Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: _ مەن سېنى پىرئەۋن ئالدىدا خۇددى مەن خۇدادەك قۇدرەتلىك قىلىمەن. ئاكاڭ ھارۇن سېنىڭ سۆزلىرىڭنى بىر پەيغەمبەر خەلققە يەتكۈزگەندەك پىرئەۋنگە يەتكۈزىدۇ.

2 مەن ساڭا تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارۇنغا يەتكۈز. ھارۇن پىرئەۋندىن ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە ئىجازەت سورىسۇن.

3 لېكىن مەن پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرىمەن، شۇڭا ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مىسىردا مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن.

4 شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. مەن يەنە قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، مىسىرلىقلارغا ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرىمەن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن توپ-توپى بىلەن ئېلىپ چىقىمەن.

5 مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جازالاپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

6 پەرۋەردىگار ئۇلارغا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مۇسا بىلەن ھارۇن دەل شۇنى قىلدى.

7 ئۇلار پىرئەۋن بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىدا، مۇسا 80 ياشتا، ھارۇن 83 ياشتا ئىدى.


ھارۇننىڭ تايىقى

8 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:

9 _ پىرئەۋن سىلەرگە: «ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىڭلارنى بىر مۆجىزە ئارقىلىق ئىسپاتلاڭلار» دەيدۇ. ئەي مۇسا، ئۇ چاغدا سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا تاشلا» دېگىن. تاياق يىلانغا ئايلىنىدۇ، _ دېدى.

10 مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ھارۇن تايىقىنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، تاياق يىلانغا ئايلاندى.

11 پىرئەۋن دەرھال ئۆزىنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە سېھىرگەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار سېھىر ئىشلىتىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى قىلدى.

12 ئۇلارنىڭ ھەربىرى قولىدىكى تاياقنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ يىلىنى ئۇلارنىڭ يىلانلىرىنى يۇتۇۋەتتى.

13 ئەمما پىرئەۋن دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى.


قان ئاپىتى

14 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ پىرئەۋن تولىمۇ جاھىلدۇر. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بېرىشنى خالىمايدۇ.

15 ئەتە ئەتىگەندە ئۇ نىل دەرياسىغا بارىدۇ. سەن دەريا بويىدا كۈتۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش. يىلانغا ئايلانغان ھېلىقى تايىقىڭنى قولۇڭغا ئېلىۋال.

16 سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مېنى سىزگە: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي› دەپ ئېيتىشىمنى بۇيرۇدى. سىز باشتىن-ئاخىر سۆزۈمگە قۇلاق سالماي كەلدىڭىز.

17 شۇڭا پەرۋەردىگار: ‹سەن ئەمدى مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمدىن مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن› دەيدۇ. قاراڭ، مەن قولۇمدىكى تاياقنى نىل دەرياسىدىكى سۇغا ئۇرسام، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ،

18 بېلىقلار تامامەن ئۆلىدۇ، نىل دەرياسى سېسىپ كېتىدۇ. مىسىرلىقلار دەريا سۈيىدىن سەسكىنىپ، ئۇنى ئىچەلمەيدۇ.» _ دېدى.

19 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى ئال، قولۇڭنى مىسىردىكى ھەرقايسى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. بۇ چاغدا، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدىكى سۇلار، ھەتتا ئىدىش ۋە تاش كۈپلەردىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ» دېگىن، _ دېدى.

20 مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگار تاپىلىغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈردى. ئۇ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا تايىقىنى كۆتۈرۈپ، نىل دەرياسىنىڭ سۈيىگە ئۇرۇۋىدى، دەريا سۈيى شۇئان قانغا ئايلاندى.

21 نىل دەرياسىدىكى بېلىقلار ئۆلدى. دەريا سۈيى سېسىق پۇراپ، مىسىرلىقلار بۇ سۇنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قان قاپلىدى.

22 بىراق پىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلىرىمۇ سېھىرى ئارقىلىق ئوخشاش ئىشنى قىلدى. نەتىجىدە، دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى رەت قىلدى

23 ۋە بۇرۇلۇپلا ئوردىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ بۇ ئىشقا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىدى.

24 مىسىرلىقلار نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئىچىدىغان سۇ ئىزدەپ، دەريا ئەتراپلىرىنى كولىدى.

25 پەرۋەردىگار نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan