Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


سۈرگۈن بولۇش ھەققىدىكى تەمسىل

1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2 _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايسەن. ئۇلارنىڭ كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدۇ، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.

3 شۇڭا سەن خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن باشقا يەرگە كەت. گەرچە ئۇلار ئاسىي بولسىمۇ، ئۇلار سېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىڭنى كۆرۈپ، بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلىشى مۇمكىن.

4 خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. گۇگۇم ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا خۇددى سۈرگۈن قىلىنغاندەك ماڭ.

5 يەنە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تامدىن بىر تۆشۈك تېشىپ،

6 نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يۈدۈپ، شۇ يەردىن كەچ ۋاقتىدا چىقىپ كەت. يۇرتۇڭنى كۆرمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى يېپىۋال. چۈنكى مەن سېنى سۈرگۈن قىلىنىدىغان ئىسرائىللارغا تەمسىل قىلماقچى.

7 شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدىم. كۈندۈزى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نەرسە-كېرەكلىرىمنى خۇددى سۈرگۈنگە ماڭىدىغان ئادەمدەك يىغىشتۇرۇپ، كەچ ۋاقتىدا تامنى تېشىپ، نەرسىلىرىمنى يۈدۈپ، چىقىپ كەتتىم.

8 ئەتىسى سەھەردە پەرۋەردىگار ماڭا:

9 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئاسىي ئىسرائىللار سەندىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىدىغۇ!

10 سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «بۇ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ زىدقىيا ۋە باشقا ئىسرائىللار ھەققىدىكى ئالدىن بېشارەتتۇر.»

11 سەن ئۇلارغا يەنە: «مەن سىلەرگە پەقەت بىر تەمسىل بولدۇم. مەن كۆرسەتكەن ئىشلار چوقۇم كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا يۈز بېرىدۇ» دەپ ئېيت. ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

12 يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ نەرسە-كېرەكلىرىنى يۈدۈپ، كېچىدە يولغا چىقىپ، تامنىڭ تۆشۈكىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ يۇرتىنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن يۈز-كۆزىنى ئېتىۋالىدۇ.

13 مەن تور يېيىپ، ئۇنى تۇتۇپ، بابىللىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىمەن، لېكىن ئۇ بابىللىقلارنىڭ زېمىنىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە شۇ يەردە ئۆلىدۇ.

14 مەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە بارلىق لەشكەرلىرىنى تۆت ئەتراپقا چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى چىقىرىپ، ئۇلارنى قوغلايمەن.

15 ئۇلارنى باشقا ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىپ، يات خەلقلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

16 لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەردە ئۆزلىرى قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى قىلىچتىن، ئاچارچىلىقتىن، ۋابادىن ساقلاپ قالىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

17 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

18 _ ئەي ئادەم بالىسى، تامىقىڭنى تىترەپ تۇرۇپ يە، سۈيۈڭنى قورقۇپ تۇرۇپ ئىچ.

19 ئاندىن سەن بابىلدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىلىيە خەلقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئۇلار تاماقلىرىنى دەككە-دۈككىدە يەيدۇ، سۇلىرىنى ھودۇقۇپ تۇرۇپ ئىچىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئادەمزاتسىز چۆلگە ئايلىنىدۇ.

20 ئادەم ئولتۇراقلاشقان شەھەرلىرى خارابىلىككە، زېمىنلىرى قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ، شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»

21 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

22 _ ئەي ئادەم بالىسى، سىلەر ئىسرائىللاردا: «ۋاقىت كېتەر، بېشارەت يوقار» دەپ بىر ماقال بار.

23 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ ماقالنى ئىسرائىللارنىڭ ئېغىزىدىن يوق قىلىمەن، ئۇلار ئۇنى ئىسرائىلىيەدە ئىككىنچى تىلغا ئالمايدىغان بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ئېيت، ھەممە بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى.

24 ئەمدى ئىسرائىللار ئارىسىدا يالغاندىن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان يالغان بېشارەتلىرى يەتكۈزۈلمەيدۇ.

25 مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، مېنىڭ سۆزۈم چوقۇم كېچىكمەي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەي ئاسىيلار، مېنىڭ سۆزۈم سىلەر ھايات ۋاقتىڭلاردا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

26 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

27 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللار مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئۇنىڭ كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلىرى كۆپ يىللاردىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشارەتلىرى يىراق كەلگۈسى ھەققىدىدۇر.»

28 شۇڭا سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ بىرەرسىمۇ كېچىكمەيدۇ، ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.» بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan