Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پاقا ئاپىتى

1 ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن يەنە پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىمىز: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي.

2 ئەگەر يەنە رەت قىلساڭ، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، پۈتۈن زېمىنىڭغا پاقا ئاپىتى بىلەن زەربە بېرىمەن.

3 نىل دەرياسى پاقىغا تولۇپ كېتىدۇ. پاقىلار دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ھەتتا تۆشەكلىرىڭگە كىرىدۇ. ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگە، ھەتتا ئوچاقلىرىغا، تەڭنىلىرىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىدۇ.

4 سېنىڭ ئۇچاڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغىمۇ يامىشىدۇ› دەيدۇ» دېگىن.

5 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ سەن ھارۇنغا: «تاياق تۇتقان قولۇڭنى مىسىردىكى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. مىسىر زېمىنىنى پاقىلار بىلەن تولدۇرۇۋەت» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى.

6 شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرىغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، مىسىر زېمىنىنى پاقىلار قاپلىدى.

7 بىراق مىسىردىكى سېھىرگەرلەرمۇ سېھىر ئىشلىتىپ، مىسىر زېمىنىدا پاقا پەيدا قىلدى.

8 پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا: _ پەرۋەردىگاردىن پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. شۇندىلا خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارىغا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، _ دېدى.

9 مۇسا جاۋابەن: _ بولىدۇ، سىز بىر ۋاقىت بەلگىلەڭ. مەن سىزگە، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە خەلقىڭىزگە دۇئا قىلاي. شۇ چاغدا پاقىلار سىلەردىن ۋە ئۆيلىرىڭلاردىن يوقىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىكى پاقىلاردىن باشقا پاقىلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، _ دېدى.

10 پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ ئەتىلا دۇئا قىل، _ دېدى. مۇسا: _ سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن. شۇندىلا سىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن باشقا ھېچقانداق خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ قالىسىز.

11 پاقىلار سىزدىن، ئوردىڭىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە خەلقىڭىزدىن ئايرىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىلا پاقا قالىدۇ، _ دېدى.

12 شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىشتى. مۇسا پەرۋەردىگاردىن مىسىردىكى پاقىلارنى يوقىتىشنى تىلەپ، دۇئا قىلىپ يالۋۇردى.

13 پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۆي، ھويلا ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىدى.

14 مىسىرلىقلار پاقا ئۆلۈكلىرىنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ توپلىغانىدى، پۈتۈن مىسىر سېسىقچىلىققا تولدى.

15 بىراق پەرۋەردىگار ئالدىن ئېيتقاندەك، پاقىلارنىڭ تامامەن ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.


پاشا ئاپىتى

16 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى يەرگە ئۇر. چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مىسىرنى قاپلايدۇ» دېگىن، _ دېدى.

17 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى. ھارۇن تايىقىنى يەرگە ئۇرۇۋىدى، چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى قاپلاپ كەتتى. مىسىر زېمىنىدىكى چاڭ-توزانلارنىڭ ھەممىسى پاشىغا ئايلاندى.

18 سېھىرگەرلەرمۇ ئۆز سېھىرلىرى بىلەن پاشا پەيدا قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمىدى. ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىنى پاشا قاپلاپ كەتتى.

19 سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە: _ بۇ ئىشنى خۇدا قىلدى! _ دېيىشتى. بىراق دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.


چىۋىن ئاپىتى

20 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەتە تاڭ سەھەردىلا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پىرئەۋن دەريا بويىغا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىمىز: ‹خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي.

21 سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيدىغان بولساڭ، ساڭا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭگە چىۋىنلار توپىنى ئەۋەتىمەن. ئۆيلىرىڭلار چىۋىنلارغا تولىدۇ ۋە ھەممە يەرنى چىۋىنلار قاپلايدۇ.

22 لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىللار ياشاۋاتقان گوشەن ۋىلايىتىنىڭ ئەھۋالىنى باشقىچە قىلىمەن. ئۇ يەر چىۋىنلار توپىدىن خالىي بولىدۇ. شۇندىلا سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ يەردىمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن.

23 مەن ئۆز خەلقىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن. بۇ مۆجىزە ئەتە كۆرۈلىدۇ› دەيدۇ» دەپ ئېيتقىن.

24 پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. توپ-توپ چىۋىنلار پىرئەۋننىڭ ئوردىسىغا ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، پۈتۈن مىسىر زېمىنىنى خاراب قىلىۋەتتى.

25 پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ بارساڭلار بېرىڭلار! بىراق خۇدايىڭلارغا قىلىدىغان قۇربانلىقنى مىسىر چېگراسى ئىچىدە قىلىڭلار! _ دېدى.

26 لېكىن مۇسا: _ بۇنداق قىلساق توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۈچۈن قىلىدىغان قۇربانلىقلىرىمىز مىسىرلىقلارنى يىرگەندۈرىدۇ. ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى يىرگەندۈرىدىغان قۇربانلىقلارنى قىلساق، ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىدۇ!

27 بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمر قىلغىنىدەك ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشىمىز كېرەك، _ دېدى.

28 پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا ئىجازەت بېرەي، لېكىن ئانچە يىراققا كەتمەڭلار. مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.

29 مۇسا جاۋابەن: _ مەن يېنىڭىزدىن چىقىپلا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي. چىۋىنلار توپى ئەتىلا سىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە پۇقرالىرىڭىزدىن ئايرىلىدۇ. لېكىن سىز بىزنى ئالداپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىڭىز كېرەك، _ دېدى.

30 شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.

31 پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، چىۋىنلار توپىنى پىرئەۋن، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالاردىن ئايرىدى. مىسىردا بىر تال چىۋىنمۇ قالمىدى.

32 لېكىن بۇ قېتىممۇ پىرئەۋن يەنە جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشىغا يول قويمىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan