Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يېرۇسالېمدىكى يامان مەسلىھەتچىلەرنىڭ جازالىنىشى

1 شۇ چاغدا روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. مەن ئۇ يەردە 25 ئادەمنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئاززۇرنىڭ ئوغلى يائازانيا ۋە بىنايانىڭ ئوغلى پىلاتيامۇ بار ئىدى.

2 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى كۆپتۇر، ئۇلار شەھەردىكىلەرگە يامان مەسلىھەت بېرىشىدۇ.

3 ئۇلار: «ئۆي سېلىشنىڭ ياخشى پەيتى كەلدى. بىزنىڭ شەھەر خۇددى تۆمۈر قازاندەك مۇكەممەلدۇر، بىز بۇ قازاندىكى گۆشتەك بىخەتەردۇرمىز» دېيىشىدۇ.

4 شۇڭا ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈز، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز.

5 شۇ ئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە ئىسرائىللارغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى دېيىشىمنى ئەمر قىلدى: «مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ئىسرائىللار، ئاغزىڭلاردا ئۇنداق دېگىنىڭلار بىلەن كۆڭلۈڭلاردا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن.

6 سىلەر بۇ شەھەردە نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈردۈڭلار، كوچىلار جەسەت بىلەن تولدى.

7 شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، بۇ شەھەر ھەقىقەتەن قازانغا ئوخشايدۇ. لېكىن گۆش سىلەر ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىدۇر. مەن سىلەرنى بۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىمەن.

8 سىلەر قىلىچتىن قورقىسىلەر، شۇڭا مەن قىلىچنى سىلەرگە تەڭلەيمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9 سىلەرنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىپ، ياتلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن.

10 سىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلىسىلەر. مەن سىلەرنى ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدە جازالايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.

11 بۇ شەھەر سىلەرنى قوغدايدىغان قازان ئەمەستۇر ھەم سىلەرمۇ ئىچىدىكى گۆش ئەمەستۇرسىلەر. مەن سىلەرنى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ چېگراسى ئىچىدە جازالايمەن.

12 شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. چۈنكى سىلەر مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلماستىن، ئەكسىچە ئەتراپىڭلاردىكى قوشنا ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئەگەشتىڭلار.»

13 مەن مۇشۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈۋاتقىنىمدا، بىنايانىڭ ئوغلى پىلاتيا ئۆلدى. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ: _ ئېھ ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن ھايات قالغان ئاشۇ ئازغىنە ئىسرائىللارنىمۇ يوقاتماقچىمۇسەن؟ _ دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا نالە قىلدىم.


سۈرگۈنلەرنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدە

14 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

15 _ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر سېنىڭ تۇغقانلىرىڭ ۋە سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق ئىسرائىللار ھەققىدە مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراق بىر ماكاندىدۇر، شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ زېمىننى بىزگە مۈلۈك قىلىپ بەردى.»

16 شۇڭا سەن سۈرگۈن قىلىنغانلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «گەرچە مەن سىلەرنى يىراقتىكى يات ئەللەرگە تارقىتىۋەتكەن بولساممۇ، لېكىن سىلەر سۈرگۈندىكى ۋاقتىڭلاردا سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈمنى سىلەرگە يار قىلدىم.

17 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى ئەللەر ۋە جايلاردىن يىغىپ ئەكېلىمەن ۋە سىلەرگە ئىسرائىلىيە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن.›»

18 ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زېمىنىدىكى يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك ھەممە بۇتلارنى يوقىتىدۇ.

19 مەن ئۇلارغا سەمىمىي بىر قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تاشتەك قاتتىق يۈرىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا بىر يۇمشاق يۈرەك ئاتا قىلىمەن.

20 شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنىدىغان بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.

21 لېكىن يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك بۇتلارغا قەلبىدىن ئورۇن بەرگەن كىشىلەرنى قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىن ئايرىلىشى

22 كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلدى، چاقلارمۇ تەڭ كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى بار ئىدى.

23 پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شەرقىي تاغ ئۈستىدە توختىدى.

24 غايىبانە ئالامەت ئىچىدە روھ مېنى كۆتۈرۈپ، بابىلدىكى سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ باردى. شۇ ۋاقىتتا غايىبانە ئالامەت كۆز ئالدىمدىن غايىب بولدى.

25 پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلغان ھەممە نەرسىنى سۈرگۈندىكى كىشىلەرگە ئېيتىپ بەردىم.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan