Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەزەكىئەل 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ئىبادەتخانىدىن ئايرىلىشى

1 غايىبانە ئالامەتتە مەن كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىدا كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى كۆردۈم.

2 پەرۋەردىگار ھېلىقى زىغىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىم كىيگەن ئادەمگە: _ سەن كېرۇبلارنىڭ ئاستىدا ئايلىنىۋاتقان چاقلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ، ئالىقىنىڭنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چوغ بىلەن تولدۇرۇپ، ئاندىن چوغلارنى شەھەرگە چاچقىن، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ كىرىشىنى كۆزىتىپ تۇردۇم.

3 ئۇ كىرگەن ۋاقتىدا، كېرۇبلار ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئىچكىرىكى ھويلا بۇلۇتقا تولغانىدى.

4 بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانا ئىچىدىكى ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. ئىبادەتخانا بۇلۇتقا، ئىچكىرىكى ھويلا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ يورۇقلۇقىغا تولدى.

5 ھېلىقى تۆت دانە كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنى قاققان ۋاقتىدا چىققان ئاۋازى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى ئاۋازىغا ئوخشايتتى. بۇ ئاۋازنى تاشقىرىقى ھويلىدىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.

6 پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيگەن ئادەمگە: «سەن كېرۇبلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، چاقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئوت ئالغىن» دەپ ئەمر قىلدى، ئۇ ئادەم كىرىپ، بىر چاقنىڭ يېنىدا تۇردى.

7 بىر كېرۇب قولىنى كېرۇبلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوتقا سوزۇپ ئوت ئېلىپ، زىغىر رەختتىن كىيىم كىيگەن ئادەمنىڭ ئالقىنىغا قويدى. ئۇ ئادەم ئوتنى ئېلىپ، چىقىپ كەتتى.

8 كېرۇبلارنىڭ قانىتىنىڭ ئاستىدا قول باردەك قىلاتتى.

9 قارىسام، تۆت نەپەر كېرۇبنىڭ يانلىرىدا بىردىن چاق تۇرۇپتۇ. چاقلار سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى.

10 ھەممە چاق ئوخشاش كۆرۈنەتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئىچىدە يەنە بىردىن چاق بار ئىدى.

11 كېرۇبلار تۆت تەرەپكە بۇرۇلمايلا ماڭالايتتى. باشتىكى چاق قاياققا ھەرىكەت قىلسا، قالغانلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، شۇ ياققا ھەرىكەت قىلاتتى، بۇرۇلمايتتى.

12 كېرۇبلارنىڭ بەدىنىنى، يەنى دۈمبىلىرى، قوللىرى ۋە قاناتلىرىنى كۆز قاپلىغانىدى، تۆت چاقلارمۇ شۇنداق ئىدى.

13 مەن چاقلارنىڭ «ئايلىنىۋاتقان چاقلار» دەپ ئاتالغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

14 ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى. بىرىنچىسى ئۆزىنىڭ ئەسلى يۈزى ئىدى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزىگە، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزىگە، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزىگە ئوخشايتتى.

15 كېيىن بۇ كېرۇبلار يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. ئۇلار دەل مەن كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن مەخلۇقلار ئىدى.

16 كېرۇبلار ھەرىكەت قىلسا، يېنىدىكى چاقلارمۇ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلاتتى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلاردىن ئايرىلمايتتى.

17 كېرۇبلار توختىسا، چاقلارمۇ توختايتتى. كېرۇبلار يۇقىرىغا كۆتۈرۈلسە، چاقلارمۇ بىرلىكتە كۆتۈرۈلەتتى. چۈنكى بۇ مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى.

18 ئۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئايرىلىپ، كېرۇبلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدە توختىدى.

19 مەن كېرۇبلارنىڭ قانىتىنى قېقىپ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، چاقلارنىڭمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا توختىدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى.

20 بۇ مەخلۇقلارنى مەن كىبار قانىلى بويىدا ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئاستىدا كۆرگەنىدىم. ئەمدى چۈشىنىپ يەتتىمكى، ئۇلار ئاشۇ كېرۇبلار ئىكەن.

21 ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆتتىن يۈزى، تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرىنىڭ ئاستىدا بىردىن ئادەمنىڭكىدەك قولى بار ئىدى.

22 ئۇلارنىڭ يۈزلىرى مەن كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن مەخلۇقلارنىڭ يۈزلىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئۇلار ئالدىغا قاراپ ئۇدۇللا ماڭاتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan