداقتا سەن خورلۇقنى قوبۇل قىل! چۈنكى سېنىڭ گۇناھلىرىڭ سىڭىللىرىڭنىڭ گۇناھلىرىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر. شۇڭا ئۇلار ساڭا قارىغاندا پاك كۆرۈنىدۇ. ئەمدى سەن قىلغان گۇناھلىرىڭدىن نومۇس ھېس قىلىپ، خورلۇقنى قوبۇل قىل!

53 سىڭىللىرىڭ سودوم ۋە سامارىيەنى قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتا گۈللەندۈرىمەن، سېنىمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گۈللەندۈرىمەن.

54 سەن ئۆزۈڭنىڭ شەرمەندىچىلىكىڭدىن نومۇس قىلىسەن. سىڭىللىرىڭ بولغان سودوم ۋە سامارىيە سېنىڭ قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭدىن تەسەللىگە ئىگە بولىدۇ.

55 سىڭىللىرىڭ سودوم ۋە سامارىيە قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇرۇنقى گۈللەنگەن چاغلىرىغا قايتىدۇ، سەنمۇ قايتىدىن گۈللىنىسەن.

56-57 سەن مەغرۇر چاغلىرىڭدا، رەزىللىكلىرىڭ تېخى ئاشكارىلانمىغان ۋاقىتلاردا، سىڭلىڭ سودوم سېنىڭ مەسخىرە نىشانىڭغا ئايلىنىپ قالغانىدى. لېكىن ھازىر سەن ئىدوملۇق ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا ئەتراپىڭدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدىڭ. ھېچكىم سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

58 سەن بۇزۇقچىلىق ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

59 مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹سەن قىلغان قەسىمىڭگە ۋاپا قىلماي، ئەھدىمىزنى بۇزدۇڭ. شۇڭا قىلمىشىڭغا يارىشا جازالىنىسەن.

60 لېكىن مەن يەنىلا سېنىڭ ياش چاغلىرىڭدا سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇنى يېڭىلاپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن.

61 سەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس ھېس قىلىسەن. گەرچە بۇ ئىش بۇرۇن مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىدە بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قىزلىرىڭ قىلىپ، ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.

62 مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى يېڭىلىغاندا، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.

63 سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan