مىسىردىن چىقىش 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرئەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن. ئۇ مېنىڭ قولۇمنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەتتا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، _ دېدى. 2 خۇدا مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى: _ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 3 مەن بۇرۇن ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ھەممىگە قادىر خۇدا بولۇپ زاھىر بولدۇم. لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئاشكارىلىمىدىم. 4 ئەمما مەن ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان كەنئان زېمىنىنى ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدىم. 5 ھازىر مەن ئىسرائىللارنىڭ مىسىرلىقلار تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراپ، داد-پەرياد قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. 6 شۇڭا سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرىمەن. مەن ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن. 7 سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر. 8 مەن سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن ۋە ئۇ يەرنى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.» 9 مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى، لېكىن ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن روھسىزلانغان ئىسرائىللار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. 10 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: 11 _ سەن پىرئەۋننىڭ، يەنى پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشنى ئېيتقىن، _ دېدى. 12 مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ سۆزۈمگە ئىسرائىللار قۇلاق سالمىغان يەردە پىرئەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن تىلى ئېغىر بىر ئادەم تۇرسام! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. 13 لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: _ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «خۇدا بىزنىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن پىرئەۋنگە ئەمر قىلدى» دەڭلار _ دېدى. مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئەجدادلىرى 14 تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى بىر قىسىم جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر. ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى قاتارلىق تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. 15 شىموننىڭ يىمۇئېل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، زوخار ۋە كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. 16 لاۋىينىڭ گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. لاۋىي 137 يىل ئۆمۈر كۆردى. 17 گېرشومنىڭ لىبنى ۋە شىمئى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. 18 قوھاتنىڭ ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل قاتارلىق تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇ 133 يىل ئۆمۈر كۆردى. 19 مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر. 20 قوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام 137 يىل ئۆمۈر كۆردى. 21 يىزھارنىڭ كوراھ، نەفەگ ۋە زىكرى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 22 ئۇززىئېلنىڭ مىشائېل، ئەلزافان ۋە سىترى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 23 ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 24 كوراھتىن ئاسسىر، ئەلقانا، ئەبىئاساف ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار كوراھ جەمەتىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بولدى. 25 ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار پۇتىئېلنىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ پىنىخاسنى تۇغدى. مانا بۇلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى. 26 دەل يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھارۇن بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى. 27 پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ مانا مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى. ھارۇننىڭ مۇساغا ۋاكالىتەن سۆزلىشى 28 پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا: 29 _ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، ساڭا دېگەن سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىغا يەتكۈزگىن، _ دېگەنىدى. 30 لېكىن مۇسا: _ مەن يا سۆزمەن بولمىسام، پىرئەۋن مېنىڭ سۆزۈمگە قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti