ئەزەكىئەل 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئۈزۈم تېلى ھەققىدىكى تەمسىل 1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 2 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئۈزۈم تېلىنىڭ باشقا ياغاچلاردىن پەرقى بارمۇ؟ ئورماندىكى دەرەخلەردىن بىرەر ئەۋزەللىكى بارمۇ؟! 3 ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ياكى نەرسە ئاسقىلى بولىدىغان قوزۇق ياسىغىلى بولامدۇ؟! 4 ياق، ئۇ پەقەت ئوتۇنغىلا يارايدۇ! ئۇ كۆيۈپ، چۇچىلا بولۇپ قالسا، ئۇنى يەنە نېمىگە ئىشلەتكىلى بولسۇن؟! 5 كۆيمەستە ھېچنېمىگە يارىمىغان ئۈزۈم تېلى كۆيگەندىن كېيىن يەنە نېمىگە يارىسۇن؟! 6 شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، يېرۇسالېملىقلار ئورمان ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ، مەن ئۈزۈم تېلىنى قانداق ئوتقا تاشلىغان بولسام، ئۇلارنىمۇ شۇنداق تاشلايمەن. 7 مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلار ئوت ئىچىدىن قېچىپ چىقسىمۇ، ئوت يەنىلا ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا قارشى چىققىنىمدىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 8 مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti