Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشۈشى

1 شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشۈپ: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «خەلقىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىلى چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي» دەيدۇ، _ دېدى.

2 پىرئەۋن ئۇلارغا: _ مېنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بەرگۈزگۈدەك قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن. ئىسرائىللارنىمۇ قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى.

3 مۇسا بىلەن ھارۇن: _ ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يول بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرسىڭىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ۋە ئۇرۇش بىلەن ھالاك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى.

4 مىسىر پادىشاھى مۇسا ۋە ھارۇنغا: _ بۇ نېمە دېگىنىڭلار! خەلقنىڭ ئىشىغا دەخلى قىلماقچىمۇسىلەر؟ بېرىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار!

5 سىلەر بۇ يەردىكى ئىسرائىللارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىگە قارىماستىن، ئۇلارنى ئىشتىن توختاتماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ _ دېدى.

6 پىرئەۋن شۇ كۈنىلا مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:

7 _ بۇندىن كېيىن ئىسرائىللارنىڭ كېسەك قۇيۇشى ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك سامان يىغىپ بەرمەڭلار! ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن.

8 لېكىن ئۇلار كېسەك سانىنى بۇرۇنقىدەكلا ئورۇندىسۇن. بۇ ساننى كېمەيتىشىڭلارغا قەتئىي بولمايدۇ. ئۇلار ھۇرۇن، ئۇلارنىڭ: «خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دېيىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇ!

9 ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سېلىڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار تىنىم تاپماستىن ئىشلەپ، يالغان گەپلەرگە قۇلاق سېلىشقا ۋاقىتمۇ چىقىرالمايدۇ، _ دېدى.

10 مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشلىرى بېرىپ، ئىسرائىللارغا: _ پىرئەۋن بىزگە: «بۇندىن كېيىن، ئىسرائىللارغا سامان بەرمەڭلار،

11 قەيەردە سامان بولسا، شۇ يەردىن ئۆزلىرى ئەكەلسۇن. بىراق كېسەكنىڭ سانىنى قەتئىي كېمەيتمەڭلار» دەيدۇ، _ دېدى.

12 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار مىسىرنىڭ ھەممە جايلىرىغا بېرىپ، ئېڭىزدىن سامان توپلايدىغان بولدى.

13 ئەمگەك نازارەتچىلىرى ھەر كۈنى ئۇلارنى: «سىلەرگە سامان بېرىلگەن بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدەكلا كۆپ كېسەك قۇيىسىلەر» دەپ قىستىدى.

14 پىرئەۋننىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرى ئۆزلىرى تەيىنلىگەن ئىسرائىل ئىش باشلىرىنى قامچىلاپ، ئۇلارنى: _ نېمىشقا تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن قۇللارغا بۇرۇنقىدەك ساندا كېسەك قۇيدۇرمىدىڭلار؟ _ دەپ سوراق قىلىدىغان بولدى.

15 شۇڭا بۇ ئىش باشلىرى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ جانابى ئالىيلىرى، قۇللىرىغا نېمىشقا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟

16 قۇللىرىغا سامان يەتكۈزۈپ بېرىلمەيۋاتىدۇ، لېكىن بىز يەنىلا بۇرۇنقى ساندا كېسەك قۇيۇشقا بۇيرۇلۇۋاتىمىز. ھازىر قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلار سىلەر مىسىرلىقلارنىڭ خاتالىقى، _ دەپ نالە قىلىشتى.

17 پىرئەۋن ئۇلارغا: _ ھەرقايسىڭ ھۇرۇن، ھۇرۇن نېمىلەرسەن! «پەرۋەردىگارىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ كېلىشكە ئىجازەت بەرگەيلا» دېيىشكەنلىرىڭنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ.

18 دەرھال قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! ھەرقايسىڭغا بېرىلىدىغان سامان يوق. كېسەكنى يەنىلا بۇرۇنقى ساندا تاپشۇرۇشىسەن، _ دېدى.

19 كېسەك سانىنىڭ كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىسرائىل ئىش باشلىرى بېشىغا چوڭ بالا-قازانىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشتى.

20 ئۇلار پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، تاشقىرىدا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مۇسا بىلەن ھارۇنغا:

21 _ سىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارغا پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئەدىبىڭلارنى بەرسۇن. سىلەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا نامىمىزنى سېسىتتىڭلار. ئۇلارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈشىگە باھانە تېپىپ بەردىڭلار، _ دېدى.


خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى ئازاد قىلىشقا ۋەدە قىلىشى

22 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئى ئىگەم، ئۆز خەلقىڭنى نېمىشقا بۇنداق خورلايسەن؟ مېنى بۇ يەرگە نېمىشقا ئەۋەتتىڭ؟

23 مەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ سېنىڭ سۆزلىرىڭنى يەتكۈزگەندىن بېرى، ئۇ خەلقىڭگە تېخىمۇ زۇلۇم سالىدىغان بولدى. ئەمما سەن ئۇلارنى قەتئىي قۇتقۇزمىدىڭ! _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan