Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىبادەت چېدىرىنىڭ ياسىلىشى

1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2 _ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ،

3 ئون پەرز يېزىلغان تاش تاختىلار سېلىنغان ئەھدە ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئۇنى پەردە بىلەن توسۇپ قويغىن.

4 شىرەنى چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۈستىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تىزىپ قويغىن. چىراغداننىمۇ ئېلىپ كىرىپ، چىراغلىرىنى يېقىپ قويغىن.

5 ئالتۇن ئىسرىقداننى ئېلىپ كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا، يەنى پەردىنىڭ سىرتىغا قويغىن. ئاندىن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتىپ قويغىن.

6 كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا قويغىن.

7 پاكلىنىش دېسىنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ قويغىن.

8 چېدىرنىڭ ئەتراپىنى رەختلەر بىلەن توسۇپ، ھويلا ياساپ، كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئېسىپ قويغىن.

9 ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ئۇلارنى ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس بولىدۇ.

10 ئۇنىڭدىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋە ئۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ.

11 پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنىمۇ مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا بېغىشلىغىن.

12 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى بويىنى سۇغا سېلىپ، پاكلىغىن.

13 ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇنى ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا ئۇ مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلالايدۇ.

14 ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا تونچە كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرۈپ،

15 خۇددى ئاتىسىغا ياغ سۈركىگەندەك، ئۇلارغىمۇ مۇقەددەس ياغ سۈركىگىن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلالايدۇ. ئۇلارغا ياغ سۈركىلىش ئۇلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

16 مۇسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.

17 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىردىن چىقىپ ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى تىكتى.

18 مۇسا پۇتلارغا راملارنى ئورنىتىپ، توغرا بالداقلىرىنى بېكىتىپ، تۈۋرۈكلىرىنى ئورناتتى.

19 ئاندىن ئۇ پۈتۈن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپىنى رەخت يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئۈستىنى باشقا يوپۇقلار بىلەن قاپلىدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.

20 ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئەھدە ساندۇقىغا سېلىپ، ئۈستىگە قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى يېپىپ، كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ھالقىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،

21 ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويدى. ئۇنى توسۇپ قويۇش ئۈچۈن پەردىنى ئاستى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.

22 مۇسا شىرەنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنىڭ سىرتىغا قويدى.

23 شىرەگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى تىزدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.

24 ئۇ چىراغداننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە شىرە بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويدى.

25 ئاندىن چىراغداندىكى چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېقىپ قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.

26 ئۇ ئالتۇن ئىسرىقداننى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنىڭ ئالدىغا قويدى.

27 ئاندىن ئىسرىقداندا خۇشبۇي ئىسرىقلارنى كۆيدۈردى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.

28 ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئاستى.

29 ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى قويۇپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.

30 مۇسا پاكلىنىش دېسىنى ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، پاكلىنىش ئۈچۈن داسقا سۇ تولدۇرۇپ قويدى.

31-32 مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىشتىن ياكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە داستىكى سۇ بىلەن پۇت-قولىنى يۇيىدىغان بولدى.

33 مۇسا ئىبادەت چېدىر ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىغا رەخت تارتىپ، ھويلا ياسىدى ھەمدە ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئاستى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتۈن ئىشلارنى تاماملىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىنى قاپلىشى

34 شۇ چاغدا بىر پارچە بۇلۇت ئۇچرىشىش چېدىرىنى قاپلىدى. چېدىر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولدى.

35 مۇسا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرەلمىدى. چۈنكى بۇلۇت چېدىرنى قاپلىغان بولۇپ، چېدىرنىڭ ئىچى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانىدى.

36 چېدىردىن بۇلۇت كۆتۈرۈلگەندە، ئىسرائىللار توختىغان يېرىدىن قوزغىلىپ، سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

37 بۇلۇت قوزغالمىغۇچە، ئۇلارمۇ قوزغالمىدى.

38 ئۇلار پۈتۈن سەپىرى جەريانىدا، كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتىنى چېدىرنىڭ ئۈستىدە كۆرسە، كېچىسى بۇلۇت ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوتنى كۆردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan